بۇ تېما جەمئىي 28 قېتىم كۆرۈلدى.
يېڭى تېما يوللاش
بېسىپ چىقىرىش

تورغا چىقىمايدىغانلارنىڭ ئون چوڭ گۇناھى

تورغا چىقىمايدىغانلارنىڭ ئون چوڭ گۇناھى

1. دۆلەتنىڭ نۇرغۇن ئاساسىي قۇرلۇش ئەسلىھەلىرىنى بىكار قالدۇرۇپ، كەڭ بەلۋاغ تورنى بىھۇدە ئىسراپ قىلىش، دۆلەت مۈلۈكىنىڭ شەكىلسىز يوقاپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش.
2. تېلېگراف شىركەتلىرىنىڭ كىرىمىنى ئازايتىپ، بۇ دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ دۇنيادىكى « 500 كۈچلۈك كارخانا» قاتارىدىكى تەرتىپىگە ئېغىر تەسىر يەتكۈزۈش.
3. نۇرغۇن تور بەتلەرنى زىيارەت قىلماي، تور بەت ياسىغۇچىلارنىڭ قان- تەرىنى بىكار ئىسراپ قىلىش.
4. جۇڭگونىڭ تاشپاقىدەك ئاستا تور سۈرئىتىدىن ھۇزۇر ئېلىش پۇرسىتى بولماي، سەۋرچانلىقنى يېتىلدۈرۈشتىن مەھرىم قىلىش.
5. تورغا چىقماسلىقتىن كومپيۇتېرنىڭ يېڭىلىنىش سۈرئىتى ئاستىلاپ، بازار ئىگىلىكىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشىغا ئېغىر تەسىر يەتكۈزۈش.
6. ھېيت - بايرام، دەم – ئېلىش كۈنلىرىدە ئۆيىدە ئولتۇرۇپ تورغا چىقماي، ساياھەت قىلىمىز دەپ قاتناش قىستاڭچىلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش.
7. نۇرغۇن يۇمشاق دېتاللارنى توردىن چۈشۈرمەي، قاراڭغۇ بازاردىن سېتىۋېلىپ، ھايانكەشلەرگە يانتاياق بولۇش.
8. ئەزەلدىن ئېلخەت ئىشلەتمەي، ئىشخانا ئىشلىرىنى قەغەزسىز قىلىش ئۇلۇغ نىشانغا تىزرەك يىتىشكە ئېغىر توسالغۇ بولۇش.
9. تورغا چىقماي، توك نورمىدىن ئاشۇرۇپ ئىشلەتمەي، دۆلەتنىڭ غەربنىڭ توكىنى شەرققە يەتكۈزۈش بۈيۈك پىلانىغا توسالغۇ بولۇش.
10. باشقىلار بىلەن ئۆزگىچە ئۇسۇلدا مۇڭدىشىشىتىن مەھرۇم قىلىپ، قىز كەلتۈرۈشنىڭ يېڭىچە ئۇسۇلىدىن پايدىلىنالماسلىق.
مەزكۇر تېمىنىڭ ئىگىلىك (چۈشەندۈرۈش) ھوقۇقى ئەسلى مەنبەسىدىكى يوللىغۇچى ۋە شۇ توربېكەتكە مەنسۇپ. بۇ يەرگە كىرسىڭىز تېخىمۇ مول مەزمۇندىن بەھرىمەن بولىسىز.

مەرھەمەت

يېڭى تېما يوللاش