تۇرسۇن غازى 1943-يىلى يەكەن ناھىيسىدە قول ھۈنەرۋەن ئائىلىسىدە تۇغۇلغان.1960-يىلى شىنجاڭ سەنئەتئىنىستېتۇتى گۈزەل سەنئەت كەسپىگە ئوقۇشقا كىرگەن.ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كىيىن مەكتەپتەئوقۇتقۇچىبولۇپ ئىشلىگەن،1985-يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كۆرگەزمىخانىغا يۆتكىلىپ كەلگەن.ئۇھازىر ئاپتونوم رايونلۇق كۆرگەزمىخانىنىڭ كۆرگەزمە بۆلۈم باشلىقى .كۆرگەزمە ھۈنەر-سەنئىتى بويىچە كاندىدات تەتقىقاتچى.
ئۇيغۇر نەقىش سەنئىتىدىكى تۈر ئاتالغۇلىرى
-----پەرھات ئىبىراھىم-----
بۇنىڭدىن ئون نەچچە يىل ئىلگىرى كۇچا ناھىيسىدىكى ئاتاقلىق نەققاش، رەسسام پازىل سالى بىلەن نەقىش سەنئىتى ھەققىدە سۆھبەتتە بولغان ئىدىم. پازىل سالىكام ئۇيغۇر نەققاشلىق سەنئىتىدىكى تۈر ئاتالغۇلار ھەققىدە توختىلىپ: »نەقىش ئاتالغۇسى ئەرەبچە سۆز بولۇپ تىلىمىزدىكى ئەندىز، ئۆرنەك، شەكىل، ئىزنا دېگەن ئاتالغۇلار بىلەن تەڭداش، نەققاش دېگەن سۆز گۈل چەككۈچى دېگەن مەنىدە؛ نەققاشلىق سەنئىتى قەدىمى سەنئەت تۈرلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، مېھماندارچىلىقلا ئەمەس، كىيىم - كىچەك، قورال سايمان، زىننەت بۇيۇملىرى ھەتتا يىمەك ئىچمەككىچە سىڭىپ كىرگەن ئەينى چاغدىكى نەققاشلىق سەنئىتى - شۇ زامان، شۇ ماكاننىڭ گۈللىنىشى، ئاۋاتلىشىشى، روناق تېپىشىنىڭ نامايەندىسى بولغان. نەقىش سەنئىتىگە سەل قارىماسلىق كېرەك. ئۇيغۇر نەققاشچىلىق سەنئىتى باشقا سەنئەت تۈرلىرىگە ئوخشاش ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىككە ئىگە، مەسىلەن: »12 مۇقام« تەركىبىدىكى پەنجىگاھ مۇقامى شوخ - قىز جۇۋانلارغا مەنسۈپ قىلىنغان بولسا، ئۇيغۇر نەققاشچىلىقىدىكى بىخ - چىچەك نەقىشىدىكى ئەۋرىشىم سىزىق شەكلى، كەسكىن رەڭ پەرىقلىرى بىلەن شوخ قىز- جۇۋانلارنىڭ مىجەز - خۇلقى، جىلۋىدارلىقىنى ئەسكە سالىدۇ...« دېگەن ئىدى، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، ھەمدە نەقىش سەنئىتىگە بولغان بىر خىل قىززىقىش پەيدا بولۇپ، بۇ ھەقتە مەلۇم ئىزدىنىشلەرنى ئېلىپ باردىم.
ئۇيغۇر نەققاشچىلىقى مىلادىدىن خېلى بۇرۇنقى دەۋرىلەرگە تەئەللۇق بولغان ئارخېئولوگىيلىك قېزىلمىلاردا قزىل، قۇمتۇرا، سىم - سىم، قىزىل قاغوي، بىزەكچىلىك قاتارلىق تاشكېمىردىكى تام رەسىملىرىدىمۇ نامايان قىلىنغان بولۇپ، رەسىملەرنىڭ مەزمۇنى، قۇرۇلمىسى ۋە مۇناسىۋەتلىرى ئارىسىدىكى چاتمىلاردا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينىغان، يېقىنقى زامان ئۇيغۇر نەققاشچىلىقى ئۆزگىچە خاسلىقى، تۈرىنڭ كۆپلىكى، ماسلىشىشچانلىقى، ئىستېمال چېكىنىڭ كەڭلىكى، نەپىسىلىكى، ئۇسلۇبلىرىنىڭ رەڭدارلىقى بىلەن باشقا قېرىنداش مىللەتلەرنىڭ نەققاشچىلىق سەنئىتىدىن زور دەرىجىدە پەرىقلىنىپ تۇرىدۇ. سەنئەتنىڭ باشقا تۈرلىرىمۇ ئز - ئارا تەسىر كۆرىسىتىش بىلەن بىرگە، بەزى جەھەتتە ئۇلارنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى قۇبۇل قىلغان.
گۈزەل سەنئەت ئوبيېكتىپ گۈزەللىك بىلەن سۇبيېكتىپ ھېسياتىنىڭ مەلۇم بىر بوشلۇقتا يارىتىلغان شەكلى، ئۇ شەكىل سەنئىتىدۇر. شۇ شەكىل سەنئىتى تەركىبىدىكى نەقىش سەنئىتىمۇ ئوبيېكتى جەھەتتىن ئاساسەن گۈل - گىياھ، دەل - دەرەخ، جان - جانۋارلار، ئۇچا قاناتلار) ئىسلامىيەتتىن كېيىن باشسىز - كۆزسىز جانلىقلارنىڭ شەكىللىرى ( ۋە تۈرلۈك تەبىئەت ھادىسلىرى قاتارلىقلارنى مەنبە قىلغان بولۇپ، شەكىل ۋە ئىستېمال ئورنىغا قاراپ تۆۋەندىكى ناملىرى بىلەن ئاتىغان :
1. مېھراپچە، 2. ئىسلامچە، 3. چەپراس، 4. شەيتان قۇلۇپ، 5. بىخ، 6. چېچەك، 7. بادام، 8. ئانار، 9. ھاراقپەرمان، 10. پەۋاز، 11. قۇببا، 12. كەمەر، 13. لوڭقا، 14. يۈتۈرمە، 15. تاناب، 16. يوغا، 17. قوراق.
مەلۇم جەھەتتىن ئېيىتقاندا، نەقىشچىلىق سەنئىتى ھازىرقى زامان ئابىستىراكىت ئاڭ ئېقىمدىكى رەسىملەرگە يېقىنلىشىپ كېتىدۇ. پەرقى شۇكى، ئاڭ ئېقىمىدىكى رەسىملەردە شەكىل، رەڭ قاتارلىقلار تەكرارلانمايىدۇ، نەقىش سەنئىتىدە بولسا مەلۇم بىر ئوبىيېكتىنى مۇبالىغە قىلىش، تەكرارلاش ئارقىلىق باشلىنىش بىلەن ئاخىرلىشىش ئورتاق رېتىمغا كىرگۈزۈلىدۇ. تېخنىكىلىق ئىپادىلەش جەھەتتىكى ئاتىلىشى بىر قاتلاق، ئىككى قاتلاق... قاتارلىقلار، ھازىرقى زامان ماتېماتىكىلىق ھېسابلاش ئۇسۇلى بويىچە بويىچە بولۇپ بىر پۈتۈن نەقىشنىڭ مەلۇم بىر نىسبىتى بويىچە ئوڭ - سول، ئاستى قىسىملىرىغا تەكرارلاش ئارقىلىق داۋاملاشتۇرۇلىدۇ.
مەنبە
http://www.kuktulpar.com/nakkaxlih.htm