ئوماق ئايال - دولانە كومۇلىچى . ئادەمنى روھلاندۇرۇپ، تۇرمۇشقا بولغان قىزغىنلىقنى ئاشۇرىدۇ .
جەزبىدار ئايال - روھلاندۇرغۇچى دورا . تىنىچ تۇرغان نىرۋىڭىزنىڭ ئارامىنى بۇزىدۇ .
ئەقىللىق ئايال - ئاسپىرىن . ساغلام بولمىغان ئوي-پىكرىڭىزدىن خالاس قىلىپ، مەسىلىلەرگە توغرا مۇئامىلە قىلىشىڭىزغا يول كۆرسىتىپ بېرىدۇ .
مۇلايىم ئايال - ئەرلەرنىڭ مىجەزىنى تەڭشەپ، كەيپىياتىنى تۇراقلاشتۇرىدۇ .
سىرداش ئايال- ئاغرىق توختىتىش دورىسى. گەرچە مەسىلىلەرنى تۈپ يىلتىزىدىن ھەل قىلالمىسىمۇ، لېكىن مەلۇم دەرىجىدە توغرا يول كۆرسىتىپ بېرەلەيدۇ.
ئاقكۆڭۈل ئايال- ئىسپىرىت . قەلبىڭىزنى ئىللىتىپ، روھىڭىزنى ئۇرغۇتىدۇ .گۈزەل ئەخلاق-پەزىلىتى دۇنيانى دىزىنفىكسىيە قىلىدۇ .
كەڭ قورساق ئايال - تېز ئۈنۈم بېرىدىغان يۈرەك دورىسى . چۈشكۈنلەشكەن كىشىلىك ھايات يولىڭىزنى ئۆزگەرتىدۇ .
ياسالما ئايال - سۈيۈق دورا . ئېغىزنىڭ ئۇچىدىلا تەكەللۇپ سۆزلىرىنى قىلىپ ، ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغاندا ، ساختا تەسەللى بېرىدۇ .
مەنبە : << پەن ۋە تۇرمۇش >> تۇرمۇش ژورنىلىدىن ئېلىندى.
مەزكۇر تېمىنىڭ ئىگىلىك (چۈشەندۈرۈش) ھوقۇقى ئەسلى مەنبەسىدىكى يوللىغۇچى ۋە شۇ توربېكەتكە مەنسۇپ. بۇ يەرگە كىرسىڭىز تېخىمۇ مول مەزمۇندىن بەھرىمەن بولىسىز.مەرھەمەت