ئالىم شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ 2008- يىلى 9- ئاينىڭ 12- كۈنى ئەزىزانە قەشقەرگە كەلگەنلىكىنى ئەمما ئۇنىڭ قەيەردە تۇرۇۋاتقانلىق ئۇچۇرىنى بىلەلمىگەنلىكىنى 2008- يىلى 9- ئاينىڭ 13- كۈنى ساھران ئەپەندىمدىن ئاڭلاپ ئالىمنىڭ دىيارىمىزغا قەدەم باسقانلىقىدىن يەنى دىدارلىشىش پۇرسىتىنىڭ بارلىقىدىن قاتتىق ھاياجانغا چۈشكەن بولسام، بۇ پۇرسەتنىڭ ئۆتۈپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ تازا جىددىيلەشتىم-دە تورداشلارغا تېلېفون قىلىش ۋە QQ دا ئۇچۇر يوللاش ئارقىلىق ئالىم بىلەن دىدارلىشىش پۇرسىتىنى تېپىشنى ھاۋالە قىلدىم.
شەرارى ئەپەندىم 12- چېسلادىن بۇيان ھەر تەرەپتىن ئۇقۇشۇپ ئالىم شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ تۈنۈگۈن 12- چېسلا ئۇلۇغ مۇتەپەككۇر ئالىم يۈسۈپ خاس ھاجىپ مەقبەرىسىنى زىيارەت قىلغانلىقى، بۈگۈن 13- چېسلا بۈيۈك ئالىم، تىلشۇناس مەھمۇد قەشقىرىنىڭ مەقبەرىسىنى زىيارەت قىلىش ئۈچۈن ئوپال دىيارىغا ماڭغانلىق ئۇچۇرىنى يەتكۈزدى.
بىرئازدىن كېيىن ئالىپ ئەپەندىمنىڭ ئالىم شۆھرەت مۇتەللىپ بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن ئوپال دىيارىغا ماڭغانلىقىدىن خەۋەر تاپتىم.
دوستلىرىمىز ئاخىرى ئالىم شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ ئۈرۈمچىگە قايتىشتىن ئاۋۋالقى قەشقەردىكى بۇ قېتىملىق ئاخىرقى تاماقتا بىز بىلەن بىللە بولۇشقا قوشۇلغانلىق خەۋىرىنى يەتكۈزدى!
ۋاقىت قىس بولغاچقا كۆپ ئادەمگە خەۋەر قىلىشقا ئۈلگۈرەلمىدۇق.
شىنجاڭ ۋاقتى سائەت 18:00 دە ئالىپ، ساھران ۋە بىدار قۇتلان ئەپەندىلەر ئالىم شۆھرەت مۇتەللىپ، شىنجاڭ ئۇنۋېرستىتىدىكى دوكتور يېتەكچىسى غوپۇر مۇئەللىم شۇنداقلا ئالىم بىلەن ئىككى كۈننىڭزى بىرگە بولغان بىر قانچە دوستلارنى باشلاپ «مىرەن تاماقخانىسى» نىڭ «قەشقەر» خانەسىگە كىرىپ كەلدى.
بۇ يەردە تەقەززالىق بىلەن ساقلاپ تۇرغان شەرارى، ئەرەنتىر ( قەشقەر ئەرەنتىر تور پەن – تېخنىكىسى شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى)، بىلگە، مەن (ئىنتىل) ۋە بىرقانچە تورداش-دوستلار ئالىم ۋە ھەمراھلىرى بىلەن ھاياجانلىق ئىلىكىدە كۆرۈشتۇق.
ئالىم مېھمانلارغا تەييارلانغان كۆرپىدە ئەركىن-ئازادە ئولتۇرۇپ تەكىيىگە يۆلىنىشى بىلەن بىزدىكى ھودۇقۇش كەيپىياتىنى يوقىتىۋەتتى.
ئالىپ ئەپەندىم ئالدى بىلەن ساھىپخانلارنى بىر قۇر تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى. غوپۇر مۇئەللىم ئالىمغا ۋاكالىتەن بىزنى بۇنچە كايىتىپ قويغانلىقى ھەم ساقلىتىپ قويغانلىقلىرىدىن كەمتەرلىك بىلەن ئەپۇ سورىدى.
شەرارى، بىدار قۇتلان، بىلگە ۋە مەن ئالىمنىڭ تەتقىقاتى ۋە ئائىلە ئىشلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش ھەققىدىكى ئۇسۇلى ۋە كۆز قارىشى ھەققىدە بىرقانچە مەسىلىنى سورىدۇق. ئىشقىلىپ ئالىم شۆھرەت مۇتەللىپ، غوپۇر مۇئەللىملەر قىزغىن مۇڭدىشىپ ئالىمنىڭ يولغا چىقىش ۋاقتىنىڭ توشۇپ قالغىنىنىمۇ بىلمەي قاپتۇق.
بىز تاماققا دۇئا قىلىپ داستىخاندىن تۇرغاندىن كېيىن بۇ يەرگە جەم بولغان ئون نەچچىمىز ئالىم بىلەن ئايرىم-ئايرىم ھالدا خاتىرە سۈرەتكە چۈشتۇق.
ئالىپ، ساھران ۋە مەن قېتىمقى ئۇچرىشىشنىڭ يادنامىسى سۈپىتىدە بىرەر خاتىرە بۇيۇم تەييارلاشقا ئۈلگۈرەلمىگەنلىكىمىزدىن ئەپسۇسلاندۇق. شۇنداقتىمۇ مەسلىھەتلىشىپ ئالدىراشچىلىقتا ئەقلىم ئىشلەپ كومپيۇتېرخانامدىن ئېلىۋالغان «ئىنتىل سەيناسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ ئۈچ يىللىقى » مۇناسىۋىتى بىلەن تەييارلىغان خاتىرە مايكىنى ئالىمغا يادىكار قىلدۇق.
غوپۇر مۇئەللىم بۇندىن كېيىن ئالىم شۆھرەت مۇتەللىپ ۋە باشقا ئالىملارنى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىغا داۋاملىق تەكلىپ قىلىدىغانلىقىنى ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ئۇلارنى يۇرتىمىزنى زىيارەت قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ تېخىمۇ كۆپ ياشلارنى بۇ ئالىملار بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرۈپ، ياشلارنىڭ مۇشۇ ئالىملارنى ئۆزىگە ئۈلگە قىلىپ تىرىشىپ ئىزدىنىپ بۇلاردىمۇ داڭلىق ئالىم بولۇپ تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن تىرىشىدىغانلىقى ھەققىدە شىنجاڭ ئۇنۋېرستىتى نامىدىن ۋەدە بەردى.
بىز كۆزىمىز قىيمىغان ھالدا ئۇلارغا ئاقيول ھەم سالامەتلىك ئۇتۇق تىلەپ ئۇلارنى قەشقەر ئايرودرومىغا يولغا سېلىپ قويغاندىن كېيىن خېلى ئۇزۇنغىچە ئالىمنىڭ ئوچۇق-يورۇق، كىچىك پېئىل، دوستانىلىكى ۋە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى ھەققىدە مۇڭدىشىپ « 2008- يىلى 9- ئاينىڭ 14- كۈنى ئالىم شۆھرەت مۇتەللىپ بىلەن كۆرۈشۈش» تەك ئۇنتۇلماس ئەسلىمىنى قەلبىمىزدە ساقلاپ بىر-بىرىمىزگە ئامانلىق تىلەپ « مىرەن تاماقخانىسى» ئالدىدا خوشلاشتۇق.
~~~~~~~~~~~~
تەۋسىيە قىلسىڭىز يادىمدانى ئۇنتۇپ قالماڭ
www.yadimda.com