بۇ تېما جەمئىي 1002 قېتىم كۆرۈلدى.
يېڭى تېما يوللاش
بېسىپ چىقىرىش

[ھېكايە]ئۈرۈمچىدە ئەر يوقمىدۇ؟

بۇ تېما yolyar تەرىپىدىن نادىرلاندى.ۋاقتى:2008-11-30 22:17

[ھېكايە]ئۈرۈمچىدە ئەر يوقمىدۇ؟

ئادىشاۋوي نېمە بولدڭلار؟
-    نېمە بوپتىمەن؟
-    چىرايىڭ باشقىچە تۇرىدىغۇ، ئۇتتۇرىۋەتكەن قىمارۋازدەك؟ ئايالىڭ خېتىڭنى بېرىۋەتمىگەندۇ؟
-    تولا چاخچاق قىلمىغىنا؟ «ئىشەك ئۆلەۋاتسا، بىر نېمىسى غىچەك تارتىپتۇ» دېگەندەك؟
-    ئەمىسە نېمە بولدۇڭ؟
-    نېمە بولاتتىم؟ بۈگۈن ماۋۇ باشلىق دېگەن ئاداش «بۇرۇتۇڭنى ئالدۇرماپسەن ، 100 كوي جەرىمانە تۆلەيسەن، ماۋۇ بۇرۇتۇڭنى دەرھال يوقاتمىساڭ جەرىمانە يەنە قاتلىنىدۇ » دەيدۇ!
-    شۇ گەپمىتى؟ ئېلىۋەتسەڭ بولمامدۇ، ھەممەيلەن ئالدۇرىۋەتكەندىكىن؟
-    نېمە دەيدىغاندۇ ماۋۇ؟ يىگىرمە نەچچە يىللىق قەدىناس بۇرۇت ماۋۇ !  ئەر كىشى دېگەننىڭ بۇرۇتى بولمىسا ئاجايىپلا بولۇپ قالىدىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇيغۇر ئەركەكلىرىنىڭ بۇرۇت قويۇش ئادىتى بارلىقىنى پۈتۈن دۇنيا بىلىدىغان تۇرسا . ئىددىيە دەمدۇ، خىزمەت دەمدۇ ھەرقاندىقىدا بىزدە چاتاق يوق . يەنە نېمىگە ...  بولدىلا ساڭىمۇ چۈشەندۈرۈپ بولالمىغۇدەكمەن.
-    قانچە قاخشىساڭمۇ بىكار ئاداش، بۇ دېگەن يۇقۇرىنىڭ بۇيرىقى ئىكەن. ئىجرا قىلمىساق بولمايدۇ.
-    ھوي، يۇقۇرى دېگەن قەيەر؟ ئۇ يەردىمۇ بىزدەكلەر باردۇ؟
-    ھا ھا ھا ، يۇقۇرىنىمۇ بىلمەمسەن؟ يۇقۇرى دېگەن ئۈرۈمچى.
-    ئۈرۈمچى؟ ئۈرۈمچىدىمۇ بىز بىلەن بىر يەرلىك ئادەملەر كۆپقۇ؟ مۇشۇنداق بۇيرۇقنى شۇلار چۈشۈرەمدۇ؟ ئۇ يەردىكى ئەرلەرنىڭ ھەممىسى ئەتىر سوپۇندەك يۈرمەيدىغاندۇ؟
-    دەل شۇنداق يۈرۈيدۇ. دەنشىدە (تېلېۋىزور) كۆرمىگەنمىتىڭ؟ زاماننىڭ كەينىدە قاپسەن جۇمۇ؟
-    بولدى، بولدى. سەن بىلەن ئۇرۇشۇپ قالماي يەنە.
ئاچچىقىمنى ئاران بېسىۋېلىپ ئۆيگە كەلدىم. ئۆيدىكىلەرنىڭ گەپلىرىمۇ قۇلىقىمغا كىرمەيتتى. ئۆزەمنى بېسىۋېلىش ئۈچۈن تېلېۋىزۇرنى ئاچسام بىر ئاداش « خوتۇن مانا ساڭا ئوسما ئالغاچ كەلدىم» دەۋىتىپتۇ قارىسام يۈزى پاكىز يۇيۇلغان ياڭيۇدەكلا تۇرۇدۇ، يەنە بىر قانالغا يۆتكىسەم بىرسى ھەدەپ خەۋەر سۆزلەۋېتىپتۇ، يەنە بىرسىگە يۆتكىسەم ئاپتونۇم رايۇنىمىزنىڭ ئۆرپ-ئادەت ۋە ئېسىل ئەنئەنىلىرىنى تۇنۇشتۇرىۋېتىپتۇ، يەنە بىرسىگە يۆتكىسەم ئىتوت ئويناۋېتىپتۇ... ھەممىسى ياڭيۇكەن ئەمەسمۇ!
  تېلېۋىزورنى «پاسسىدە ئۆچۈردۈم-دە ئاچچىقىمدا ساتراشخانىغا ماڭدىم. ئىچىمدە « ئۈرۈمچىدە ئەر كشى يوقمۇ نېمە؟ » پىچىرلىدىم ئۆز-ئۆزۈمگە .

مەنبەلەر: http://www.intil.cn/Bbs/ShowPost.asp?ThreadID=3946
http://www.sumrugh-izden.com/5bs/print.asp?id=422
http://bbs.diyarim.com/read.php?tid=16993
يېڭى تېما يوللاش