ھېچكىم خاتالىشىشىنى خالىمىسىمۇ ، توغرىلىقىنى ئىزدىسىمۇ ، خاتالىشىش ئىنسانلارنىڭ دائىملىق تەقدىرى بولۇپ كەلدى . ئادەملەر ئەزەلدىن بەختكە ئىنتىلدى ، ئۇنىڭ ئۈچۈن تالاي بەدەللەر تۆلىدى . لېكىن بەختنىڭ قەيەردىلىكى ، ھەتتا ئۇنىڭ زادى نېمىلىكى ھازىرغىچە بىر سوئال پېتى تۇرۇپتۇ . بەخت _ تارىختىكى بارلىق پەيلاسوپ - مۇتەپەككۇرلارنىڭ بەھىس تېمىسى ، لېكىن كىشىلەر ھازىرغىچە رېئاللىقتىكى " بەخت " يولىنى كۆرەلمىدى . يەر شارىدىكى دۆلەتلەر ئادالەتسىزلىكنى يوقىتىش ئۈچۈن ئادالەت داۋاسى بىلەن قۇرۇلغان . بىراق بىز بۈگۈنكى كۈندىمۇ ئادالەت ئۈچۈن تىنىمىسىز ياڭراۋاتقان سادالارنى ئاڭلاپ تۇرۇپتىمىز .
تارىخ خەزىنىسىدىكى پۈتمەس - تۈگىمەس تەجرىبە - ئىبرەتلەرنى سۆزلەپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ ، شۇنداقلا ئىبرەت ئالمايدىغان ئىنسانلارنىمۇ ساناپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ . خۇددى تۆمۈر خەلىپە پاجىئەسى ئاز كەپقېلىپ ، خوجىنىياز ھاجى بۇنىڭدىن بىزگە قايتا ئۈلگە تىكلەپ بەرگەندەك . ھەقىقەتەنمۇ ئۆتكەنلەر ئۆز خاتالىقلىرىدىن پاتمان - پاتمان پۇشايمان - تۆۋىلىرىنى قىلىپ ، ئەۋلادلارنى ئاگاھلاندۇرىدۇ- يۇ ، ئەۋلادلار بولسا ئىبرەت ئېلىشنىڭ ئورنىغا " ئۆگەنگەن خۇي ئۈجمە پىشقىچە " دېگەندەك ئۆزىنىڭ بىلگىنىنى قىلىپ ، كېيىنكى ئەۋلادلارغا يەنىلا تالاي قان - ياشلىق ۋەسىيەت ، نادامەتلەرنى قالدۇرۇپ كېتىدۇ . بۇ بىر شۇنداق ئايلىنىدىغان ، ھەممە ئادەم شۇنداق بولماسلىقىنى ئۈمىد قىلسىمۇ ، يەنىلا ھېچ ئامال قىلالمايدىغان جەريان .
بۈگۈننىڭ مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن نوقۇل تارىخىي تەجرىبىلەرلا ئەمەس ، تارىخىي تەجرىبىلەرنى دەۋرلەشتۇرىدىغان پاراسەت ، بۈگۈننىڭ ئېھتىياجىنى كۆرەلەيدىغان كۆز ، يۈزلىنىشنى پەرەز قىلالايدىغان ئۆتكۈرلۈك ، شۇنداقلا مەڭگۈلۈك ھەقىقەتلەرگە خىلاپلىق قىلمايدىغان ساداقەتمەنلىك بولۇشى كېرەك . ئىنسانلار ئۆز قوللىرىدىكى ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرىنى تېخىمۇ ئىلغارلاشتۇرۇپ ، ئۇنىڭ ئۈنۈمىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈش ئارقىلىق ، ئىقتىسادى ئامىللارنى بەلگە قىلغان يېڭى - يېڭى دەۋرلەرنى ياراتتى . ھەر بىر دەۋرنىڭ ئۆزىگە خاس مەسىلىلىرى پەيدا بولدى ، بۇلار يېڭىچە تەدبىرلەرنى تەقەززا قىلدى . يېڭى تەدبىرلەر ئۆز نۆۋىتىدە يەنە يېڭى مەسىلىلەرگە ھامىلىدار ئىدى .
ئىنسانلارنىڭ توختىماي تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى ئارقىسىدا ، ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرى تەرەققىي قىلدى . يېقىنقى دەۋرلەرگە كەلگەندە ، بولۇپمۇ سانائەت ئىنقىلابىدىن كېيىن ئىنسانلارنىڭ تەبىئەتنى چۈشىنىشى ، ئىلگىرى سىرلىق بىلىنگەن ئىشلارنىڭ جاۋابىنى بىر - بىرلەپ تېپىشىغا ئەگىشىپ ، ئۆزىگە ، تەبىئەتكە ، دۇنياغا بولغان چۈشەنچىسىدە ئىنقىلاب خاراكتېرلىك ئۆزگىرىشلەر يۈز بېرىشكە باشلىدى . ئىنسانلار ئۆزىنى ئىلگىرىكىدەك ئاجىز ھېس قىلمايدىغان بولدى .تېخنىكا ئارقىلىق قولغا كەلگەن ، كىشىنىڭ ئەقلىنى لال قىلغۇدەك مۇۋەپپىيەتلەر كىشىلەرنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى زور دەرىجىدە ئاشۇردى . شۇ جەرياندا تېخنىكا تېخنىكىنى ، بايلىق بايلىقنى ، ئېھتىياج ئېھتىياجنى تۇغدى . ئىلگىرى ئىنسانلار ئۆزىنى تەبىئەتنىڭ بىر قىسمى دەپ قارايتتى ، ھازىر ئۆزىنى تەبىئەتنىڭ خوجايىنى دەپ قارايدىغان بولدى . بۇ قىقاس - سۈرەنگە تولغان ئىلگىرىلەش ئىچىدە ئىنسانلار ئاستا - ئاستا ئەمەلىي ، ماددىي ئۈنۈم ئەكېلەلمىگەن ھەر قانداق بىر نەرسىگە ئومۇميۈزلۈك سەل قاراشقا باشلىدى . خۇددى < قۇرئان كەرىم >دە ئېيتىلغاندەك : << ئىنسان ئۆزىگە ياخشىلىق تىلەشتىن زېرىكمەيدۇ ، ئەگەر ئۇنىڭغا كۈلپەت يېتىپ قالسا ( ئاللانىڭ رەھمىتىدىن ) ، تولىمۇ ئۈمىدسىزلىنىپ كېتىدۇ . ئەگەر ئۇنىڭغا كۈلپەتتىن كېيىن رەھمىتىمىزنى تېتىتساق ، ئۇ چوقۇم ( بۇ ئۆزەمنىڭ سەئىي - ئىجتىھاتىدىن كەلگەن ) دەيدۇ . ئىنسانغا نېمەت ئاتا قىلساق ، يۈز ئۆرۈيدۇ ، ھاكاۋۇرلىشىپ كېتىدۇ ، ئەگەر ئۇنىڭغا يامانلىق يەتسە ئۈزلۈكسىز دۇئا قىلىدۇ >> {سۈرە نۈسسىلەت 49-50-51- ئايەتلەر}
بۇرۇن مەسىلىلەر ئاچلىقتىن كېلىپ چىققان بولسا ھازىر توقلۇقتىن چىقىشقا باشلىدى . روھىي قىممەت ، ئەخلاق - پەزىلەتلەر ئىقتىدار ، قابىلىيەت دائىرىسىدىن سانالمىغاچقا ، ئۇ ئىنسانلارغا بىۋاسىتە نەپ ئەكېلەلمەيتتى . شۇنىڭ بىلەن ئىنسانلار بۈگۈنكىدەك بازارلاشقان دۇنيادا ئۇلارنى ئۆزىگە ئارتۇقچە ساناپ ، تەرك ئېتىشكە باشلىدى . ئەگەر ئىنسانلار ئادەم ئەخلاققا مۇھتاج ئەمەس دېگەنگە ئاساس تاپماقچى بولسا ، ئاۋۋال ئۆزىنىڭ ئادەملىكىنى ئىنكار قىلىشى كېرەك . ئادەم ئادەملىك سالاھىيىتىنى ، مەنىسىنى يوقاتمايدىكەن ، ئەخلاقمۇ ئۆزىنىڭ قىممىتىنى مەڭگۈ يوقاتمايدۇ . ئەخلاقنىڭ مەڭگۈ ۋاقتى ئۆتمەيدۇ . ھازىرقى ئەخلاقلىق دەپ قارالغان كىشىلەرنىڭ ئەخلاقىمۇ ھەقىقىي ئىنسانىيلىقتىن كەلگەن تەبىئىي ئەخلاق بولماستىن ، بەلكى ئەخلاقلىق بولۇش زۆرۈر بوپقالغاچقا ، شەكىللەندۈرۈۋالغان سۈنئىي ئەخلاق ئىدى .
كىشىلىك ھوقۇق ، ئەركىنلىك ، دېموكراتىيىنىڭ يۈكسەك دەرىجىدە تەرغىب قىلىنىشى باشقىلارغا ئېنىق بولمىغان بارلىق ئىشلارنى ئەقىلغە مۇۋاپىق ئىشلارغا ئايلاندۇردى . ئەخلاقىي پىرىنسىپلار ئوچۇق - ئاشكارە ئىنكار قىلىنمىغان بولسىمۇ ، ئۇنىڭ نوپۇزى ئىلگىرىكى دەۋرلەردىكىدىن كۆپ تۆۋەنلەپ كەتتى .
ئەقىلغە مۇۋاپىق ئىشلارنىڭ ھەممىسىلا ئەخلاققا ئۇيغۇنمۇ ؟ يا بۇ ئەقىل قايسى خىل ئەقىل ؟
ماھىيەتتە بۇ كىشىلەرنىڭ قىممەت قاراش ، گۈزەللىك قارىشىنىڭ ئۆزگەرگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ . شەيئىلەرنىڭ قانداق كۆرۈنۈشى ئۇنىڭ شەكلىگىلا باغلىق بولماستىن ، ئەڭ مۇھىمى ئۇنى كۆزىتىشتە قوللانغان ئۇسۇلغا باغلىق .بىز ئوخشاش شەيئىينى ئوخشىمىغان بىر قانچە نۇقتىدىن كۆزەتسەك ، ئۇمۇ بىر قانچە خىل شەكىلدە كۆرۈنىدۇ . كىشىلەرنىڭ گۈزەللىك ، رەزىللىككە تۇتقان پوزىتسىيىسىمۇ شۇنداق بولىدۇ . ئامېرىكىلىقلارمۇ پرىزىدېنت كلىنتوننىڭ جىنسىي سەتچىلىكىنى ئەپۇ قىلدى . بۇ ، ئامېرىكا خەلقىنىڭ گۈزەللىكنى مەنپەئەت ئۈچۈن قانداق قۇربان قىلالايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى . يېقىندا پارىژ خەلقى ئۆزىگە ئۆزىنىڭ بەچچىۋاز ئىكەنلىكىنى ئېنىق جاكارلىغان بىرىنى شەھەر باشلىقى قىلىپ سايلىدى . بۇ ئۇلارنىڭ گۈزەللىك ، رەزىللىككە ھۆكۈم قىلىشتا ، ئۆزلىرىنىڭ ئۆزلىرىگە خاس ئامېرىكىچە، فىرانسۇزچە كۆزى بارلىقىنى بىلدۈرىدۇ .
خەلق تاللىغان ئىشلارنىڭ ھەممىسى توغرا دەپ قارالدى . بۈگۈنكى كىشىلەر دەل ئۆزلىرىنىڭ نەپسىنى قاندۇرالايدىغان ( << نەپسىنىڭ بېخىللىقىدىن ساقلانغۇچىلار مەقسەتكە ئېرىشكۈچىلەردۇر >> {قۇرئان كەرىم } دىن ) ئۆزىگە راھەت ، لەززەت ئەكېلەلەيدىغان بارلىق ئىشلارنى ئۆزىنىڭ ئىستىېمال بۇيۇمى سۈپىتىدە تاللىۋالدى . جىنسىي راھەت بولسا ، ئىنسانلار تاللىۋالغان ئەڭ ئەجەللىك راھەت بولدى . بۇنى قاندۇرۇش بۈگۈنكى دەۋردە ئومۇميۈزلۈك ھالدا شەخسنىڭ ئەركىنلىكى دائىرىسىدىكى ئىش ، دەپ قارالدى . ئەنئەنىۋى نىكاھ ، ئائىلە تۈزۈلمىسى ئاجىزلىشىشقا يۈزلەندى . ھەتتا بەزى يەرلەردە ئائىلە ھېچقانچە مۇھىم دەپ قارالمايدىغان ، كىشىلەر ئائىلىنى ئۆزىگە تۈرمە ، دەپ قارايدىغان بولدى .
كىشىلەر زەھەرلىك چېكىملىكنى ئىنساننىڭ تېنىگە زىيانلىق بولغاچقا ، كىشىلىك ھاياتقا تەھدىت ئەكەلگەچكە چەكلىدى . ناۋادا ئىنسانلار ئۆز روھىنىڭ ساغلاملىقىنى تېنىنىڭ سالامەتلىكىنى قوغدىغاندەك قوغدىغان بولسا ، ئىنسانلار بۈگۈنكىدەك مىسىلسىز روھىي كرىزىسكە دۇچار بولماس ئىدى . مەنىۋى بۇزۇلۇش ئادەمنىڭ ھاياتىغا بىۋاسىتە تەھدىت ئەكەلمىگەچكە ، كىشىلەر ئۇنىڭغا سالامەتلىكىگە ئەھمىيەت بەرگەندەك ئەھمىيەت بەرمىدى . ئادەملەر زەھەر ئەتكەسچىلىرىنى قولغا ئالدى ، جازالىدى ، مېنىڭچە روھىنى بۇلغىغان مەنىۋى زەھەر تارقاتقۇچىلارنىمۇ ئوخشاشلا جازالاش كېرەك .
شۇنى قىستۇرۇشقا توغرا كېلىدۇكى ، بىر جەمئىيەتتە ئوغرىلىق ، بۇزۇقچىلىق ، قاتىللىق دېگەندەك جىنايەتلەر گاھى - گاھىدا يۈز بېرىپ تۇرسا ، بۇ نورمال ھادىسە ھېساپلىنىدۇ ، لېكىن ھەمىشە يۈز بەرسە بۇ نورماللىق بولماي ، ئاللىقاچان بىر ئىجتىمائىي مەسىلىگە ئايلىنىپ قالغان بولىدۇ ، شۇنىڭدەك جىنسىي بۇزۇقچىلىق جەمئىيەتلىشىپ كەتكەندە ، بۇنى ساقلانغىلى بولمايدىغان نورمال ھادىسە ، دەپ قاراش ئەخمىقانىلىق بولىدۇ . مېنىڭ ئەڭ ئەنسىرەيدىغىنىم ، بۇ خىل ئەخلاقسىزلىقنىڭ يۈز بېرىپ تۇرۇشى ئەمەس ، بەلكى خەلقنىڭ بۇ ئىشلارنى نورمال ھادىسە سۈپىتىدە " توغرا " چۈشىنىپ ، ئەپۇ قىلىشى ، ناۋادا كېيىن ھەقىقەتەن شۇنداق بوپكەتسە ، بەلكىم ئاۋۋال مەن ئىنسانلار جەمئىيىتىنى تەرك ئېتەرمەن .
مەن يۇقىرىقىدەك ئەخلاقىي چۈشكۈنلۈك ، بۇزۇقچىلىقلارنى مەسىلىنىڭ ئۆزى ، دەپ قارىمايمەن . ئۇ بۈگۈنكى كۈندە ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئارقىسىدا شەكىللەنگەن ، ئىنسانلارنىڭ مىسلىسىز دەرىجىدە قۇرغاقلىشىپ قاغجىراپ كەتكەن روھىيەت ئېتىزلىقىدىن ئۈنۈپ چىققان شۇمبۇيىلارنىڭ بىر نەچچە تۈپىدۇر .
بۇ ئەسىردە ئەڭ كۆپ نەرسىمۇ ئادەم ، ئەڭ ئاز نەرسىمۇ ئادەم بولدى . بۇ ئەسىردە جاھان ئىمپېراتۇرى ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىنگە " ماڭا چۈشۈۋاتقان قۇياش نۇرىنى توسۇۋالدىڭ " دېيەلىگەن ھېلىقى كىشىدەك روھى بار ئادەملەرنى تاپقىلى بولمايدۇ . بۇنداق كىشىلەر قەۋەتلىك بىنالارنىڭ رەتلىك ئىشخانىلىرىدىن ، دۆۋە - دۆۋە كىتاب - ماتېرىياللار ئارىسىدىن ، قاتۇرۇپ كىيىنىپ ، قۇرساقلىرىنى ساڭگىلىتىۋالغان ئېسىلزادىلەر ئارىسىدىن ، قىلالمىغان ، قىلىشقا پېتىنالمىغان ئىشلىرىنى پەلسەپىۋى تىللار بىلەن چۈشەندۈرۈشكە ماھىر كىشىلەر ئارىسىدىن تېپىلمايدۇ . ھازىرقى زامان ئىنسانلىرى شۇنچە ھاكاۋۇرلىشىپ كەتتىكى ، ئۇلار تارىختا ئۆتكەن ئاد ، سەمۇد قەۋملىرىدىن بەس تالىشالايدۇ . بۈگۈن ئىخلاس ، ساداقەتمەنلىك يوقالدى . بۇ بىر خۇدانى ئۇنتۇلغان ، ئىنسانلار ئۆزىنى خۇدا قىلىۋالغان بىر دەۋر بولدى . نەپىس ئېتىقادتىن غالىپ كەلدى .
ئېرىخ فرۇم نېتزىي 20- ئەسىردە " ئادەملەر ئۆلدى " دېدى . ئۇ ، ئىنسانلار ئۆزىنىڭ بۇ مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئىتالىيىدىكى ئەدەبىيات - سەنئەتنىڭ قايتا گۈللىنىشىدەك بىر مىسلىسىز ئاقارتىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىش كېرەك ، دەپ ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى . گەرچە بۇ گەپ 1979 - يىلى دېيىلگەن بولسىمۇ ، لېكىن بۇنىڭ رىئاللىقتىكى ئالامەتلىرىنى كۆرگىنىمىز يوق .
يەر شارى خاراكتېرلىك بۇ روھىي قۇرغاقچىلىق ، ئېتىقادى ئەزەلدىن سۇيۇق بۇ مىللەتكە تەسىر كۆرسەتمەي قالمىدى . بۈگۈنكى كۈندە ھېچبىر ئۇيغۇر ئاتا - ئانا ئۆزىنىڭ قىز - ئوغۇللىرىدىن خاتىرجەم ئەمەس . ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە مۇھەببەت بۇزۇقچىلىقنىڭ دەسمايىسىگە ئايلاندى . ئىپپەت قىزلار گۆھەرلىك سالاھىيىتىنى بارا - بارا يوقۇتۇشقا باشلىدى . يىگىتلەرمۇ بۇنىڭغا خۇددى كىچىكىمىزدە پاسكىنا سۇنى : " كۆزۈم كۆرمىدى ، قۇلىقىم ئىشتمىدى " دەپ ئىچكەندەك مۇئامىلە قىلىشقا يۈزلەندى . قىزلىق پەردە ئوپېراتسىيىسىنىڭ بازارلىشىشى ، پارتلىماي قالغان يانار تاغنىڭ پىلىكىگە ئوت يېقىۋەتكەندەك بىر ئىش بولدى . ياشلىرىمىز تورمۇزى بۇزۇلۇپ كەتكەن ماشىنىغا ئوخشاپ قالدى . ئىلگىرى كوچا - كويلاردا ، كىشىلەر كۆرۈپ قالىدىغان ئوچۇقچىلىقتا ئىتلار جۈپلىشىپ قالسا ، كىشىلەر تاش ئېتىپ قوغلىۋېتەتتى ، ھازىر ئىتلارمۇ خىجىل بولۇپ خالىي جايلارغا كېتىدىغان بولدى . ئۇلارنىڭ ئورنىنى ئەمدىلىكتە ئادىمىي ئىتلار ئالدى . ئەرلەر ئاياللىرى باشقىلار بىلەن تانسا ئوينىسا ئۇنى كۈنلەش قالاقلىق ، مەدەنىيەتسىزلىك دەپ قارايدىغان ، ئاياللارمۇ ئەرلىرىنى توغرا چۈشىنىدىغان بولدى . ئەجىبا ، ئۇلار بۇزۇقچىلىقنىڭ مانا مۇشۇنداق ئاددى ئىشلاردىن باشلىنىدىغانلىقىنى بىلمەي قالارمۇ ؟
جىنسىيەت ھازىرقى " مەدەنىيەتلىك " جەمئىيەت تەرىپىدىن ئاشكارا تېما قاتارىدا قوبۇل قىلىندى . جىنسىيەتكە ئالاقىدار مەسىلىلەرنى يوشۇرۇشنىڭ ئىلمىيلىك ئەمەسلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈردى . باشلانغۇچ ، ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ مۇھەببەتلىشىشى ھازىرقى كۈندە ھېچكىمنىڭ دىققىتىنى قوزغىمايدۇ . بىز بولساق بۇنى ئوقۇغۇچىلارغا جىنسىي ساۋاتلارنى ئىلمىي چۈشەندۈرمىگەنلىكتىن ، دەپ قارىدۇق . ئوقۇغۇچىلارغا بۇنى چۈشەندۈرۈۋاتقاندا ، ئوقۇغۇچىلار بۇنى بىلىم دەپ قوبۇل قىلارمۇ ياكى ھەۋەسلىنىپ ئاڭلاپ ئولتۇرارمۇ ؟ ( تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە گېگىنا دەرسىدە كۆپىيىش سىستېمىسىنى ئۆتكەندە قانداق ھېسىسىياتتا بولغانلىقىڭىزنى ئويلاپ كۆرسىڭىز بولىدۇ ) . نومۇسلىق جايلارنىڭ يۆگىلىشىنىڭ ئۆزىلا بۇ تېمىنىڭ يۆگىلىشى كېرەكلىكىنى بەلگىلىگەن . ئېيتىلىشىچە ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالاممۇ ئاياللارغا ئايرىم كۈندە ، ئايرىم جايدا نەسىھەت قىلىدىكەن ، ھەم ئاياللارمۇ سوئاللىرىنى پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئايالى ئائىشە ئارقىلىق سورايدىكەن .
ناۋادا ئېتىقاد يوقالسا ، ئەخلاق يوقايدۇ ، ئەخلاق يوقالغاندا ، قانۇننىڭمۇ رولى قالمايدۇ . < قۇرئان كەرىم >دە ئېيتىلىشىچە ، ئەخلاقنى يوقاتقان لۇت ئەلەيھىسسالامنىڭ قەۋمىمۇ ئومۇميۈزلۈك بەچچىۋاز بوپكەتكەچكە ، ئاگاھلاندۇرۇشقا قۇلاق سالماي ئاخىرى شەھىرى دۈم كۆمتۈرۈلۈپ ھالاك بوپتىكەن .
ھازىر قىز - يىگىتلەر بىر - بىرىنى تاللىغاندا تاشقى قىياپەتكە بەكرەك ئەھمىيەت بېرىپ ، مەنىۋى قىياپەت بىلەن ئانچە ھېساپلىشىپ ئولتۇرمايدىغان بولدى . ئاتا - ئانىلارمۇ كۈيئوغۇل ، كېلىننى ئابروي ، پۇل ، ھوقۇق نۇقتىسىدىن بەكرەك تاللايدىغان بولدى ( مۇھەممەد ئەلەيھىسىسالام << دىيانەتلىكنى تاللاڭلار >> دېگەنىدى ) . ئاتا - ئانىلارنىڭ پەرزەنتىگە بولغان تەلىپىمۇ دەرس نەتىجىسى بىلەنلا چەكلىنىپ قېلىپ ، ئەخلاق تەلىپى تولىمۇ تۆۋەنلەپ كەتتى . ئاتا - ئانىسىنى " سىز ، سىلى " دەپ ئاتايدىغان بالىلار قالمىغىلى تۇردى .
ھازىر ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىن بەختلىك دەپ كەتكىلى بولمىسىمۇ ، خاتىرجەم ئائىلە تېپىش ئاسان ئەمەس . ئاياللار ئەرلىرىنىڭ ئۆزىگە كۆيۈنمىگەنلىكىدىن ، تەلەپ ئېھتىياجىنى پەرمانبەردارلىق بىلەن ئورۇندىمىغىنىدىن ..... ، ئەرلەر ئاياللىرىنىڭ بۇيرۇقلىرىنى خوش دەپ ئاڭلىمىغىنىدىن ، بۇرنىدىن يېتىلىمەكچى بولغانلىقىدىن ، پارچە - پۇرات ئىشلارغا تولا پۇل بۇزىدىغانلىقىدىن ، ئۆزىنىڭ ئىشلىرىغا تولا ئارىلىشىۋالغانلىقىدىن .... قاقشايدۇ . ئەرلەر لايىقىدا ئەر ،دادا بولۇپ بولالماي ، ئاياللار خوتۇن ، ئانا بولۇپ بولالماي تۇرمۇشىدىن رەنجىپ يۈرۈشمەكتە . تۇرمۇش ۋە مۇھەببەتتىكى كىچىككىنە ئوڭۇشسىزلىقلارمۇ بەزى ئادەملىرىمىزنىڭ روھىنى بەربات قىلىۋېتەلەيدۇ . بۇ ، روھىمىزنىڭ قانچىلىك ئەرزىمەس ھالغا چۈشۈپ قالغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ . ئەرلەر دۆلەتنىڭ غېمىنى يەيدىغانلاردىن ئىكەنمىش . ھازىر ئائىلە غېمى ئەڭ ئۇلۇغ ۋەزىپىگە ئايلانغان . ھازىر كىشىلەرنىڭ ئىقتىدارى ئائىلە ماجرالىرىنى بىر تەرەپ قىلىشتا ئىپادىلەنمەكتە . يىگىت دېگەن سۆز قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدا جەڭچى دېگەننى بىلدۈرەتتىكەن ، ھازىرقى يىگىتلەرنىڭ ئىقتىدارى مۇھەببەتلىشىشتە ئىپادىلىنىۋاتىدۇ . ئائىلە تاپا - تەنە ، رەنجىش ، كايىشلار بىلەن تولغان . ئائىلىنىڭ خاتىرجەملىك ، مۇھەببەت بۇلىقىغا ئايلانماي ، ئۇرۇش - جېدەلنىڭ ئۇۋىسىغا ئايلىنىپ قېلىشى ، ئەر- ئايالنىڭ بىر - بىرىدىن كۆڭلى سۇ ئىچمەسلىكى ئۇلارنى تالادىن سۇ ئىچىدىغان يەر تېپىشقا مەجبۇر قىلغان . . . ئاقىۋەتتە نېمە ئىشلارنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىنى سىزمۇ تەسەۋۋۇر قىلالايسىز .
بۈگۈنكى دەۋر ئەقىلنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى . لېكىن ئەقىلنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى ھەرگىزمۇ روھنىڭ مۇۋەپپەقىيىتىگە ۋەكىللىك قىلالمايدۇ . ئادىل يىلدىرىمنىڭ < غەلىتە ئۆزگۈرۈش > دېگەن ھېكايىسى گەرچە ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى رېئاللىقنى پۈتۈنلەي ئەينەن ئەكس ئەتتۈرمىسىمۇ ، روشەن بىر يۈزلىنىشنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ . ھېكايىدىكى پاجىئەلەر ئاۋۋال روھ ئاينىغاندىن كېيىنكى تەننىڭ ئاينىشىدۇر .
مېنىڭ نەزىرىمدە بىر مۇكەممەل جەمئىيەت جىنايەتتىن پۈتۈنلەي خالىي جەمئىيەت ئەمەس ( ئەمەلىيەتتە بۇنداق جەمئىيەت مەۋجۇد ئەمەس ) . بەلكى جىنايەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ، يوقىتىشقا ھەقىقىي تىرىشچانلىق كۆرسىتىشنى توختىتىپ قويمىغان جەمئىيەتتۇر . ئادەمنىڭ مۇكەممەللىك ئۆلچىمىنى جەمئىيەتكە تەققاسلاشقا بولىدۇ . ئالىي مەكتەپتە ئوقۇپ دىپلوم ، ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇپ ماگىستىرلىق ، دوكتۇرلۇق ئۇنۋانى ئالغىلى ، بىر نەچچە يىل ئىشلەپ دوتسىېنىت ، پروفېسسور بولغىلى بولىدۇ . لېكىن ھەقىقىي ئادىمىيلىكىنى دىپلوم ، ئۇنۋان ئالغاندەك ئالغىلى بولمايدۇ . جەمئىيەتمۇ بىرەر قېتىملىق ئىسلاھات بىلەنلا بولدى قىلسا بولمايدۇ ، چوقۇم ئىزچىللىقنى ساقلىشى كېرەك ، { ئەمەللەرنىڭ ئەڭ ياخشىسى ئاز بولسىمۇ ، ئۈزۈلۈپ قالمىغان ئەمەلدۇر } <ھەدىس>تىن.
تارىختىن بۇيان ھەققانىيەت ، ئەخلاق دەۋەتلىرى پەيلاسوپ - مۇتەپەككۇرلارنىڭ ئاغزىدىن بالدۇر چىققان بولسىمۇ ، بۇلارنى ھەل قىلىدىغان ھۆكۈمدارلارنىڭ پەرۋايى ھەمىشە پەلەك بوپكەلدى . ھاكىمىيەتنىڭ بىخەتەرلىكىگە تەھدىت ، ئىقتىسادقا زىيان ئەكەلمەيدىغان ئىشلارنى ھامان كۈنتەرتىپنىڭ ئاخىرىسىغا تىزدى . بۇنىڭغا نۆۋەت كېلىپ بولغىچە يەنە يېڭى - يېڭى باش ئاغرىتىدىغان ئىشلار چىقىپ ، بۇنىڭغا قاراشقا ھەقىقەتەن " چولىسى " تېگىپ بولالماي قالدى .
ئىلگىرى كىشىلەر ئاچلىقتىن بىر - بىرىنى يېگەنىدى . ھازىر بولسا توقلۇقتىن يەۋاتىدۇ . لۇشۈن ئەپەندى : " بالىلارنى قۇتقۇزۇۋېلىڭلار ! " دەپ نىدا قىلغانىدى ، لېكىن مەن ئاۋۋال ئۆزەڭلارنى قۇتقۇزۇۋېلىڭلار ، دەپ نىدا قىلىمەن . چۈنكى ئۆزى ئوت ئىچىدىكى ئادەم قانداقمۇ يەنە ئوت ئىچىدىكى ئادەمنى قۇتقۇزالىسۇن ؟
ئاپتورص: ئابدصرېھصم دۆلةت ،،،
مەزكۇر تېمىنىڭ ئىگىلىك (چۈشەندۈرۈش) ھوقۇقى ئەسلى مەنبەسىدىكى يوللىغۇچى ۋە شۇ توربېكەتكە مەنسۇپ. بۇ يەرگە كىرسىڭىز تېخىمۇ مول مەزمۇندىن بەھرىمەن بولىسىز.مەرھەمەت