تۇرسۇنجان ئابدىۋىلى
ئەللىك ياشتىن ھالقىغان ئانا،
تېنىم تاپماي ئىشلەيدۇ كۈندە.
يىراقتىكى ئوغلىنى ئويلاپ،
كىرپىك قاقماي چىقىدۇ تۈندە.
ئاسان ئەمەس تۇرمۇشنى قامداش،
يولدىشى يوق بۇ تۇل ئانىغا.
پۇل سىلىشى كېرەك ھەر ئايدا،
ئوقۇغىلى كەتكەن ئوغلىغا.
ئوقۇتۇشقا ئوغلىنى ئانا،
باغلىۋەتكەن بېلىنى بەك چىڭ.
ۋاز كەچمەيدۇ ئېرادىسىدىن،
بولسىمۇ گەر داۋان تۈمەنمىڭ.
ئوغۇل
بېرىۋىلىپ ئالىي مەكتەپكە،
ئۇنتۇپ كەتتى ئوغۇل ئەسلىنى.
ياخشىلارنى كۆزىگە ئىلماي،
ئۈلگە قىلدى لۈكچەك-ئەسكىنى.
«تورخانا»دا ئوينايدۇ دائىم،
كۈنلەپ-كۈنلەپ كېىرمەي دەرىسكە.
كىمنى كۆرسە پۇل سوراۋىرىپ،
بوغۇلدى ئۇ قات-قات قەرىزگە.
مەي ئىچىدۇ تېخى بەزىدە،
لۈكچەكلەرگە ئۈلپەتداش بولۇپ.
گەپ ئاتىدۇ قىزلارنى كۆرسە،
ھاراق پۇراپ،دەلدەڭشىپ تۇرۇپ.
*** *** ***
ئانا،ئوغۇل ئېككى خىل دۇنيا،
ئېككىسىدە ئېككى خىل خىيال.
گەپ ئاڭلىماس،بەڭباش ئوغلىغا،
ئانا ئەمدى قىلار نە ئامال...
2008-يىلى9-ئاينىڭ29-كۈنى.
بەرقى تورىدىن ئېلىندى.
ئادىرىسى:
http://www.berqi.com/bbs/viewthread.php?tid=1412