كىرىش سۆز
ئېچكىردە ئوقۇۋاتقىلى يەتتە يىل بولۇپ قاپتۇ ، بۇ جەرياندا ھەرخىل كىشىلەرگە ، ھەر خىل ئىشلارغا دۇچ كەلدىم ، مەسىلەن : ئادەمنىڭ نىرۋىسىنى ئۆرلىتىدىغان ئېچىكىردىكى ئۇيغۇرلارنى ئوغرى دەپ قاراش ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسنى كاۋاپچى دەپ چاقىرىش ، ئۇيغۇرلانى تىرورچى دەپ قاراش ، بۇ قىتىمقى ئولمپىك مەزگىلدە ئۇيغۇرلاغا ياتاق بەرمەسلىك ...دىگەندەك. ھەممىدىن ئىغىر بولغىنى شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلىرىمىز «ئوغرى»نامىغا قىلىپ،ئېچكىردىكى تىجارەتچىلىرىمىز،ئوقۇغۇچىلىرىمىز ۋە باشقا ئىش بىلەن بارغانلارغا نۇرغۇن ئاۋارىچىلىق ۋە روھى بېسىم ئىلىپ كەلگىنى بولدىغۇ دەيمەن.
گەرچە يازغۇچى-شائىر بولمىساممۇ مۇشۇ ئىشلار سەۋەبلىك مەن خېنەندىكى ئۇيغۇر ۋە خەنزۇلار توغۇرلۇق ئويلىغانلىرىمنى ئازدۇر-كۆپتۇر مۇلاھىزە يۈرگۈزمەكچى بولۇپ قەلەمنى قولۇمغا ئالدىم.
خېنەننىڭ نامى
تولۇق ئوتتۇرنى تۈگۈتۈپ، ئالى مەكتەپنى ئۆزۈمنىڭ سەۋەبى ياكى تەقدىرنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى بىلەن ئەمەس ،بەلكىم ھۆكۈمەتنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن خېنەندىكى نامى ئۇلۇغ،سۇپىرىسى قۇرۇق بىر مەكتەپتە ئوقۇش نىسىپ بوپتۇ ،پۈتۈن مەملىكەتتە «ئوغرى»«تىرورچى» نامى بار ئۇيغۇر دىيارىمىزدا خاتىرجەم ياشايدىغان مەن خېنەنگە كەلمەي تۇرۇپ ئەنسىزلىنىپ كەتتىم.
خەنزۇلارمۇ خېنەن دىگەن ئىسىمنى ئاڭلىسا مەملىكەت بويچە نوپۇسى ھەمىدىن جىق ، نامرات ، قالايمىقان ، مەينەتچىلىككە تولغان ، ئادەم شۇنچە كۆپ ، ئادەم ئالدايدىغان ئالدامچىلارنى ، ئۇششۇق سودىگەرلەرنى ، ئوغرى-يانچۇقچىلارنى،يالغان ماللارنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرىدىكەن،ھەم خېنەنلىكلەرنى «ئالدامچى»دەپ تىللايدىكەن. ھەر قىتىم ئۈرۈمچىدە نەچچە كۈن تۇرۇپ قالسام ،بەزى قىرىنداشلىرىمىزنىڭ پۇل ئۈچۈن ئالدامچىلىق قىلۋاتقىنىغا قاراپ تىنىم شۈركىنەتتى، توردىن بىر خەنزۇ يازغان «شىمالى شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلارنى خېنەنلەكلەر ئەسكى ئۆگۈتۈپ قويدى.»دىگەن بىر تېمىنى كۆرۈپ تېمىنىڭ چىنلىقىغا ئىشەنچ قىلالمىساممۇ، خېنەندىكى خەنزۇلاردىن ئەيمىنىپ قالدىم.(ئۇ تېمىنىڭ تەرجىمىسىنى كىيىن يوللاپ قوياي)
خېنەنلەكلەر نېمىشقا ئالدامچى ئاتالدى؟
خېنەنگە كەلگەندىن كىيىن مەنمۇ ئۆمرۈمدە دۈچ كىلىپ باقمىغان ئىشلارغا دۇچ كەلدىم،جېڭجۇدا ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغان ئادەم قىستاڭچىلىقى بىلەن قاتناش قىستاڭچىلىقىنى كۆردۈم، پويز ئىستانسىدا ئۇلانمىغان تىلفۇنغا مىنۇتى بىر يۈەنلىك ئۆلچەم بويچە پۇل تۆلىدىم ، دىيارىمىزدا اللانىڭ نامىنى ئاتاپ تىلەمچىلىك قىلىدىغانلارنى كۆرسەم بۇ يەردە ھەرخىل يالغان گەپلەر بىلەن ئادەمنى قايمۇقتۇرۇپ پۇل ئالىدىغانلارنى كۆردۈم ، مەسىلەن:كەيفىڭ ئاممىۋى ئاپتۇبۇس بىكىتىدە ياشلا بىر قىز ، ئۆزىنى بىر ئالى مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئىكەنلىكىنى ، پورتمالىنى ئوغۇرىغا بىرىپ قويۇپ، مەكتەپكە قايتىشقا ئامالسىز قالغانلىقىنى،ئاپتۇبۇسقا چۈشۈش ئۈچۈن بىر يۈەن پۇل بىرىشىمنى سورىدى،ئۇ قىزغا قارىساممۇ ئوقۇغۇچىدەكلا قىلاتتى،گەپ قىلمايلا بىر يۈەن بەردىم،كىم بىلسۇن ئارىدىن ھەپتە ئۆتۈپ ئۇ قىزنى پويز ئىستانسىدائۇچۇرىتىپ قالدىم،يەنە شۇ گەپ بىلەن باشقىلاردىن پۇل سوراپ يۈرۈپتۇ؛30ياشلار ئەتراپىدىكى بىر ئەر يېنىدا ئايالىمىكىن بىرسى ، يەنە بىر بەش ياشلارغا كىرگەن كىچىك بالىنى قۇچاقلاپ قەھىرتان سوغۇقتا چوڭ كوچىدا ئولتۇرۇپ قاپتۇ،ئالدىدىكى قەغەزگە قارسام«مەن سىرتتىن كەلگەن ئىشلەمچى،ھەممە نەرسەم يۈتۈپ كەتتى ، تاماق يىمىگىلى ئىككى كۈن بولدى،بالامغا ئىچىڭلار ئاغىرسۇن،ياردەم قىلىڭلار»دەپ يېزىپ قويۇپتۇ،ئىچىم ئاغرىپ ئۈچ تال تەڭگە پۇلنى ئالدىغا تاشلاپ قويدۇم،كىم بىلسۇن ئىككى ھەپتىدىن كىيىن ئۇلارغا ئوخشىمايدىغان بىر ئەر-ئايال،يەنە بىر بالا،ئالدىدىكى قەغەزدە ئوخشاش خەت يىزىلغان... سىرتتا بۇنداق ئىشلار ناھايتى كۆپ ئۇچرايدىكەن،ئاددىيسى مەكتەپنىڭ ئىچىنى دەيلى، ياتاقتىن بىر نەرسە يۈتىدىغان ئىشلار ناھايتى كۆپ ئۇچرايتى،ياتاقتا ئادەم خاتىرجەم ھالدا بىر نەرسە قويغىلىمۇ بولمايتى(مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپ قىسمى خېنەنلىك)،ئۆزۈمنىڭ يېڭى ۋىلسىپىتى ياتاق بىناسىدىكى نۇرغۇن ۋىلسىپىتلەرنىڭ ئارىسىدىن ئىز-دىرەكسىز يوقاپ كىتىشى بىر چاغقىچە ئىچىمنى ئېچىشتۇردى.خېنەندە مۇشۇنداق ئىشلارنىڭ كۆپ بولۇشى ماڭا ئوخشاش باشقىلارنىڭمۇ خېنەنلىككە بولغان باشقىچە قارىشىنى شەكىللەندۈرگەن.لىكىن بۇ كۆپلۈك نىسبى كۆپلۈك ئەمەس،سان كۆپلۈكى خالاس،خېنەننىڭ نوپۇسىغا نىسبى قىلىپ ئىيتقاندا باشقا تەرەقىياتى خېنەن بىلەن جىق پەرقى يوق شەھەرلەگە سىلىشتۇرغاندا جىق پەرق چىقىپ كەتمەسلىكى مۇمكىن.
ئۇۋال قىلىنغان خېنەنلىكلەر
بىر چاغدا باشقىلاردىن خېنەنلىكلەر سىرتقا ئىشلىگىلى چىقسا ئىش تاپالمايدۇ ، نۇرغۇن ئورۇنلار خېنەنلىكلەرنى ئىشلىتىشنى خالىمايدۇ دەپ ئاڭلىغانتىم،يىقىندا سىنىپتا ئوقۇتقۇچىمىز شېنجىندامەلۇم بىر شىركەتكە ئادەم لازىملىقىنى سۆزلىگەندە نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىزىقىشىنى قوزغىدى،ئوقۇتقۇچى ئارقىدىنلا خېنەنلىك بولسا بولمايدىكەن دىگەندە سىنىپتىكى خېنەنلىك ساۋاقداشلىرىمنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى.
ئاخىردا مېنىڭ يەكۈنۈم مۇنداق بولدى:خېنەن خەنزۇلارنىڭ شەكىللەنگەن ماكانى خۇاڭخې بويىدا،نوپۇسى مەملىكەت بويچە بىرىنچى ئورۇندا، ساپا جەھەتتە بېيجىڭدىكى ۋە باشقا جايدىكى خەنزۇلارغا سىلىشتۇرغاندا خىلىلا كەينىدە قالغان، ھەر بىر جۇملە سۆزىدە بىر سەت گەپنى قوشۇپ،خالىغان يەرگە تۈكۈرۈپ،مىشقىرىپ ياشاۋىرىدۇ. ئاز بىر قىسىم پۇل تېپىش ئۈچۈن ئۈچۈن ئالدامچىلىق قىلىدىغانلار خېنەنلىكلەرنىڭ يۈزىنى قويمىغان لىكىن كۆپ قىسمى جاپاكەش دىھقانلار.شۇلارنىڭ باللىرى سىرتقا چىقىپ ئىشلىمەكچى بولسا باشقىلارنىڭ «خېنەنلىككەنسەن» دەپ رەت قىلىشىغا ئۇچرىسا بۇ ئادالەتسىزلىكمۇ نىمە ؟
خېنەنلىكلەر ۋە شىنجاڭلىقلار
خېنەنلىكلەر بىر بىرىگە ئالدىنىپ كەتمەسلىك ئۈچۈنمۇ ئىشلارنى ناھايتى ئەتراپلىق مۇلاھىزە قىلىپ ئىھتىياتچانلىق بىلەن ئىش تۇتۇدىكەن،مۇشۇ جەرياندا خېنەنلىكلەردە سىز تاش ساناپ بولغۇچە ئۇلار قۇم سانىيالۇغۇدەك كاللا شەكىللەنگەن.شۇڭا خېنەنلىكلەرگە ئالدىنىدىغانلار ئاساسەن سىرتتىن كەلگەنلەر؛خېنەنلىكلەر ئەقىللىقكەن،لىكىن ئاز بىر قىسىم خېنەنلەكتىكى ئەخلاقسىزلىق بار ياكى ئەخلاق بولمىغان ئەقىلنى «ھىيلىگەرلىك» دىسەك خاتا كەتمەس.مانا بۇ ھىيلىگەرلىككە بىر خىل گۇمان يوشۇرۇنغان،ھەمە نەرسىگە گۇمان بىلەن قاراش،ئۇنىڭ چىنلىقىدىن گۇمان قىلىش،شۇڭا خېنەنلىكنىڭ يەنە بىر قالغان نامى «ھىيلىگەر».
لىكىن مۇشۇنداق جايدىمۇ ئۇيغۇرلىرىمىزنىڭ باشقا ئۆلكە شەھەرگە ئوخشاش «ئوغىرى» دەپ داڭقى باركەن ،خېنەنلىكلەر شىنجاڭلىقلاردىن يەنى ئۇيغۇر چىرايى بارلاردىن ئالاھىدە ھەزەر ئەيلەيدىكەن،نېمىشقا دىگەندە خېنەندە ئوغىرى جىق ،لىكىن خەنزۇ ئوغىرلارنىڭ چىرايىغا قاراپ پەرق ئىتىش مۇمكىن ئەمەس ،ئۇيغۇرلارنىڭ چىرايى ئالاھىدە پەرقلىنىپ تۇرغاچقا ،بۇ جايدا مەن شىنجاڭلىق بولۇپ قالغىنىم ئۈچۈن ئاجايىپ قىسمەتلەرگە ئۇچىردىم.
ئالدىراشچىلىقتا ساقال- بۇرۇت ئۆسۈپ قالغان چاغلاردا پۇل ئېلىش ئۈچۈن ئاپتۇماتىك پۇل ئىلىش ماشىنىسىنىڭ ئالدىدا قاتاردا تۇرۇپ قاپتىمەن،بىر چاغدا ئالدىمدىكى يولداش كەينىگە بىر قاراپلا دەرھال يانچۇقىنى بىر سىلاپ بىقىپ گەپ قىلمايلا ماڭا نۆۋىتىنى بىرىپ يانغا ئۆتتى،ئۇنىڭ بۇ قىلىقى بىلەن قاتاردىكى تۆت-بەش كىشىمۇ ماڭا باشقىچە نەزەر بىلەن قاراپ قويۇپ سومكىلىرىنى چىڭڭىدە تۇتۇشتى. مەن نۆۋەت كۈتۈدىغان نەچچە مىنۇت ۋاقتىمنى تىجەپ قالدىم ، ئۆزۈمنىڭ بۇنداق ئالاھىدە ئىمتىيازغا ئىگە بولۇپ قالغىنىمدىن ئاچچىق كۈلدىم.
ئېچكىردە ئۇيغۇر ئاممىۋى ئاپتۇبۇسقا چىقىپ قالسا ئەڭ كۆرۈنەرلىك ئىمتىيازغا ئىگە بولىدىغۇ دەيمەن ئۇلار شۇنچە قىستاڭچىلىق بولۇپ كەتسىمۇ لىكىن سىزگە يىقىن كەلمەيتى،سىز ئەركىن –ئازادە تۇرالايسىز،لىكىن بۇنداق چاغدا سىز نېمىمۇ دىيەلەيتىڭىز ؟
ساقال بۇرۇتىمنى پاكىز قىرىۋىتىپ ، چاچلىرىمنى پاقىرتىپ پاكىز كىيىم كىچەكلىرىمنى كىيىپ نەرسە سېتىۋىلىش ئۈچۈن بازار ئايلانغانىلى چىققان چاغلىرىمدا باشقىلار مەندىن «سىز قايسى دۆلەتتىن »دەپ سورايتتى،ھەم «خەنزۇچىنى ياخشى ئۆگىنىپسىز»دەپ ماختاپ قويۇشاتتى،بەزىدە تېخى ھىجاراپ تۇرۇپ جۇڭگۇچە ئىنگىلىزتىلى بىلەن «ۋىرى ئا يۇ كامى فېرومې » دەپ سورايتى مەن شىنجاڭلىق دىسەم ئۇنىڭ چىرايىدىكى كۈلكە دەرھاللا يوقىمىسىمۇ ئاستا-ئاستا يوقايتى ،پوزىتسىيەسى 180گىرادۇس ئۆزگەرمىسىمۇ ھىچ بولمىغاندا 90گىرادۇس ئۆزگۈرۈپ قالاتتى ،تېخى مىنىڭ سۆزۈمنى چۈشەنمىگەن بولۇپ ،تەكرارلىغىلىمۇ سالاتتى.
بۇنداق ئىشلارغا كۆپ ئۇچراپ تۇرغاچقا سىرتقا چىققاندا ساقال بۇرتۇمنىڭ ئۆسۈپ قېلىشىدىن ھەزەر ئەيلەيدىغان،كىيىنىشكىمۇ ئالاھىدە دىققەت قىلىدىغان بولدۇم.بىر چاغلارغىچە باشقىلارنىڭ «سىز قەيەرلىك»دىگەن سۇئالىغا « تۈركىيە،ئۆزبىكىستان»دەپ قويدۇم ،خەنزۇلارنىڭ جىقلىرى «شۇنداقمۇ دۆلەت بارمۇ» دەپ سورىشاتتى،ھەم مىنى ئوتتۇرا،شەرقى ئاسىيادىكى ئۆزى ئىسىملىرىنى بىلىدىغان دۆلەتنىڭ كىشىلىرىگە ئوخشىتىپ باقتى.لىكىن شىنجاڭلىققا ئوخشىتىدىغانلار ئاز چىقتى،كىيىن ساۋاقداشلىرىمدىن بىلسەم مەن خېنەنگە كىلىشنىڭ ئالدىدا خېنەننى قالايمىقان،ئادەملىرىنى بىر-بىرىنى قارىتىپ قويۇپ دوپپىسىغا جىگدە سالىدىغان ئالدامچى،ھەممە نەرسە يالغان دەپ ئويلىغىنىمغا ئوخشاش ئۇلارمۇ مەن بىلەن تونۇشۇشنىڭ ئالدىدا ئۇلارنىڭ نەزىرىدىكى شىنجاڭ بولسا شىمالى تاغلىق،ئوتلاق ، جەنۇبى قۇملۇق ،قەدىمى قۇرۇپ كەتكەن ئورمانلىق بولۇپ شىنجاڭلىقلار بولسا توپا چىراي، ساقال بۇرۇتى ئۆسۈك،مەينەت،كىر باسقان كىيىملەرنى كىيىپ يۈرۈيدىغان،ئاتقا مېنىۋىلىپ قوي،كالا باقىدىغان،كۈندە شۇ قوي كاللىرىنىڭ گۆشىنى كاۋاپ قىلىپ يەيدىغان كىشىلەرمىش.ھەم شىجاڭ دىسە كاۋاپ،كىشمىش،تۇرپاننىڭ ئۈزۈمى،قۇمۇلنىڭ قوغۇنى ،كوچىدىكى يانچۇق كولاۋاتقان بالىلار كۆز ئالدىغا كىلەرمىش.
بىز نېمىشقا ئوغرى ئاتالدۇق؟
بىر كۈنى ياتاقتا ئولتۇرساق بىز بىلەن ئادەتتە خېنەن ۋە شىنجاڭ تۇغۇرلۇق جىق چاخچاق قىلىشىدىغان بىرسى كارىدوردىلا چوڭ خەۋەر دەپ ۋاقىراپ ياتاققا بىر گىزىت كۆتۈرۈپ كىرىپتۇ،خېنەنلىكلەرگە خاس قۇۋلارچە ھىجىيىپ تۇرۇپ « قارا ،خەلق ئاممىسى ئىككى شىنجاڭلىق ئوغىرىنى تۇتىۋىلىپ ساقچىغا تاپشۇرۇپ بىرىپتۇ، قانداق بىزنىڭ خېنەنلىك ئوغىرى جىقمىكەن،ياكى سىلەرنىڭ شىنجاڭلىقمۇ ؟»بىر دەمدىلا ياتاققا ئادەم يېغىپ كەتتى،گىزىتنى قولدىن قولغا تالىشىپ كۆرۈشۋاتاتتى،مەنمۇ چاخچاق تەلەپپۇزىدا «ۋاي،ئىككىنى تۇتۇپتىغۇ،بىزنىڭ شىنجاڭدا كۈنىگە خېنەنلىك ئالدامچىدىن ئاز دىگەندە 20نى تۇتىدۇ»دىسەم،ئۇمۇ چاخچاققا يۆلەپ«سىلەرنىڭ شىنجاڭدا مەخسۇس ئوغىرى تەربىيلەيدىغان مەكتەپ بارمۇ نېمە؟ نېمىشقا ھەممىسى دىگۈدەك كىچىك بالا؟» بۇ سۇئالنىڭ چىقىشى بىلەن تەڭلا يېنىمدىكى دوستۇمنىڭ پەشۋاسى چاققان كەلدى،بىر تىپىك بىلەنلا ئۇنى ياتاقتىن چىقىرۋەتتى.بىر مەيدان چاخچاق ئاخىردا كۆڭۈلسىزلىك بىلەن ئاخىرلاشتى،لىكىن ئۇنىڭ دىگەن گىپى بولسا ھەر بىرىمىزنى ئويلاندۇرۇشقا تىگىشلىك مەسىلە ئىدى. ئېچكىردىكى بالا ئوغىرىلار نەدىن كەلگەن ؟ ئۇيغۇرلارنى «ئوغرى»دىگەن نامغا قويغان بۇ بالىلار مەخسۇس مەكتەپتە تەربىيلەنگەن كەسپى ئوغىرىلارمۇ؟
بۇ مەسىلىگە كەلگەندە ئۇلارنىڭ ئىچىدە بۇلاپ ئىلىپ كىلىنگەن بالىلار بار،ئالدىنىپ كەلگەن بالىلار بار، بىكارچىلىقتىن تويۇپ پۇل تېپىشنىڭ بۇ «ئاسان يولى»غا قەدەم قويغانلارمۇ بار، تۇرمۇشنىڭ قاتتىقلىقىدىن ئاتا-ئانىلىرى تەرىپىدىن سېتىلغانلارمۇ بولۇشى مۇمكىن... ئۇيغۇرلار نىمە ئۈچۈن بۇ نامغا قالدى؟
كوچىلاردا ئوغىرلىق قىلىش كىنولاردىكىدەك ئاسان بولۇشى مۇمكىن ئەمەس،ھەممىمىز لىيۇ دې خۇا ئىشلىگەن «ئوغىرىسىز ئالەم»دىگەن كىنونى كۆرگەن بولىشىمىز مۇمكىن،ئۇنىڭدىكى ئوغىلارنىڭ كارامىتى ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدۇ.ئىنسۇ-جىنغا تۇيدۇرماي ئالىدۇ،لىكىن ئەمەلىي تۇرمۇشىمىزدىكى ئوغىرىلارنىڭ كارامىتى ئۇ دەرىجىگە يەتكەن بولۇشى ناتايىن،ئوغىرلانغۇچى سەزمىدى دىگەندىمۇ باشقا كىشىلەر كۆرۈپ قالىدۇ،قارىسا چىرايدىن ئۇيغۇرلىقى چىقىپ تۇرىدىغان بىرسى ئوغىرلىق قىلۋاتقان،ئۇيغۇر دىسە شىنجاڭ كۆز ئالدىغا كىلىدۇ،نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ خېنەندە ئاز سانلىق خېنەنلىكلەرگە ئالدىنىپ كىتىپ خېنەنلىكلەر «ئالدامچى» نامىغا قالغانغا ئوخشاش ئەلۋەتتە ئۇلارمۇ «شىنجاڭلىق ،ئۇيغۇر، ئوغىرى»دىگەنلەرنى بىر-بىرىگە باغلايدۇ.
«ئوغىرى» ھەممە مىللەتتىن ھەممە يەردە بار بولۇشى مۇمكىن،بولۇپمۇ خەنزۇلاردىن جىق بولۇشىمۇ مۇقەررەر،70-80نىڭ قارىسىنى ئالغان قىرى خەنزۇلارنىڭمۇ مۈكچىيىپ يۈرۈپ ئوغىرلىق قىلغىننى كۆرگەنمەن.لىكىن خەنزۇلارنىڭ نامى چىقماي بىزنىڭ ئۇيغۇرلىرىمىزنىڭ بۇ ساھەدە تىزلا «داڭ»ى چىقىدۇ؟ بۇنىڭ سەۋەبى شەكسىزكى ئۇيغۇر لارنىڭ چىراي-شەكلى ئالاھىدە پەرقلىنىپ تۇرغانلىقىدا.
ئوغىرىلار-زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار
ئېچكىردىكى ئۇيغۇر ئوغۇرىلار راستىنلا ئۇيغۇرلارنى «ئوغرى» دەپ نامىنى چىقىرۋەتكۈدەك جىقمۇ؟ ساقچى ئورگانلىرى تۇتۇپ تۈگىتەلمىگۈدەك دەرىجىدە كۆپمۇ؟ساقچى ئورگانلىرىدا شۇ كىچىك باللارنى تۇتۇپ،شىنجاڭغا قايتۇرۋەتكۈدەك ئىمكانىيەت يوقمۇ ؟ ئۇ ئىككى ئوغىرىنى نېمىشقا ساقچى تۇتماي خەلق ئاممىسى تۇتىدۇ؟
بىزدە ئوغىرنىڭ يۈرىكى پوك-پوك دەيدىغان گەپ بار،ئېچكىردىكى ئوغىرلارنىڭ يۈرىكى پوك-پوك ئەمەس،توق-توق.يۈرىكى خىلى توق، بىخارامان ياشالايدۇ. ئۇلارنىڭ قورقىدىغىنى ساقچىلار ئەمەس بەلكى خەنزۇ يولداشلارنىڭ يامانراقلىرىنىڭ بىرلىشىپ ئۇرۇپ كىتىشى بولۇشى مۇمكىن.ئادەم جىق بازاردا خەنزۇلارنىڭ ئۇيغۇرلىرىمىزنى يولدىن ئۆتكەن چاشقاننى ئۇرغاندەك قوغلاپ ئۇرۇپ كەتكىننى كۆرگەنمەن. ئەمدى ساقچى مەسىلىسىگە كەلسەك ساقچىنىڭ نېمە ئىش قىلدىغىنىنى مەن دىمىسەممۇ ھەممىمىزگە ئايان،«ساقچى ئوغرى تۇتىدۇ» دىگەننى بەش ياشلىق باللىرىمىزمۇ ئۇقىشى مۇقەررەر،لىكىن ئېچكىردىكى ساقچىلارنىڭ شىنجاڭلىق ئوغىرىلارنى تۇتىشى راستمۇ يالغانمۇ؟ خەل ئاممىسى تۇتىۋالغان ئۇغىرنى قانغۇچە ئۇرۇۋالغاندىن كىيىن ساقچىغا تاپشۇرۇپ بىرىدۇ.لىكىن ئۇ ئوغىرنى ساقچىخانىغا ئاپارغاندىن كىيىنكى ئىشلارچۇ؟
تەتىلدە ئۆيگە قايتىقاندا مەھەللىمىزدىكى كىچىك ۋاقتىمىزدا بىللە ئوينايدىغان دوستىمىز بىلەن پاراڭلىشىپ قالدۇق،ئۇنىڭدىن نىمە ئىشلانى قىلىپ يۈرگىننى سورىسام ئۇ ئۆزىنىڭ ئاتا-ئانىسى ئاجرىشىپ كەتكەندىن كىيىن باشقىلارنىڭ كەينىگە كىرىپ ،پۇل تېپىش مەقسىتىدە ئىچكىرگە چىقىپ بىر يىل لوبەندىن(خوجايىن)تاياق يەپ دىگۈدەك ئوغىرلىق قىلىپ،ئاخىردا مېڭبىر جاپادا شىنجاڭغا قېچىپ چىققىننى سۆزلەپ بەردى،ئۇنىڭدىن مەن قىزىقىدىغان مەسىلە ساقچى تۇتۇۋالسا قانداق قىلىدىغىننى سورىسام،ساقچى تۇتىۋىلىش نىسبىتىنىڭ ناھايتى تۆۋەنلىكىنى،تۇتۇۋالسىمۇ لوبەنلەرنىڭ(خوجايىنلار) يەنە پۇل تۆلەپ ياكى باشقىچە يول بىلەن نەچچە كۈن ئىچىدىلا ئېچىقىدىغانلىقىنى ئىيتتى.
ئاخىردا يەكۈنلىسەك: ئاز بىرقىسىم پۇل ئۈچۈن مىللەتنى ساتىدىغان مۇناپىقلار(لوبەنلەر) بىلەن ئېچكىردىكى پارىخور ساقچىلار ئۇيغۇرنى «ئوغرى»نامىغا قويغان باش جىنايەتچى. مىللەتنىڭ مۇناپىقلىرىنىڭ ئازدۇرشى بىلەن ئالدانغان بالىلار پەقەت زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار خالاس.ئەگەر شىنجاڭلىقلارنى «ئوغرى» نامىدىن قۇتقۇزماقچى بولساق ، باش جىنايەتچىلەرگە مۇۋاپىق تەدبىر قوللىنىلسا ، ،بۇنىڭغا جىق بولسا بەش يىل ۋاقىت كىتىشى مۇمكىن.ئەگەر تەدبىر قوللىنىلمىسا ئۇيغۇر نامىمىزغا داغ چۈشۈپ قىلىشىى ،ئەۋلادلىرىمىز تېخىمۇ ئالاھىدە بولغان «ئالاھىدە ئىمتىياز»غا ئۇچىرىشىمۇ مۇمكىن.
ئةسكةرتصش :مةزكۇر تېما شةبنةم مۇنازصرسصدصن يۆتكةپ كېلصندص ...
مەزكۇر تېمىنىڭ ئىگىلىك (چۈشەندۈرۈش) ھوقۇقى ئەسلى مەنبەسىدىكى يوللىغۇچى ۋە شۇ توربېكەتكە مەنسۇپ. بۇ يەرگە كىرسىڭىز تېخىمۇ مول مەزمۇندىن بەھرىمەن بولىسىز.مەرھەمەت