ئالپ شىركىتىنىڭ يېڭى خەت نۇسخىلىرى تارقىتىلدى
تورداشلارغا مەلۇم، بىز (ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئالپ پەن-تېخنىىكا چەكلىك تەرەققىيات شىركىتى) بۇ يىل 3- ئايدا « learType نى قوللايدىغان خەت نۇسخىسى » نى (Uyghur نامىدىكى يېڭى فونتلار ) نى ياساپ تورداشلارغا سۇنغان ئىدۇق.
بىز شۇنىڭدىن كېيىن بۇ خەت نۇسخىلىرىنى قايتىدىن پىششىقلاپ ئىشلەپ تۆۋەندىكى تەرەپلەردە ياخشىلاش ئېلىپ باردۇق.
1- خەت نۇسخىلىرى تېخىمۇ ياخشى ئەلالاشتۇرۇلدى، خەت نۇسخىلىرىنىڭ تور كۆرگۈچلەردە ئۇچۇق چىقماي قېلىش ئەھۋالى پۈتۈنلەي ھەل قىلىندى، ھەم تور بەت ياساش ئۈچۈن Uyghur Ekran، Uyghur Tuz Tom دىن ئىبارەت ئىككى دانە خەت نۇسخىسى ئىشلەپچىقىلدى.
2- ئۇيغۇرچە، قازاقچە، قىرغىزچە خەت نۇسخىلىرىدا ساقلانغان مەسىلىلەردىن، ئۇيغۇرچـە ھەرپـلـەردىن « ـئىـ ، ـئېـ » قوش ھەرىپىنىڭ ئاپتوماتىك بىرىكىشى، « ە » بىلەن « ھ » مەسىلىسىنىڭ بېقىنىش تەۋەلىكىنى ئايرىۋىتىش مەسىلىسى، دۆلەت ئۆلچىمى GB-18030 ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ يەرلىك ئۆلچىمى DB65/2190-2005 دە بېكىتىلگەن « ف 0641 » بىلەن مىكروسوفت شىركىتىـنـىـڭ Windows Vista مەشغۇلات سىستېمىسىدا ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ بۆلۈكىدە ئىشلەتكەن « ف 06A7 » دىن كېلىپ چىققان قوش ئۆلچەم شەكىللىنىش مەسىلىسى. قازاقچە ھەرپلەردىن «ٴ» (ھەمزە) مەسىلىسى، «ٴا، ٴو، ٴۇ، ٴى» ھەرپلىرىنى «ا، و، ۇ، ى» ھەرپلىرىدىن پەرىقلەندۈرۈش چارىسى ھەم ھەل قىلىش ئۇسۇلى قاتارلىقلار.
3- بۇ خەت نۇسخىلىرى بىز ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان ئۆلچەملىك Unecode لىق خەت نۇسخىلىرىنى قوللايدۇ.
يۇقارقى تەرەپلەرنى تورداشلارنىڭ سىناپ كۆرۈشى ۋە تەكلىپ-پىكىرلەرنى بېرىشى ئۈچۈن تۆۋەندە يېڭى خەت نۇسخىلىرىدىن تۆۋەندىكىلەرنى ھەقسىز تەمىنلىدۇق.
Uyghur Ekran، Uyghur Basma، Uyghur Basma Bold، Uyghur Tuz Tom
يۇقارقى تۆت خەت نۇسخىسىنى بۇنى بېسىپ چۈشۈرۈڭ.
«ئالپ يېزىق كىرگۈزۈش يۇمشاق ماتېرىيالى 6.1.0 » نىڭ سىناق نۇسخىسىنى بۇنى بېسىپ چۈشۈرۈڭ. ( بۇنى قاچىلاشتا كومپيۇتېرنى قايتا قوزغىتىش ھاجەتسىز)
«ئالپ يېزىق كىرگۈزۈش يۇمشاق ماتېرىيالى 6.1.0 » نىڭ ئۆلچەملىك نۇسخىسىنى بۇنى بېسىپ چۈشۈرۈڭ. (ھەقلىق يۇمشاق دېتال، باھاسى 50 يۈەن)، سېتىۋېلىشتىن ئاۋۋال ئىشلىتىش ۋە چۈشەندۈرۈش قوللانمىسىنى كۆرۈپ بېقىڭ، چۈشۈرۈش ئادرېسى.
«ئالپ يېزىق كىرگۈزۈش يۇمشاق ماتېرىيالى 6.1.0 » نىڭ كەسپىي نۇسخىسىنى بۇنى بېسىپ چۈشۈرۈڭ. (ھەقلىق يۇمشاق دېتال، باھاسى 100 يۈەن)، سېتىۋېلىشتىن ئاۋۋال ئىشلىتىش ۋە چۈشەندۈرۈش قوللانمىسىنى كۆرۈپ بېقىڭ، چۈشۈرۈش ئادرېسى. (تەپسىلىي كۆرۈپ چىقىشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز، بۇ ماتېرىيالدا ئىشلىتىش ئۇسۇلىدىن سىرت يەنە خەت نۇسخىسى، يېزىق كىرگۈزگۈچكە ئائىت نۇرغۇنلىغان ئۇچۇرلار بېرىلگەن بولۇپ سىزگە بەلگىلىك ياردەم ئېلىپ كېلەلەيدۇ)
« ئالپ يېزىق كىرگۈزۈش يۇمشاق ماتېرىيالى 6.1.0 » ھەقلىق دىتال بولۇپ تۆۋەندە «ئالپ يېزىق كىرگۈزۈش يۇمشاق ماتېرىيالى 6.1.0 »نەشرىدە ھەل قىلىنغان مەسىلىلەر ۋە يېڭىدىن قوشۇلغان مەزمۇنلارنى قىسقىچە چۈشەندۈرۈپ ئۆتىمىز.
1- ئالپ يېزىق كىرگۈزۈش يۇمشاق ماتېرىيالىنىڭ 6.0 نەشرىنىڭ ئاساسىدا ئىشلەنگەن خەت نۇسخىلىرى تېخىمۇ ياخشى ئەلالاشتۇرۇلدى، خەت نۇسخىلىرىنىڭ تور كۆرگۈچلەردە ئۇچۇق چىقماي قېلىش ئەھۋالى پۈتۈنلەي ھەل قىلىندى، ھەم تور بەت ياساش ئۈچۈن مەخسۇس خەت نۇسخىسى ئىشلەپچىقىلدى.
2- ئۇيغۇرچە، قازاقچە، قىرغىزچە خەت نۇسخىلىرىدا ساقلانغان مەسىلىلەردىن، ئۇيغۇرچـە ھەرپـلـەردىن « ـئىـ ، ـئېـ » قوش ھەرىپىنىڭ ئاپتوماتىك بىرىكىشى، « ە » بىلەن « ھ » مەسىلىسىنىڭ بېقىنىش تەۋەلىكىنى ئايرىۋىتىش مەسىلىسى، دۆلەت ئۆلچىمى GB-18030 ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ يەرلىك ئۆلچىمى DB65/2190-2005 دە بېكىتىلگەن « ف 0641 » بىلەن مىكروسوفت شىركىتىـنـىـڭ Windows Vista مەشغۇلات سىستېمىسىدا ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ بۆلۈكىدە ئىشلەتكەن « ف 06A7 » دىن كېلىپ چىققان قوش ئۆلچەم شەكىللىنىش مەسىلىسى. قازاقچە ھەرپلەردىن «ٴ» (ھەمزە) مەسىلىسى،«ٴا، ٴو، ٴۇ، ٴى» ھەرپلىرىنى «ا، و، ۇ، ى» ھەرپلىرىدىن پەرىقلەندۈرۈش چارىسى ھەم ھەل قىلىش ئۇسۇلى قاتارلىقلار ياردەم ھۆججىتىدە تونۇشتۇرۇلىدۇ.
3- ئۇيغۇرچە، قازاقچە، قىرغىزچە يېزىق كىرگۈزۈش بۆلۈكىدىكى كۇنۇپكا تاختىسى ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ئەنئەنىۋى ئۇسلۇبنى ساقلاپ قالغان ئاساستا، بىر قىسىم يېڭى ئىقتىدارلار قوشۇلدى.
4- چاغاتاي ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ كىرگۈزۈش ئۇسۇلى Uyghur Chaghatay ئايرىم تەمىنلەندى.
5- ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز يېزىقلىرىنىڭ سىلاۋىيان ۋە لاتىنچە ھەرپ شەكىللىرى خەت نۇسخىسىدا تولۇق تەمىنلەنگەندى، ئۇيغۇر يېڭى يېزىقى ۋە ۋەكىللىك بەلگىلىرىنى كىرگۈزۈش ئۇسۇلى Uyghur Latin ئايرىم تەمىنلەندى.
6- مىكروسوفت Office دا يېزىق بىرتەرەپ قىلغاندا، خاتا كىرگۈزۈلۈپ قالغان ئۇيغۇرچە، رۇسچە سۆزلەرنى ئاپتوماتىك تۈزىتىش ئىقتىدارى، رۇسچە كوررېكتورلۇق قىلىش سىستېمىسى. يەنە ئۇيغۇرچە، رۇسچە يېزىقچىلىق، جەدۋەل، پرويىكسىيە ئىشلەش ئۆرنەكلىرىدىن 190 نەچچە خىل تەمىنلەندى.
7- رەسىم ۋە ئۈن-سىن ھۆججەتلىرىنى بىرتەرەپ قىلىش قۇراللىرىدا ئۆلچەملىك يۇنىكودلۇق يېزىق كىرگۈزۈشكە بولماي قالغان ئەھۋال ئاستىدا، ئۇيغۇرچە، قازاقچە، قىرغىزچە يېزىقلارنى GB-2312 كودلاش ئۆلچىمىنىڭ ئىشلەتكۈچىلەر كېڭەيتىلگەن رايونىدىن پايدىلىنىپ كىرگۈزۈش ئۇسۇلى بويىچە تەمىنلەنگەن يېزىق كىرگۈزگۈچ. ھەم بۇنىڭدا تەمىنلەنگەن ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە قوش يۈنىلىشلىك لۇغەت تەمىنلەندى.
8- ئۇيغۇچە كۆپ ئىقتىدارلىق قول كۆندۈرۈش مەشىقى يۇمشاق ماتېرىيالى تەمىنلەندى.
9- قۇلايلىق ھەم بىخەتەر بولغان «ئادرېس دەپتىرى» خاتىرە قالدۇرۇش يۇمشاق ماتېرىيالى تەمىنلەندى.
10- بۇ نەشرىدە 60 تىن ئارتۇق خەت نۇسخىسى تەمىنلەندى.
11- تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتلارنى ياردەم ھۆججىتىدىن كۆرگەيسىز.
يۇمشاق ماتېرىيالنى سېتىۋېلىش:
ئالپ كۆپ تىللىق يېزىق كىرگۈزۈش يۇمشاق ماتېرىيالىنى
www.alpsoft.cn،
www.intil.cn ،
www.bilik.cn قاتارلىق تور بېكەتلەردىن چۈشۈرۈۋېلىشقا بولىدۇ. يۇمشاق ماتېرىيالنى توردىن چۈشۈرگەندىن كېيىن، كومپيۇتېرىڭىزغا قاچىلاپ ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، ئاۋۋال ئىشلىگۈچى ئورۇننىڭ ھېسابات نومۇرىغا يۇمشاق ماتېرىيالنىڭ «كەسپىي نۇسخىسى» بولسا 100 يۈەن، «ئۆلچەملىك نۇسخىسى» بولسا 50 يۈەن ئەۋەتسىڭىز بولىدۇ.
ھېساب ئاچقان بانكا
جۇڭگو قۇرۇلۇش بانكىسى
4367 4245 4030 4429 436 吐尔逊.苏里坦坦
جۇڭگو سودا-سانائەت بانكىسى
9558 8230 0200 1086544 吐尔逊.苏里坦坦
جۇڭگو يېزا ئىگىلىك بانكىسى
95599 8089 01863 87118 吐尔逊.苏里坦坦
«قاچىلاش مەخپىي نومۇرى» نى ئىلتىماس قىلىشنىڭ شەكىللىرى:
1- يۇمشاق ماتېرىيالنىڭ ھەققىنى بانكىدىن پرىۋوت قىلىۋەتكەندىن كېيىن 13199886077 نومۇرلۇق تېلېفونغا سېتىۋالغان يۇمشاق ماتېرىيالنىڭ سوممىسى، ئىسىم – فامىلىڭىز، تۇرۇشلۇق ئادرېسىڭىز، كومپيۇتېرىڭىزنىڭ «كومپيۇتېر خاسلىق نومۇرى» قاتارلىق ئۇچۇرلارنى قىسقا ئۇچۇر ئارقىلىق يوللاپ بەرسىڭىز، بىز سىزگە ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە جاۋاب قايتۇرۇپ، سىزگە «قاچىلاش مەخپىي نومۇرى» نى قىسقا ئۇچۇر ئارقىلىق يوللاپ بېرىمىز.
2- ئېلخەت ياكى QQ دا ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى، سىز يۇمشاق ماتېرىيالنىڭ ھەققىنى بانكىدىن پرىۋوت قىلىۋەتكەندىن كېيىن
alplar@126.com، QQ: 569113038 نىڭ خالىغان بىرىگە ئۇچۇر يوللىسىڭىز ياكى سېتىۋالغان يۇمشاق ماتېرىيالنىڭ سوممىسى، ئىسىم-فامىلىڭىز، تۇرۇشلۇق ئادرېسىڭىز، كومپيۇتېرىڭىزنىڭ «كومپيۇتېر خاسلىق نومۇرى» قاتارلىق ئۇچۇرلارنى يوللاپ بەرسىڭىز، بىز ئۇچۇرنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن دەرھال سىزنىڭ ئالاقىلىشىش قۇراللىرىڭىزغا «كومپيۇتېر خاسلىق نومۇرى» نى يوللاپ بېرىمىز. ئېلخەت ئادرېسىمىزغا ياكى QQ غا ئۇچۇر قالدۇرغاندا تۆۋەندىكى شەكىلدە يوللاپ بېرىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز:
يۇمشاق ماتېرىيالنىڭ سوممىسى: (سوممىسىغا قاراپ يۇمشاق ماتېرىيالنىڭ نەشرىنى پەرقلەندۈرىمىز).
ئىسىم-ئاتىڭىز:
تۇرۇشلۇق ئادرېسىڭىز:
تېلېفون نومۇرىڭىز: (ئۆي، ئىشخانا، يانفونلارنىڭ قايسى بىرى بولسا بولىۋېتىدۇ)
«كومپيۇتېرىڭىزنىڭ خاسلىق نومۇرى»:
ئېلخەت ئادرېسىڭىز:
QQ نومۇرىڭىز:
ئېھتىرام بىلەن:
ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئالپ پەن-تېخنىىكا چەكلىك تەرەققىيات شىركىتى
http://www.alpsoft.cn
2008- يىلى 8- ئاينىڭ 8- كۈنى
تەپسىلاتى
http://www.intil.cn/bbs/ShowPost.asp?ThreadID=8218