مېنىڭ ئىچكىردە تۇر ۋاتقىنىمغا بريىل بولاي دىدى شۇسەۋەپلىك مەن سىلەرگە شىنجاڭلىقنىڭ،مىللىتىمىزنىڭ،ئۇيغۇرنىڭ يۈزىنى چۈشۈرۋاتقان مىللىتىمىزنىڭ شەنىگە داغ كەلتۈرۋاتقان شۇ شىنجاڭلىقلارنىڭ <شەرەپلىك> ئىش ئىزلىردىن ئازراق سۆزلەپ بىرەي....
ئاكامنىڭ ئچكىردەتۇرۋاتقىنىغا 7-8يىل بولۇپ دەسلەپتە (خاربىن)دا كاۋاپچىلىق قىپتۇ،كىيىن ئۇيەردىن قايتىپ كىلىپ (جېجاڭ)نىڭ (خۇجۇ)شەھرىگە قاراشلىق(جىلى)دىگەن يىرىگەكىلىپ تاللابازىرى ئىچىپتۇ.
بەلكىم ئۇيغۇرنىڭ ئچكىردە <<تالابازىرى >> ئاچقانلىقىنى تۇنجى قېتىم ئاڭلىشىڭىزغۇ دەيمەن؟؟؟
مەن شۇ تاللابازىرغا ياردەملىشىپ بەرەگىلى چىققان ئىدىم ......
كۈندە دۇككانغا ھەرخىل ئادەملەر كىرىپ -چىقىپ تۇراتتى،بىركۈنى <ئەسسالامۇئەليكۇم> دىگەن سۆزدىن ھەيران قالدىم،
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام دىدىم مەن...
ئۇلارنىڭ ئىككىسى ئوغۇل بىرسى قىز ئىدى (قىز 12ياش ئوغۇل بىرسى10ياش بىرسى14ياش)
ئاكا سۆزىنى باشلىدى ئۇ: تاماكىدىن بىرقاپ پىۋىدىن 2نى بىرڭە....
مەن گەپ قىلمايلا ئىپ بەردىم، پاھ.....قاراماۋۇگۇينى كىچىككىنە تۇرۇپ تېخى چىكىشى بىرقېپى20 يۈئەنلىك(لىچۈن) ئىچىشى پىۋە...
ئۇلار قىزدىن سوردى:سەنمۇ ئچەمسەن ؟
قىز سەل ئىزا تارتتى بولغاي،
ياق دىدى.
لىكىن ئۇلارنىڭ تۇرقىغاقاراپ سەل ئچىم ئاغرىپ قالدى، ئۇلارنىڭ كىيىملىرى كونىراپ مەينەتلىشپ كەتكەن بىلەكلىردە تاماكاداغلىرى...
ئۇلار ئالدىراپلا مىڭىشقا تەمشەلدى،
ئاكا ماقا ئەمسە خۇدايىمغائامانەت <لوبەن >كەينىمىزدەبارئدى ئۇبىزنىڭ ئۇنىڭدىن پۇل يۇشۇرغىنىمىزنى بىلىپ قالسا بىزنى ئۇرىدۇ ،دەپ ئالدىراپلا كىتىپ قېلىشتى.
ئاردىن ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇلارنىڭ<لوبەن>دىگىنى كەلدى،
ئۇ ئىشىكتىن كىرىپلاخۇددى مەن ئۇنىڭ شىرىكىدە ئۇلارنى سۈرۈشتۈردى....
ئا ئۈچ ھاراملىقنى كۆلى ما؟
مەن قەستەنگە بىلمەسكە سىلىپ،
نىمەئۇ <ئۈچ ھاراملىق>دىگەن؟
ئۇيىنىمغا كىلىپ سۆز باشلىىدى،
ئۈچ ئۇيغۇر كىچىك بالنى دەيمەن ئۇلار بايا بىرسىنىڭ 500يۈئەندىن كۆپرەك پۇلىنى قويۇپتىكەن،ماڭا بەرگىنى ئاران300يۈئەن،بۇنى باشقا بالىلار كۆرۈپتىكەن دىدى.
مەن: ھەئۇلار كىرگەن، قورسىقى ئېچىپ كىتىپتىكەن يەيدىغان نەرسە ئېلىپ چىقىپ كىتىشتى ،سىزمۇ ئۇلارنڭ قورسىقىنى ئاچ قويغۇچە توق-توق باققان بولسىڭز ئۇلارمۇ ئۇنداق قىلماس بولغىيتى؟
ئۇنىڭغا گىپىم سەل تەسىر قىلدى بولغاي جىمىپ قالدى، مەن ئۇنىڭدىن گەپ سوراپ،
نەدىن بولسىز؟
ئۇ قىلچە تەپتارتماستىنلا ئۆزنىڭ {شەرەپلىك } تارىخىنى سۆزلىدى،
مەن يەكەندىن دادام (ۋۇخەندە) تىجارەت قىلىدۇ،(ئۇنىڭ ئۆزنىڭ دەپ بىرشىچەدادىسىنىڭ <ۋۇخەن> دە ئاشخانىسى بارمىش 1-قەۋتى ئاشخانا 2-قەۋتى تاماق تەييارلايدىغان جاي3-قەۋتى ياتاق ۋە ئۇلارنىڭ ئشپۇشقىنى چىقىردىغان خروئىن ،نىشە...قاتارلىق زەھەرلىك چىكىملىكلەرنى چىكىدىغان،ساتىدىغان قىمار ئوينايدىغان يىرمىش...)
مەن شەھەرمۇشەھەر يۈرۈپ تىجارەت قىلمەن....
ھى..بۇئۇنىڭ تىجارىتى كەن تېخى،
مىنىڭ قول ئاستىمدا 7-8چە بالا بار، ئۆتكەندە ئاۋۇ ئۈچ شۇمنىڭ چوڭى تۇتۇلىپ قېلىپ بىرمۇنچە پۇل تۆلەپ ئېپ چىقسام بۇگۈن قىلغان ئىشىنى تايقى كامغۇ ئۇلارنىڭ ئاخشاملىققا ئەدىپىنى بىر بىرىپ قويمىسام ... دىيشىگە تىلفۇن كىلىپ ،ئالدىراشلا چىقىپ كەتتى...
توۋا بۇلار ئازراقمۇ نۇمۇس قىلىش دىگەننى بىلمەيدىكىنا.........
مەن ئوغۇرلۇق قىلمەن ،دادام خىروئىن ساتىدۇ! دىيىشلىرچۇ تېخى خۇددى دۇرۇس ئش قىلغاندەك،...تارىخىتىكى ئاتا-بوۋلىرمىزمۇ <ئۇيغۇر >دىسە <ئۇيغۇر>دەك ياشاپ ئۆتۈپتىكەنغۇ؟ ئۇلار ئۆزقىلمىشىدىن پەخىرلەنسە كېرەك؟
ئۇ بالىلارنىڭ ئاتا-ئانسى باللىردىن ئەنسىرەپ نىمە بوپ كىتىۋاتقاندۇ ؟؟؟....
شۇندىن كىيىن ئۇلار 5-6ئايچە يوقاپ كەتتى ،مەن تېخى بۇلار باشقا يەرگە كەتكەن ئوخشايدۇ ؟
دەپ يۈرسەم بىر كۈنلەردە ئۇ نوچى يەنە پەيدا بولدى.
بۇقىتىم ئۇ8ياشتىن12ياشلارغىچە ئككى بالا بىلەن كىرىپ كەلدى ،ئۇئككى بالا ئۇنىڭ ئۆگەي ئاپىسىنىڭ باللىرى ئىكەن ،
مەن ئۇنىڭدىن گەپ سوردۇم:
يوقاپ كەتتىڭزغۇ؟
ئۇ گىپىنى باشلاپ :ئۆتكەندە بۇياقتىن مىڭىپ باشقا شەھەرگەبارغان<بازار ئوينىغىچە> تۇتۇلۇپ قالدىم.
بۇقىتىم يۇرتقاچۈشۈپ ئايالىم بىلەن باللاردىن بىرنەچچىنى ئىلىپ چىقتىم ،ماۋۇ مىنىڭ ئۆگەي ئاپامنىڭ باللىرى بۇنىڭدىن باشقا يەنە 5شى بار قاغانلار بازار ئوينىغىلى چىقىپكەتتى، ماۋۇ ئككىسى تېخى ھىچ ئشنى ئۇقمايدۇ !؟
ئۇبالىلار سەبىيلىكتىن بىر-بىرى بىلەن ئوينۇشۇپ يۈرەتتى، ئۇ بولسا بالىلارنى ئېغىزغا ئالغۇسىز سەت گەپلەر بىلەن تىللايتى ،ھارامدىن بوغانلار شۇك تۇرۇش دەيمەن ھېلى بىكار مەن بىرىپ قالدىغان بولسام ئاناڭنى...ھاراملىقلار .
ما شوۋچى ھارامدىن بولغان <توڭگۇز>گۆشى يەپتىكەن گىپىنى داۋاملاشتۇردى ئۇ:
تېخىغىچە ساقايمايۋاتىدۇ؟دوختۇرخانىغا ئەكىرسەم ئۆزى ساقايمىسا بىزدە ئامال يوق دەيدۇ....
بالىلارنىڭ كىچىكىنىڭ يۈز-كۆزنى كۆرگىلى بولمىغىدەك يىرىڭ ئارلاش چاقا بىسىپ كەتكەن ئىدى .
ھېزى بولغان بولساڭلار بۇنداق بولماس ئىدى ، ئۇلار نىمىنى يىسە بولىدىغان-بولمايدىغانلىقىنى بىلمەيدىغان تۇرسا ،ئۇنڭ ئۈستىگە بۇكىچىك بالىلارنى بۇيەرگە ئەپ چىقىپ نىمىمۇ قىلاتتىڭلار ؟ ئۇلارنىڭ تېخى مەكتەپتە ئوقۇيدىغان ۋاختىغۇبۇ؟ دىدىم مەن ...
بۇگەپنى قىلغىنىمغا ئۇ مىنى راسا تويغۇزۇپ قويدى .
بېقىۋىرەمدۇق بۇ ھارمىلارنى ئۇلارمۇ پۇل تاپسۇن !!!
ھەي ...پۇلغا تويماسلار ئاشۇنداق قىلىپ تاپقان پۇلۇڭ ساڭا ھالال بولارمۇ ؟ دىدىم مەن ئچىمدە.
ماقا ئەمسە مەن ماڭاي بازارغا چىقىپ ماۋۇ ئككىسنىڭ ئازراق كۆزنى ئېچىپ قوياي .
دەپ چىقىپ كەتتى.
ئاردىن بىر نەچچە كۈن ئۆتكەندىن كىيىن بىركۈنى نەرسە- كىرەك سىتىۋالغىلى چىقىپ بىر ماگزىنغا كىردىم ،
يېنىمدا تۇرغان بىر <خەنزۇ>مىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ يىنىدىكى دوستىغا،
ئاۋۇ <شىنجاڭ>لىق ئىكەن ماڭە چىقىپ كىتەيلى دىدى .
مەن شىنجاڭلىق بولغانلىقىمدىن ئۇيغۇر بولغانلىقىمدىن ئۇلارنىڭ يېنىنى قۇرۇقداپ قويشۇمدىن قورۇقتى.
لىكىن مەن شۇنداق نۇمۇس قىلدىم !
ھەي..ئاشۇ بىر قىسىم ئوغىرلارنىڭ دەستىدىن بۈگۇن مەنمۇ <ئوغرى> قاتارىغا چىقتىم ....
بۇنداق مىساللار ئاز ئەمەس .......ھازىر مەن يۈرەكلىك ھالدا كوچىغىمۇ چىقالمايدىغان بولۇپ قالدىم.
ئۇيغۇرلارنىڭ ئاقىۋىتى تەغدىرى مۇشىنداق بولارمۇ ؟؟؟
ھەي ئسىت ئۇيغۇرۇم سىنىڭ ئۆمرۈڭ مۇشۇنداق خوتۇن- باللىرىڭنى ئوغۇرلىققا سىلىپ ئۆتۈپ كىتەرمۇ؟
سىنىڭ دەستىدىن ئىچكىرگە چىققان ئۇيغۇر تىجارەتچىلەر ،ساياھەتچىلەر ئارام -خۇدا يۈرەلمىسە؟
ئىچكىردىكىلەر شىنجاڭلىقنىڭ ھەممىسنى <ئوغرى> دەپ بىلسە ؟
سېنىڭ دەستىڭدىن ئۇيغۇرنىڭ يۈزى پوق بولسا ؟
بىزنىڭ كىيىنكى تەغدىرىمىز مۇشۇنداق بولارمۇ؟
ئاپتورى: ئمام مۇھەمەتجان .
مەنبە:ھۆرىيەت مۇنبىرى
مەزكۇر تېمىنىڭ ئىگىلىك (چۈشەندۈرۈش) ھوقۇقى ئەسلى مەنبەسىدىكى يوللىغۇچى ۋە شۇ توربېكەتكە مەنسۇپ. بۇ يەرگە كىرسىڭىز تېخىمۇ مول مەزمۇندىن بەھرىمەن بولىسىز.مەرھەمەت