ئەسسالامۇ ئەلەيكوم تورداشلار:
مەن (پادىچى) 2007 -يىلى 2- ئاينىڭ باشلىرىدا B تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىپ قىلىپ، كۆزۈمنىڭ ئېقى ساپسېرىق سارغىيىپ، ئىشتىھايىم تۇتۇلۇپ، پۇت قولۇم ماغدۇرسىزلىنىپ قالغان ئىدىم. ئاپتونۇم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسىغا بىرىپ قان تەكشۇرتكەندىن كىيىن، B تىپلىق جىگەر ياللۇغى دەپ دىئاگنوز قويدى.جىگەر ئىقتىدارىممۇ ئىنتايىن ناچار چىقتى. ئاندىن مىنى ياتاققا ئالماقچى بولدى. ئەتراپىمدىكى دوستلىرىم ۋە ئۇرۇق - تۇققانلىرىم بىلەن مەسلىھەتلەشكەندىن كىيىن، بۇ كىسەلنى ئۇيغۇر تىبابىتى بويىچە داۋالاتماقچى بولدۇق. شۇ چاغدا بىر دوستۇم ئارقىلىق قاغىلىق ناھىيسىدىكى ئۆزگىچە رىتسىپلىرى بىلەن نام چىقارغان مامۇت ئاخۇن تىۋىپتىن تىلفون ئارقىلىق مەسلىھەت سورىغاندىن كىيىن ئۇ كىشى بىزگە مۇنداق رېتسىپ بۇيرىدى:
-ساپ ھەسەل 1 جىڭ، يېڭى كۆك ئوسما 1 جىڭ، يېڭى ئۆلتۈرۈلگەن قوينىڭ ئۆتى 3 تال،
ئالدى بىلەن ھەسەلنى پاكىز قۇرۇق قازانغا قۇيۇپ، 5 مىنىۇتچە قاينىتىپ، كۆپۈكىنى سۈزۈپ ئېلىۋىتىپ، ئوسمىنى پاكىز يۇيۇپ تازىلاپ، كىچىك توغراپ قايناۋاتقان ھەسەلنىڭ ئۈستىگە سالىمىز، ئاندىن ئۇنى يەنە 5 مىنۇت قاينىتىپ، ئاندىن كىيىن قوينىڭ ئۆت سۇيۇقلۇقىنى ھەسەلنىڭ ئۆستىگە تۆكۈپ، يەنە 5 مىنۇت قايناتقاندىن كىيىن دورا تەييار بولىدۇ. بۇ دورىنى پاكىز، قۇرۇق قاچىدەك بىر نەرسىگە ئېلىۋىلىپ كۈندە ئىككى ۋاق، ئەتىگەن ئاخشامدا چوڭراق قوشۇقتا بىر قوشۇقتىن يەيمىز، دورا يىيىش مۇددىتى 15-20 كۇن ئەتراپىدا بولىدۇ. ئاندىن ئۇنىڭغا قوشۇمچە قىلىپ ئۇسسۇزلىقىغا ئوسما يىلتىزىنىڭ ئۆزىنى چالا سوقتۇرۇپ،ھەر قىتىمدا بىر چىمدىم كەلگۈدەك سېلىپ چاي دەملەپ ئىچىپ بەرسۇن- دىدى. مەن شۇ بۇيىچە دورا تەييارلاپ 20 كۈندىن كۆپرەك يىگەندىن كىيىن، يەنە قايتا قان تەكشۈرتتۈم، نەتىجە يەنىلا بۇرۇنقىدەك ئىدى، دوختۇرلاردىن سورىسام، مىنى 2- دوختۇرخانىغا بىرىپ B تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسىنىڭ DNA سىنى تەكشۈرتۈپ بىقىشنى تەۋسىيە قىلىدى. تەكشۈرتكەندىن كىيىن نەتىجىسى شاۋسەنياڭ ( 小三阳) چىقتى. دىمەك ئاللاھنىڭ ئىلتىپاتى بىلەن ئاشۇ دورىلار ئۈنۈم بىرىپ كىسەللىك ۋىرۇسى كونتىرول قىلىنىپ، باشقىلارغا يۇقمايدىغان ھالەتكە ئۆتۈپتۇ. شۇندىن كىيىن مەن ئارىلاپ-ئارىلاپ بوزۇرى جەۋھىرى، ئەبرىشىم شەربىتى دىگەن دورىلارنى ئىچىپ قويدۇم. بۇ يىل 2-ئاينىڭ باشلىرىدا تېلۋىزوردىن خۇالىڭ بازىرىنىڭ قىيپاش ئۇدۇلىغا جايلاشقان ئەيدېخۇا (爱德华) دوختۇرخانىسىنىڭ B تىپلىق جىگەر ياللۇغى بىمارلىرىنى مەخسۇس داۋالايدىغانلىقىنى، بىرقىسىم تەكشۇرۇش ھەققى ئىلىنمايدىغانلىقىنى ئاڭلاپ، تېلفۇن ئارقىلىق تىزىملاتقاندىن كىيىن بىرىپ يەنە قان تەكشۇرتتىم، B تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسىنىڭ 5 تۈرلۈك تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە مەندە بۇ خىل ۋىرۇس يوق بولۇپ چىقتى. تەكشۇرۇش نەتىجىسىنى بەرگەن سېستىرا ماڭا: - سەن مەندە جىگەر ياللۇغى بار دىگەنتىڭغۇ، ھىچنىمە چىقمىدى، سەن بىزنى ئالداپ ھەقسىز قان تەكشۈرتىۋاپسەن دەيدۇ. ئۆزەممۇ بىر ئىشىنىپ بىر ئىشەنمەي قەغەزگە قارىسام 5 تۈرنىڭ ھەممىسى يىنشىڭ (阴性) تۇرىدۇ. دىمەك ۋىرۇس مەندىن تەلتۈكۈس يوقالغان ئىدى. مۇشۇ نەتىجە چىققاندىن كىيىن بۇ دورا رىتسىپىدىن تورداشلارمۇ پايدىلىنىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس دىگەن مەقسەتتە دىيارىم مۇنبىرىگە يوللىدىم. ئەگەر تېخمۇ تەپسىلىي جەريانىغا قىزىقساڭلارQQ دا ئالاقىلەشسەك بولىدۇ.
مەنبە
http://www.intil.cn/bbs/ShowPost.asp?ThreadID=1555