غالىپ بارات ئەرك
[ ئىلاۋە :
بۇ ماقالە 2001 – يىلى يېزىلغان ، ھازىر بەزى كەسكىن پەرقلەر بار ، كىتابخان دوستلارنىڭ چۈشۈنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن ]
ئۇزاق تارىخقا، پارلاق مەدەنىيەتكە، كۆپ نۇپۇسقا ئىگە خەلقىمىز - ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆتمۇش تارىخىغا، بۈگۈنىگە، ئەتىسىگە كۆڭۈل بۆلۈدىغان چاغ بۇلۇپ قالدى. مانا يېڭى ئەسىر ھەش - پەش دىگۈچە يېتىپ كېلىپ ئۆز جامالىنى نامايەن قىلدى، قارىماققا خۇددى ئادەتتىكى كۈنلەردەكلا، كۈن ئىلگىرىكىدەك مەشرقتىن چىقىپ تەپتارتماستىن مەغرىپكە پېتىۋاتىدۇ. يېڭى ئەسىر، يېڭى دەۋردە يەنە ” كونا مۇقام “ بويىچە مارشقا دەسسەش لازىممۇ؟ ئەيتاۋۇر ئويلىشىمىز، ئۆز ئەقلىمىز بىلەن پىكىر قىلىشىمىز، جاھانغا قاراپ باشقىلار بىلەن ئۆزىمىزنى جۈملىدىن ئىجتىمائى، سىياسى، ئىقتىسادى، مەدەنىيەت، پەن تېخنىكا جەھەتلەردىكى ئورنىمىزنى سېلىشتۇرۇپ كۆرۈشىمىز ھەمدە ”ئۆز تەغدىرىمىزنىڭ تۆمۈرچىسى“ بۇلىشىمىز لازىم، ئۇيغۇر دانالىرى ”كۆز كۆرسىمۇ ئەقىل كۆرمىسە بىكار “ دىيىش ئارقىلىق ئەقىل پاراسەتنى ئىنتايىن يۇقۇرى ئۇرۇنغا قۇيۇدۇ ، ئۇيغۇر شائىرلىرى ئەقىلنى ”3 – كۆز “ دەپ ئاتايدۇ، بىزنىڭ كۆزلىرىمىز نۇرغۇن ئىشلارنى كۆرۈۋاتسىمۇ ئەقلىمىز كۆرمەيۋاتىدۇ، مانا ئەمدى بولسىمۇ ئەشۇ ئەقىل كۆزىمىز بىلەن يەنە بىر خىل ئېيتقاندا 3 – كۆزىمىز بىلەن ئۆزىمىزگە ۋە باشقىلارغا قاراپ باقايلى . ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ تىلى بىلەن ئېيتقاندا ”ئەي پېقىر ئۇيغۇر ئويلان.....ئويلان كۆپ ئۇزاق“
ئۇيغۇر مىللىتى جوڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىدا توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان يەرلىك تۈپ ئاھالە بۇلۇپ ش . ئۇ . ئا . ر دائىرىسىدىكى ئۇمۇمى نۇپۇسى 8مىليۇن 20مىڭ 40 (1997-يىلى)، ئۇندىن باشقا جۇمھۇرىيەتنىڭ باشقا جايلىرىدىمۇ خېلى ساندا ئۇيغۇرلار بار. چەتئەللەردە روسىيە، قازاقىستان (200مىڭدىن ئارتۇق بۇلۇپ دۆلەت ئاھالىسىنىڭ%1نى ئىگەللەيدۇ)، قىرغىزىستان (پۈتۈن ئاھالىنىڭ%1نۇپۇسىنى ئىگەللىگەن بۇلۇپ 50مىڭدىن ئارتۇق)، ئوزبەكىستان (نۇپۇسى 50مىڭ ئەتراپىدا)، تۈركىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان (نۇپۇسى 50مىڭ ئەتراپىدا)، تۈركمەنىستان (بىرقانچە مىڭ ئۇيغۇر بار) ۋە باشقا بىرقانچە دۆلەتتە ھايات كەچۈرمەكتە. ئۇمۇمەن دۇنيادا ھازىرقى ئۇمۇمى نۇپۇسى 9مىليوندەك بۇلۇپ دۇنيادىكى نۇپۇسى مىليوندىن ئاشىدىغان 200دەك مىللەتنىڭ نۇپۇسىنى كۆپتىن ئازغا قاراپ تىزغاندا 90 نەچچىنچى ئۇرۇندا تۇرىدۇ، جۈملىدىن دۇنيادا نۇپۇسى كۆپ مىللەتلەردىن بىرى سانىلىدۇ.
ئۇيغۇرلاردا پۇل بارمۇ؟_-” پۇل بولسا جاڭگالدا شورپا“
بۇ سۇئال ھە دىگەندىلا قارشى ئېلىنماسلىغى مۈمكىن، چۈنكى خەلقىمىزنىڭ پۇلغا بولغان قارىشى تېخى يېتىلگىنى يوق، تېخىچە كومۇنىزىم دەۋرى - ”ھەممە ئىقتىدارىغا قاراپ ئىشلەش، ئېھتىياجىغا قاراپ تەمىنلىنىش“ چۈشۈنى سۈرۈۋاتىدۇ ھەمدە بۇنى دىنى رىۋايەتلەردىكى جەننەت بىلەن سېلىشتۇرماق بولىدۇ. شۇڭا ئۇيغۇر دانالىرى ئېيتقان ”پۇل بولسا جاڭگالدا شورپا“ دىگەن ئاقىلانە تەمسىل سەلبى قاراش سۈپۈتىدە تۇنۇلۇۋاتىدۇ، قانداقلا بولمىسۇن سوتسىيالىزىمنىڭ تۆۋەن باسقۇچىدا تۇرىۋاتقان ئېلىمىز ئۈچۈن پۇلنىڭ رولى ئىنتايىن چوڭ، ھەر بىر سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش ئۈچۈن يېتەرلىك مەبلەغ كېرەك. پۇلۇڭ بولمىسا دانىشمەن ئەجداتلىرىمىز ئېيتقىنىدەك ”ھالىغا بېقىپ ھال تارتىش “قا، ”يوتقانغا قاراپ پۇت سۇنۇش “قا مەجبۇر بولىمىز. مانا ، ئېلىمىزمۇ پىلانلىق ئىگىلىكتىن بازار ئىگىلىگىگە قەدەم قويدى ھەمدە خېلى ياخشى تەرەققىياتلارغا ئېرىشتى، بازار ئىگىلىگى ئۇيغۇرلارنىمۇ چەتتە قويماستىن سۆرەپ كىرىپ پۇلنىڭ زادى نېمىلىگىنى دەستلەپكى قەدەمدە ھېس قىلدۇردى، مەنمۇ شۇ قاتاردا پۇلنىڭ كۈچ- قۇدرىتىنى ھېس قىلدىم ھەمدە پۇل ھەققىدە كۆپرەك ئويلايدىغان بولدۇم، شۇ قاتاردا ئۇيغۇرلاردا پۇل بارمۇ ؟ دىگەن سۇئال مېنى دائىم ئويلىنىدىغان، جەمىيەتنى كۈزىتىشكە مەجبۇرلايدىغان بۇلۇپ قالدى. راست، قايسى بىر ئۇيغۇر قانچىلىك پۇلى بارلىغىنى ئېيتىپ بېرەلەيدۇ؟ مېنىڭچە ھازىر مانا مۇشۇ بۈگۈنكى كۈندە ئۆزىدە قانچىلىك پۇلنىڭ بارلىغىنى دەڭسىمەيدىغانلار ئىنتايىن ئاز بولسا كېرەك. بۇنىڭ سەۋەبى ھەممەيلەنگە ئايدىڭ، چۈنكى ئۆي ئىسلاھاتى بىلەن ئىسلاھات دولقۇنىدا ”ئىش ئورنىدىن قالدۇرۇش“ سىياسىتى يۈرگۈزۈلۈپ، بىر قىسىم ئىشچى- خىزمەتچىلەر ئىش ئورنىدىن قالدى ھەمدە ئىگىلىك تىكلەش يوللىرى ئۈستىدە باش قاتۇردى، بۇنىڭغا ئەگىشىپ ئىسلاھات چوڭقۇرلىشىپ ئۆي ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىلدى. ”ئۆي ئالمىسام تالادا قالدىم، ئۆي ئالسام بالادا قالدىم“ دىگەندەك ئۆينىڭ باھاسىغا چىقىش قىلالماي كۆپ رىيازەت چەكتۇق، ھەتتا》ئۆي ئالايمۇ؟ خۇتۇن ئالايمۇ؟ ئۆلۈۋالايمۇ؟《دەپمۇ ئىلتىجا قىلىپ ئويلىنىشقا چاقىرىلدۇق. پۇل ئۆز كۈچىنى، ئۆزىنى بىزگە تۇنۇتتى، مانا ئەمدى مۇلاھىزە قىلىپ ئەمىلى پاكىت ئاساسىدا جاۋاپ بېرەيلى ، ئۇيغۇرلاردا پۇل بارمۇ؟
》پۇلنىڭ بىر ئۇچى يۈرەكتە، بىر ئۇچى بىلەكتە《 دەيدۇ ئۇيغۇر دانالىرى، پۇلنىڭ ئۇچى بىلەن تۇتاشقان ئەشۇ ئۇيغۇر ”يۈرۈگى“ ھەم ”بىلىگى“نىڭ قۇدرىتى قانچىلىك؟ ھازىرچە ئېنىق ئىستاتىسكىلىق مەلۇمات يوق، ئەمما %80 تىن %85گىچە بولغان ئۇيغۇرنىڭ دېھقان ئىكەنلىگىدەك ھەقىقەتنى ھىچكىم ئىنكار قىلمىسا كېرەك (مەملىكىتىمىزدە يېزا ئاھالىسى ئۇمۇمى ئاھالىنىڭ %63.9نى ئىگەللەيدۇ). ئۇيغۇرلارنىڭ ئىگىلىك قۇرۇلمىسى ھەققىدىكى سانلىق مەلۇمات يوق ، ئەمما شىنجاڭنىڭ ئىشتىكى نۇپۇسى ئىچىدە جىسمانى ئەمگەك بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلىرى ئۇلارنىڭ %61 .92نى ئىگەللەيدۇ، شىنجاڭ بۇيىچە ئوتتۇرىچە سەۋىيە بولسا %87 بۇلۇپ %61 .5 يۇقۇرى. دېھقانچىلىق ، چارۋىچىلىق ، ئورمانچىلىق ، بېلىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلارنىڭ نىسبىتى %9 .81 بۇلۇپ شىنجاڭنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيىسىدىن %5. 17 يۇقۇرى.ئەقلى ئەمگەك بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار %39. 7 بۇلۇپ شىنجاڭنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيىسىدىن %13 تۆۋەن. شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر ئىچىدە 1 – ئىگىلىك بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار %2 .83 ( شىنجاڭنىڭ ئوتتۇرىچە نىسبىتى %3 .66 ) ، 2 – ئىگىلىكتىكى نىسبىتى %63. 5 ( شىنجاڭدىكى ئومۇمى نۇپۇستىكى نىسبىتى %22 .16 ) ، 3 – ئىگىلىكتىكى نىسبىتى %17 .11 ( شىنجاڭدىكى ئومۇمى ئاھالە ئىچىدە %48 .17 ) بۇلۇپ بۇ ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ نۇپۇسى ئىچىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىگىلەيدىغان نىسبىتى يۇقۇرى بۇلۇپ مۇشۇ نىسبەت ئۇيغۇرلارنىڭ نىسبىتىگە يېقىن كېلىدۇ. بۇلارنىڭ يىللىق كىرىمى قانداق؟ رەئىس ئابلەت ئابدۇرېشىتنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى كۆرىدىغان بولساق دېھقانلارنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى 1620يۇەن ئىكەنلىگى مەلۇم بولىدۇ. بۇنى ئايلىق ساپ كىرىمگە سۇندۇرساق بەردەم ئۇيغۇر دېھقان ئائىلىلىرىنىڭ ئايلىق ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى ئاران135 يۇەن بۇلىدۇ (بەزى كىشىلەر بىر دېھقاننىڭ بىر يىللىق كىرىمى مۇز كالتەك ساتقۇچىلارنىڭ كىرىمىدىن تۆۋەن دەيدۇ)، ئۇنداقتا ئۇلار گۆش - ياغ يىمەمدۇ، ئۇن سېتىۋېلىپ نان - تاماق يىمەمدۇ؟ تۇرۇبا سۈيى ئىچمەمدۇ، ئېلىكتىر چىراق ياندۇرمامدۇ؟ كىيىم كەيمەمدۇ؟ بالىلىرىنى مەكتەپتە ئۇقۇتمامدۇ؟ ئاغرىسا دوختۇردا داۋالانمامدۇ؟ ئۇرۇغ، خېمىيىۋى ئۇغۇت سېتىۋالمامدۇ؟ مۇشۇنداق بولغاندا ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ يىلدا ھېرىپ چارچاپ ئىشلىسىمۇ قۇلىدا ھېچ نەرسە قالمايدۇ، ”قۇلدەك ئىشلەپ بەگدەك ية“ دەيدىغان ئۇيغۇرلار توغرىسىنى ئېيتقاندا بىر يىل جاپا چېكىپ قۇرسىغىنى تويغۇزۇش ئۈچۈن ئىشلەيدۇ.》تۇرپان گېزىتى《نىڭ مۇخبىرى مۇھەممەت راخماننىڭ》ئاسىيا كىندىكى《 گېزىتىنىڭ 2000- يىلى 8- ئىيۇن سانىدا ئېلان قىلىنغان》دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى راستچىللىق بىلەن مەلۇم قىلايلى《 ناملىق ئوبزورسىمان ماقالىسىدا يېزىشىچە بەزى شەخس ۋە ئۇرۇنلار دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى يۇقۇرىغا ئۆستۈرۈپ مەلۇم قىلىپ ئۆزىدىن يۇقۇرى دەرىجىلىك پارتىكوم ۋە خەلق ھۆكۈمەتلىرىنى توغرىراق ئېيتقاندا پارتىيە ۋە خەلقنى ئالداپ مەنسەپ دەسمايىسى قىلىدىكەن. ماقالىدە يېزىلىشىچە تۇرپان ئايدىڭكۆل يېزا يەمشى كەنتىدىكى ئەمىلى ساپ كىرىمى 1159 يۈەن بولغان بولسا يېزا بۇنى 1823 يۈەن ھىساپلىغان، شۇ يېزىنىڭ ئانىجان كەنتى مەسئۇللىرى 》كەنتىمىزنىڭ ئۆتكەن يىللىق كىشى بېشى ساپ كىرىمى 1285 يۈەن ئىدى. بۇ يىل يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ باھاسى نىسبەتەن تۆۋەن بولدى ، ئۇنىڭ ئۈستىگە تۈرلۈك تەبىئى ئاپەتلەرنىڭ زىيىنىمۇ ئاز ئەمەس. مۆلچەرىمىزچە بۇ يىللىق كىشى بېشى ساپ كىرىمىمىز 1000يۈەن ئۆپچۆرىسىدە بۇلىشى مۈمكىن. لېكىن يېزىنى بىرلىك قىلساق كىشى بېشى ساپ كىرىمىنى 1800يۈەنگە يەتكۈزسەك بۇلىدۇ. بۇنىڭغا يۇقۇرىنىڭ كىشى بېشى ساپ كىرىمىنى ئالدىنقى يىلدىكىدىن 300يۈەن ئاشۇرۇش ئۆلچىمىنى قوشساق كەنتىمىزنىڭ كىشى بېشى ساپ كىرىمى 2100يۈەنگە يېتىدۇ. بۇنداق بولغاندا پەرق 1000يۈەن ئەتراپىدا بۇلىدۇ.《 بۇنداق ساختا سانلىق مەلۇمات بىلەن دېھقانلارنى بېيىتىپ پارتىيىنى ئالدايدىغان ۋابا ھەممە جايدا دىگۈدەك بار بۇلۇپ خوتەن ۋىلايىتىدە بارلىغىنى شائىر روزى سايىت شېئىرلىرىدا كۆرسىتىپ ئۆتىدۇ. دېھقانغا دىلكەش شائىر روزى سايىتنىڭ》دېھقان بولماق تەس《 ناملىق لېنتىسىدىكى》 دېھقان يىغلايدۇ 《 قاتارلىق شېئىرلىرى دېھقانلار تەرىپىدىن قارشى ئېلىنىشى سەۋەپسىز ئەمەسمۇ نىمە؟ نۇرمۇھەممەت توختىنىڭ》 خوتەندىن خەت《 ئاخباراتىمۇ دېھقانلار ئۈچۈن سۆزلەنگەن راست گەپتەك قىلامدۇ نىمە؟، سىز دېھقانلار ھۇرۇن ۋە ئەقىلسىز، شۇڭا بېيىمىغان دەپ قارامسىز؟ ياق، مەن سىزگە كۆرگەنلىرىم بىلەن پاكىتنى قۇشۇپ سۆزلەپ بېرەي!
تەكشۈرۈش ماتېرىياللىرىغا ئاساسلانغاندا شىنجاڭ دېھقانلىرىنىڭ كىرىمى 1620 يۈەن بۇلۇپ مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن 700يۈەن تۆۋەن تۇرىدىكەن. 1983-يىلى مەملىكەت بويىچە دېھقانلارنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمىدىن شىنجاڭ دېھقانلىرىنىڭ كىرىمى 43يۈەن تۆۋەن بولسا 1999- يىلىغا كەلگەندە 691 يۈەن تۆۋەن بولغان. 1983- يىلى شىنجاڭ دېھقانلىرىنىڭ يېزا ئىگىلىگىگە سالغان مەبلىغى مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە سېلىنمىسىدىن 13 يۈەن(16.5%) ئاز بولسا 2000 - يىلىغا كەلگەندە 544يۈەن ئارتۇق مەبلەغ سالغان بۇلۇپ مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە سېلىنمىسىدىن 83.2% يۇقۇرى بولغان.
》 2000-يىلى بىلەن 1983-يىلىنى سېلىشتۇرساق شىنجاڭ دېھقانلىرىنىڭ ئائىلە ئىگىلىگىدىن كىرگەن كىرىمى 8 ھەسسە ئاشقان بۇلۇپ يىلىغا 10.3%، كىشى بېشىغا توغرا كەلگەن كىرىم 4.3 ھەسسە ، يىلىغا 10.3 پىرسەنت ئاشقان. ئەمما ئائىلە ئىگىلىگى سېلىنمىسى 17 ھەسسە، يىلىغا 18.5 پىرسەن ئاشقان بۇلۇپ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمنىڭ ئېشىشىنىڭ 3 ھەسسىسىگە يېقىنلىشىدۇ《(<<شىنجاڭ ئىقتىسات گېزىتى>>2001-يىلى 4-ئاينىڭ 13-كۈنى)
شىنجاڭ دېھقانلىرىنىڭ يېزا ئىگىلىك كىرىمىدە 89.9% دېھقانچىلىقتىن، 10.1% باشقا ئىشلاردىن كىرىدىكەن، بۇ نىسبەت 1985 –يىلىدىكى بىلەن ئاساسەن ئوخشاش ئىكەن.
دېھقانلارنىڭ دېھقانقچىلىققا سالىدىغان مەبلىغى نىمە ئۈچۈن ئېشىپ كېتىدۇ؟ بۇنىڭ سەۋەپلىرى تۈرلۈك، ئەمما دېھقاندىن ئىبارەت بۇ ”بۇزەكنى بوزەك قىلمىسا قىيامەتتە سورىغى بار“ لىغىنى بىلىدىغان ھەممە ساھە ئۇلارنى تالان تاراج قىلىدۇ. خەۋەرلەرگە قارىغاندا 3-ئاينىڭ 25-كۈنى سودا - سانائەتنى باشقۇرۇش، سۈپەت تەخنىكا نازارەتچىلىك ئىدارىسى، پىلان كومتىتى، دېھقانچىلىق نازارىتى، تەمىنات سودا كوپراتىۋى... قاتارلىق ئۇرۇنلاردىن تەشكىللەنگەن گۇرۇپپا جەنۇبى ۋە شىمالى شىنجاڭدا دېھقانچىلىق ۋاستىلىرى بازىرىنى 15كۈن تەكشۈرگەن بۇلۇپ جەنۇپتىكى تۆت ئوبلاست (ۋىلايەت) تىكى 11ناھىيىدىلا بايقالغان ساختا، سۈپەتسىز خېمىيىۋى ئۇغۇت 1150توننا، ۋاقتى ئۆتكەن سۈپەتسىز دېھقانچىلىق دورىسى 148 توننا، ساختا سۈپەتسىز ئۇرۇق 68 توننا، ساختا سۈپەتسىز يۇپۇق 292 توننا، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنىڭ ساختا سۈپەتسىز زاچاسلىرىدىن بايقالغانلىرىنىڭ باھاسى 17مىليون 320 مىڭ يۈەن ئىكەن. 4- دېۋىزىيە 64- پولكتىن 780 توننىدىن كۆپرەك ساختا فوسفورلۇق ئۇغۇت بايقالغان بۇلۇپ غۇلجىدىن ئېلىپ ئەكەلگەن بۇغايغا مەخسۇس ئىشلىتىدىغان خالتىسى 50 كىلوگىراملىق (باھاسى 50 يۈەن) ئۇغۇتنى ئامىرىكىدا ئىشلەنگەن فوسفۇرلۇق ئۇغۇتنىڭ خالتىسىغا قاچىلاپ (50 كىلو) 113 يۈەندىن ساتقان. دىمەك ساختىلىق دېھقانچىلىق ئىشلەپچىقىرىش كېرەكلىكلىرى بازىرىنى قاپلاپ كەتكەن، ھەمدە دېھقانلار قان تەرىدىن كەلگەن پۇللىرىنى بۇلىۋالغان مۇشۇنداق ھالەتتە شىنجاڭ دېھقانلىرىنىڭ يەرگە سالىدىغان مەبلىغى قانداقمۇ مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيىسىدىن ئېشىپ كەتمىسۇن؟ ئىشەنمىسىڭىز》شىنجاڭ ئىقتىسات گېزىتى《نىڭ 2000- يىلى 8- ئاينىڭ 18- كۈنى سانىدىكى》 دېھقانلارنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش نىمىشقا تەس《 دىگەن ماقالىنى كۆرۈڭ، ماقالىدە ئىنكاس قىلىنىچە يېزا توك يوللىرىنى ئۆزگەرتىشتە مىچۇەن، توقسۇ قاتارلىق جايلاردا ئاق ھۆججەت بېرىپ ئوشۇق ھەق يىققان بۇلۇپ 100 مېتىرى بازار باھاسىدا 25يۈەنلىك سىمنى 60يۈەندىن ساتقان.
سۇ ۋە توكنىڭ باھاسى ھەممىلا جايدا يۇقۇرى ئىكەنلىگى، توكنىڭ خورىشى دىگەندەك قۇشۇپ ئېلىنىدىغان ھەقلەرنىڭ كۆپلۈگى ھەممە بىلىدىغان ھەقىقەت.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى بىر ئاق(پاختا)، بىر قارا(نېفىت) ئىستىراگىيىسىنى بەلگىلىدى، پاختا كۆلىمى 14مىليون 920 مىڭ موغا يېتىپ پۈتۈن مەملىكەت پاختا كۆلۈمىنىڭ %26.2 ئىگىلىدى. پاختا مەھسۇلاتى 30 مىليون دەنگە يېتىپ مەملىكەت ئومۇمى مەھسۇلاتىنىڭ %40 ئىگىلىدى ( دۇنيا پاختا مەھسۇلاتىنىڭ %8 نى ئىگەللەيدۇ ). مو بېشى پاختا مەھسۇلاتى 100 كىلوگىرامغا يېتىپ مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىنىڭ 1.41ھەسسىسىگە توغرا كەلدى. دۇنيا بويىچە بىردىنبىر مىليون گېكتار كۆلەمدىكى پاختىلىقنىڭ ھەر گېكتارىدىن 1500كىلوگىرامدىن ھۇسۇل ئالىدىغان يۇقۇرى مەھسۇلاتلىق رايۇن بۇلۇپ قالدى. سېتىۋېلىنغان پاختا 25مىليون 200مىڭ دەنگە يېتىپ مەملىكەت بويىچە سېتىۋېلىنغان پاختىنىڭ50.6% ، باشقا جايلارغا تۇشۇلغان پاختىسى مەملىكەت پاختىسىنىڭ 41.5% ئىگەللىگەن. مەملىكەت بويىچە ئالى دەرىجىلىك پاختا 30مىليون دەن بۇلۇپ بۇنىڭ ئىچىدە شىنجاڭنىڭ 26مىليون دەن بۇلۇپ 86.6%ئىگەللەيدۇ.
2000- يىلى دۇنيادا ھەر گېكتار پاختىلىقتىن 581 كلوگىرام ھۇسۇل ئالغان بولسا ئېلىمىزدە 932 كېلوگىرامدىن ھۇسۇل ئېلىنغان، ئامېىركىدا 718 كېلوگىرام، پاكىستاندا 473 كېلوگىرام، ئاۋىستىرالىيىدە 1517 كېلوگىرام ھۇسۇل ئېلىنغان بولسا شىنجاڭدا 1482 كېلوگىرامدىن ھۇسۇل ئېلىنىپ خەلقارا ئوتتۇرىچە سەۋىيىدىن ئېشىپ كەتكەن.
ئامېرىكا قاتارلىق غەرپ ئەللىرىدە پاختا شەخسى دېھقانچىلىق مەيدانلىرىدا تېرىلغان بۇلۇپ ئامېرىكا پاختىسىنىڭ %90تى ئەنە شۇنداق دېھقانچىلىق مەيدانلىرى تېرىغان، ھەر ئائىلە ئوتتۇرا ھېساپ بىلەن 180 گېكتار (2700 مو)، ئاۋىتىرالىيەدە 1000 گېكتار (15 مىڭ مو )، ئۆزبەكىستاندا 9 گېكتار ( 135 مو ) بولسا شىنجاڭدا ھەر بىر ئائىلە ئوتتۇرا ھېساپ بىلەن 18 مو پاختا تېرىپ ھېرىپ كەتكەن ( شىنجاڭدا تېرىلغان پاختىنىڭ %50 تى ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۇەنلىرىدە تېرىلىدۇ)، ئەلۋەتتە غەرپ دۆلەتلىرى ئىلغار پەن تەخنىكا ۋە ماشىنىلار بىلەن باشقۇرىدۇ.
يېقىندا ئەنگىلىيەنىڭ》بايلىق《 ژورنىلىدا 2000- يىلدىكى جۇڭگولۇق 50 باينى ئېلان قىلغان بۇلۇپ ئومۇمى ئاھالىنىڭ 60 نەچچە پىرسەنتىنى ئىگەللەيدىغان دېھقان تائىپىسىدىن بىرمۇ ئادەم يوق، ئەمما دېھقانچىلىققا مۇناسىۋەتلىك سودا ساھەسىدىن بەش كىشى بار. گۇاڭجۇدىكى 120مىليون ئامېرىكا دوللىرى (تەخمىنەن 960مىليون خەلق پۇلى) پۇلى بار لىن ئائىلىسىمۇ ھەرگىز دېھقانچىلىقتىن بېيىماستىن كەپتەر قاتارلىق جانلىقلارنى بېقىش، يېتىشتۈرۈش كەسپى شېركىتى قۇرۇش بىلەن بېيىغان. مۇشۇ 50 باي ئىچىدە ياساش ۋە قۇرۇلۇش كەسپلىرى بىلەن بېيىغانلار 29 نەپەر، ئىنتېرنېت قاتارلىق يۇقۇرى پەن تېخنىكىنىڭ پۇلىدىن بېيىغانلار 14نەپەر بولغان. بۇلارنىڭ ئوتتۇرىچە يېشى 43ياش بۇلۇپ ئوتتۇرا ھىساپ بىلەن بىرىگە 200مىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن (تەخمىنەن 1مىليارت 600مىليون خەلق پۇلى) توغرا كېلىدۇ.
مىليونىر دېھقان ئاتالغان پەيزىۋات ناھىيە شورجەينەك كەنتىدىكى روزى قادىرنىڭ ئىگىلىگىگە قارايدىغان بولساق 2000 مو يېرىنى ماشىنىلاشتۇرۇپ تېرىغاندىن باشقا 500قوي، 70كالا، 500كەپتەر، 100قىرغاۋۇل سېتىۋېلىپ باقمىچىلىق فېرمىسى قۇرغان. شېغىل زاۋۇتى قۇرغان ۋە يول قارىمايلاشتۇرغان. راستىنى ئېيتقاندا دېھقانچىلىقتىن كۆرە قۇشۇمچە ئىگىلىك دەپ ناملانغان ئاساسى ئىگىلىكتىن كىرىم قىلىپ بېيىغان، جۈملىدىن بىر يىلدا باقمىچىلىقتىنلا 182مىڭ يۈەن ساپ كىرىم قىلغان. ئۇ بېيىغاندىن كېيىن 400 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇلىنى مائارىپ ۋە باشقا جامائەت ئىشلىرىغا سەرپ قىلغان.
بىچارە دېھقانلارنىڭ باي بولماسلىغى ھەققىدە كىشىلەرنىڭ ھەر خىل مۇلاھىزىلىرىنى ئاڭلىدىم، بەزى كىشىلەر ئۇلارنى ھورۇن دىسە، بەزىلەر ئەقىلسىز دەيدۇ، ئۇلار راستلا شۇنداقمۇ؟ ئەلۋەتتە ھەممە نەرسىنىڭ ئىككى تەرىپى بولغىنىدەك ئۇلارنىڭ ھۇرۇنلىرىمۇ بار، ئەمما ئۇلارنىڭ نىسبىتى ئۇنداق يۇقۇرى ئەمەس. ”ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش تەربىيىسى“ بىلەن ”ئۈچتە بىللە بولۇش“قا دېھقانلارنىڭ ئۆيىگە چۈشكەن بولسىڭىز ئۇلارنىڭ جاپا مۇشەققەتلىك ئەمگىكىنى، تۇرمۇشىنى ھەمدە ئالغان ھۇسۇل ۋە ساپ كىرىمى ھەققىدە ئازراق بولسىمۇ چۈشەنچىگە ئېرىشكەن بولىشىڭىز مۈمكىن. سىزنىڭچە ئۇلارنىڭ شۇنداق ئىشلەپ باي بولماسلىغىدا قانداق سەۋەپلەر باردۇ؟ دېھقانلار قىش – ياز جاپا چېكىپ ئىشلەيدۇ، ئۇلار بۇغداي ئورىغان، خامان ئالغان پىژغىرىم ئىسسىقتا سىز ئىشلىمەي يېرىم سائەت ئاپتاپتا تۇرۇپ بېرىڭ، خالامسىز؟ بىراۋ سىزگە پۇل بېرەي دېسىچۇ؟ ئىشىنىمەن، سىز پۇل بېرەي دېسىمۇ خالىمايسىز. ئېغىر ئاشلىق تاغارلىرىنى كۆتىرىپ ئامبارغا بارمايسىز، يۇغان پاختا خالتىلىرىنى كۆتۈرۈپ پاختا تېغىغا ياماشمايسىز، ئەسلا خالىمايسىز. قان بېسىمىڭىز يۇقۇرى، شەكسىزكى پاختا تېرىشنى خالىمايسىز، لېكىن دېھقان قىلماي ئامالى يوق، چۈنكى ئۇلار ياشىشى بالىلىرىنى بېقىشى لازىم. ئۇلار ”سەرخىل“ دېھقانچىلىق قىلالمايدۇ، يۇقارقىدەك ئىجتىمائى، تەخنىكىلىق سەۋەپلەرنى تۆۋەن سەۋىيىلىك دېھقانلاردىن ئىزلەش توغرا ئەمەس (ئەمما دېھقانلارمۇ مەلۇم مەسئۇلىيەتنى ئۈسىگە ئالمىسا بولمايدۇ، چۈنكى يېقىندا شىنجاڭ پەن-تېخنىكا سەھىيە نەشىرىياتى دېھقان چارۋىچىلارنىڭ پەن تېخنىكىغا تايىنىپ بېيىشىغا دائىر كىتاپلار دىگەن ئومۇمى تېما ئاستىدا «چىلان ئۆستۈرۈش تېخنىكىسى《 قاتارلىق بىر قاتار كىتاپلارنى نەشر قىلغان بۇلۇپ چىلانچىلىقنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىۋاتقان چاقىلىق ناھىيىسىگە بۇ كىتاپ كەلگەندىن كېيىن نەچچە مىڭ ئۇيغۇر دېھقان بار بۇ ناھىيىدە 5يۈەنلىك بۇ كىتاپتىن نەچچە پارچىمۇ سېتىلمىغان، بىر يېزىنىڭ رەھبەرلىرى بۇ بىر يۈرۈش كىتاپلارنى كۆرۈپ ھەممە مەھەللىلەرگە ئېلىپ بەرسەك بولغىدەك دىگەنۇ بەلكىم بۇ پۇلغا بىر ئۈستەل تاماق يىيىشنى ئەۋزەل كۆرگەنمۇ ئىككىنچىلەپ كىتاپنى سېتىۋېلىشقا يېزىدىن ياكى مەھەللىدىن ئادەم كەلمىگەن. دېھقانلىرىمىز سەرخىل دېھقانچىلىق قىلاي دىسە ئۇلاردا يېتەرلىك مەبلەغ- پۇل يوق، دېھقانچىلىق تەخنىكىسى يوق، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى سېتىۋالىدىغان دەسمايە يوق، پۇل تاپقىلى بولىدىغان تەخنىكىنى ئۇمۇملاشتۇرغۇدەك، باشلامچىلىق قىلغۇدەك زىيالى، ئەل سۆيەر ئاگرانوم، جان دىلى بىلەن خەلق ئۈچۈن ئىشلەيدىغان ھەم ئۇلارنى بېيىشقا باشلايدىغان سەۋىيىلىك كادىر يوق، ناۋادا ھەر يېزىدا باغۋەنچىلىك ئالىمى ئۆمەرجاندەك ھەم تەخنىكىغا ھەم ئەل سۆيەرلىك يۈرەككە ئىگە ئوغلاندىن بىر ئىككىدىن بولغان بولسا چۇقۇم ئەھۋال باشقىچە بولاتتى. جۈملىدىن يامالىق تېغىدەك قاغجىراپ كەتكەن ئۇيغۇرلار ھايات بەخىش يېشىل ھاياتقا، يېڭى تەخنىكىلارغا ئېرىشىپ بېيىغان، ئادەمدەك ياشىيالىغان جۈملىدىن باشقىلاردەك ياشىيالىغان بولاتتى. بىز ئۆزىمىزنى باغۋەن مىللەت دەپ، بارغانلا دەشت چۆلنى باغۇ بوستان قىلىمىز دەپ ماختايتتۇق، لېكىن مېۋىلىرىمىزنىڭ باھاسى يىلسېرى چۈشۈپ خەقنىڭ يىلسېرى ئېشىۋاتىدۇ. باھاسىىلا ئەمەس يەنە سان ۋە سۈپۈتىمۇ ئۆزگىرىۋاتىدۇ، بۇ دەل بىزنىڭ تەخنىكىمىزنىڭ ئىپتىدائى باسقۇچتا قېلىۋاتقانلىغىدىن دېرەك بېرىۋاتىدۇ، ئاز قالدۇق مىۋە چىۋە ماكانى دىگەن نامنى قولدىن بېرىپ قويغىلى، بەلكىم بۇ نامنى ئەمدى تىلغا ئېلىش قۇرۇق لاپ ئۇرۇش بۇلىشى مۈمكىن. بىزنىڭ ئۈزۈملىرىمىز نەچچە يۈەندىن سېتىلسا چەتئەلنىڭ نەچچە ئون يۈئەندىن بازار تېپىۋاتىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى نەدە؟ بەزىلەر يەرنى كۆپ تېرىپ ھەربىر دېھقان نەچچە يۈز مودىن تېرىسا باي بولمامدۇ دەيدۇ، بۇ بەلكىم راستتۇر. مېنىڭچە شىنجاڭنىڭ يېرى كەڭرى بولسىمۇ بوستانلىق كىچىك، شىنجاڭ بوستانلىقلىرىدىكى ئادەم زىچلىغى ئىچكىرىنىڭكىدىن ئاز ئەمەس (ھەر كۇۋادىرات كېلومېتىر بوستانلىققا توغرا كەلگەن ئادەم 256 دىن ئېشىپ كەتتى)، قۇرغاق رايۇنلارنىڭ ئادەم زىچلىغى ھەققىدە ب. د. ت نىڭ بەلگىلىسىدىن زور دەرىجىدە ئېشىپ كەتتى ۋە ئاجىز ئېكىلوگىيىسىگە تەسىر كۆرسەتمەكتە. داۋاملىق تۈردە بوز يەر ئېچىپ دېھقانچىلىق قىلىش مۆلچەرلىگۈسىز ئېكىلوگىيىلىك ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈشى شەكسىز، شۇڭا بىز تەبىئەتنى سۆيىشىمىز ۋە ئۇنى ئاسرىشىمىز لازىم. ئەمەلىيەتتە بىز بوز يەر ئاچماي كۆلەمنى كۆپەيتمەي بەلكى تەخنىكىلىق ھالدا ئىقتىسادى ئىگىلىكنى راۋاجلاندۇرساق خەلقنى بېيىتىش مۈمكىن، بۇنىڭ ئۈچۈن كۈچ قۇدرىتىمىزگە تايىنىپ شەرت – شارائىت يارىتىشىمىز ھەمدە دېھقانلىرىمىزنىڭ سەۋىيىسىنى ئۆستۈرىشىمىز لازىم. مۇتىخەسىسلەرنىڭ ئېيتىشىچە باغلارغا قۇيۇلىدىغان سۇ مۇۋاپىق بولسا مېۋىلىرىمىزنىڭ باھاسى %30 ئەتراپىدا ئاشىدىكەن. ئەمەلىيەت ئىسپاتلىدىكى بوز يەر ئېچىپ باي بولۇش بىر خىل قالاق ئۇسۇل، ئىمكان بولسا سەرخىل دېھقانچىلىقنى يولغا قۇيۇش ھەمدە يېزا بازار كارخانىلىرىنى بەرپا قىلىپ پىششىقلاپ ئىشلەش كەسپىنى راۋاجلاندۇرۇش كېرەك، ئۇيغۇرلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى يېزا ئىگىلىگى بىلەن مەشغۇل، راستىنى ئېيتقاندا ئۇيغۇر دېھقانلار پەقەت خام ئەشيا ئىشلەپ چىقارغۇچى بولدىكى پىششىقلاپ ئىشلەشكە تىرىشمىدى، بىر كىلو بۇغداينى بىر يۈەن ئىككى مودىن سېتىپ ئۇننى ئاز كەم ئىككى يۈەندىن سېتىۋېلىپ يىدى، نەچچە يۈز گىرام تەييار چۆپكە ئازراقلا ئىش قۇشۇلسا تېشىغا مايماق سايماق قىلىپ ”مۇسۇلمانچە“ دەپ يېزىلسا نەچچە يۈەندىن سېتىۋېلىپ يىدۇق، بىز مۇسۇلمان ھەم ئۆزگىچە يىمەك ئىچمەك ئالاھىدىلىگىگە ئىگە، بۇ بىر چوڭ بازار دىمەكتۇر، بىز ئالدى بىلەن مۇشۇ ساھەدىن باشلاپ يىمەك ئىچمەك سانائىتى بىلەن مەھسۇلات بازىرى ئېچىپ دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى خام ئەشيادىن سانائەت مەھسۇلاتىغا ئايلاندۇرىشىمىز لازىم . شىنجاڭدا شۇنچە كۆپ مۇسۇلمان تۇرۇپ ئۆزىمىز يەيدىغان مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپ چىقىرالمىغانغا قارىغاندا ھەقىقەتەن چاغلىق ئوخشايمىز. يۇقارقىدەك ئىجتىمائى، تەخنىكىلىق سەۋەپلەرنى تۆۋەن سەۋىيىلىك دېھقانلاردىن ئىزلەش توغرا ئەمەس، چۈنكى ئىجتىمائى، تارىخى سەۋەپلەر تۈپەيلى ئۇلار تۆۋەن سەۋىيىدە قالغان. يەنىلا سانلىق مەلۇماتلارغا مۇراجەت قىلساق بۇنى ئېنىق كۆرىۋېلىش مۈمكىن:》غەربى شىمالدا كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان تېرىم يەر 1.98مو بۇلۇپ ئوتتۇرا قىسىم رايۇنلارنىڭ 1.94مودىن سەللا ئارتۇق. ئەمما غەربى شىمالدا مو بېشىدىن 359كىلوگىرام مەھسۇلات ئالسا ئوتتۇرا قىسىم رايۇنلاردا 495كىلوگىرامدىن مەھسۇلات ئالغان. يەرنىڭ ئىقتىسادى ئۈنۈمدارلىغى غەربى شىمالدا 180مىڭ يۈەن، ئوتتۇرا قىسىم رايۇندا 681مىڭ يۈەن بولغان《 (》شىنجاڭ گېزىتى《 2000-يىل 9-ئۆكتەبىر). بۇنداق پەرق نىمە ئۈچۈن كېلىپ چىقىدۇ؟
گېرمانىيەنىڭ دېھقانچىلىغىنى مىسال قىلساق ئۇمۇمى ئاھالىنىڭ 7.1%نى دېھقانلار ئىگەللەيدىغان بۇلۇپ ئوتتۇرا ھىساپ بىلەن ھەر بىر دېھقان 95ئادەمنى باقىدۇ. ئۇلارنىڭ دېھقان بۇلۇشتىمۇ ئۆلچەم بۇلۇپ ئالدى بىلەن چۇقۇم مۇنتىزىم، سېستىمىلىق كەسپى تەربىيە قۇبۇل قىلىشى كېرەك. كەسپى تەربىيە قۇبۇل قىلىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى چۇقۇم توققۇز يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپ تەربىيەسىنى قۇبۇل قىلىش، ھىچ بولمىغاندا، تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ سەۋىيەسىگە ئىگە بۇلۇشى كېرەك. دېھقان بولىدىغانلار تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئالدى بىلەن كەسپى مەخسۇس مەكتەپلەرگە كىرىپ بىر يىل نەزىرىيىۋى بىلىملەرنى ئىگىلىشى، دېھقانچىلىق مەيدانى ياكى دېھقانچىلىق كەسپى مەكتەپلىرىگە كىرىپ ئۈچ يىل ئەتراپىدا كەسپى جەھەتتىن تەربىيىلىنىپ، ئىمتاھاندا لاياقەتلىك بۇلۇپ، ئۇقۇش پۈتتۈرۈش گۇۋاھنامىسى ئالغاندىن كېيىن، ئاندىن دېھقان بۇلۇش لاياقىتىگە ئىگە بۇلالايدۇ.
ئامېرىكا نۇپۇس تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ ئېلان قىلىشىچە، ئامېرىكىدا 1950-يىلى %15 ئادەم دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللانسا 80-يىللارغا كەلگەندە % 2.5 كە چۈشكەن، 1987-يىلى %2 چۈشكەن. 1986-يىلى دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئائىلىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمى 23مىڭ 326دوللار بۇلۇپ، غەيرى دېھقانچىلىق ئائىلىلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمى 29مىڭ 632دوللار ئىكەن.(«بايىنغۇلىن گېزىتى›› 1990-يىل 5-ئاينىڭ 12-كۈنىدىكى سانىدىكى مەلۇمات بۇلۇپ كىرىم پەرقى 6000 دوللار ئەتراپىدا)
ئەجابا، كاپىتالىزىم دۇنياسىنىڭ دېھقانلىرى نىمە ئۈچۈن باي ھەم كىرىمى ياخشى، لېكىن سوتسىيالىزىم دەۋرىدە ئېكىسپىتاتسىيە بولمىغان ”ھەممە ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىش كۆرىدىغان“ دەۋردە نامرات بولىدۇ؟ يەرنىڭ ئۈنۈمدارلىغىنىڭ تۆۋەن، دېھقانلارنىڭ نامرات بۇلىشىدىكى تۈپكى سەۋەپ زادى نىمە؟ بۇنىڭ جاۋاپكارلىرى ئەلۋەتتە ھازىرقى زىيالىلىرىمىزنىڭ غايىسىزلىگى، ۋىجدانسىزلىغى، بوشاڭلىغىدىن كۆرۈش مۈمكىن، چۈنكى بىزدە خېلى كۆپ ساندا يېزا ئىگىلىك مەكتەپلىرى ۋە ئۇنۋېرستۇتلىرىنى پۈتتۈرگەن زىيالىلار بولسىمۇ ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ قۇسۇغىغا نان، ئۇچىسىغا كىيىم بېرىپ ئۇقۇتقان ئەشۇ دېھقان قېرىنداشلىرىنى بېيىتىش يولىدا قانچىلىك كۈچ سەرپ قىلدى؟ تۆۋەن تەننەرقلىق ئەمما مەھسۇلات ئاشۇرۇدىغان تەخنىكىلاردىن قانچىلىك ئوتتۇرىغا چىقىرىپ دېھقانلارنىڭ بېيىشىغا ياردەم قىلدى؟ ئەقەللىسى باشقىلارنىڭ يېڭى تېخنىكىسىدىن قانچىلىكنى تۇنۇشتۇرۇپ بېيىشىغا ياردەم قىلدى؟ مىسالەن خەنزۇ دېھقانلىرى بىلەن ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ ئىقتىسادى ھالىنى سېلىشتۇرايلۇق، مۇتلەق كۆپى ئوخشاش بىر زېمىندا تېرىقچىلىق قىلسىمۇ ئۇيغۇر دېھقانلىرى نامرات، خەنزۇلار دېھقانلار باي؟ گەپ شۇ يەردىكى خەنزۇ دېھقانلار كۆپۈنچە ئىقتىسادى زىرائەت تېرىيدۇ، ئۇلار تۈرلۈك تېخنىكىلىق ماتېرىياللاردىن پايدىلىنىپ تېخنىكىلىق ئىشلەيدۇ. ئۇلار تېرىغان كۆكتاتنىڭ باھاسى ئىزچىل تۈردە دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىدىن يۇقۇرى، ئوخشاش ئىككى باغۋەننى مىسال قىلساق ئۇيغۇر باغۋەننىڭ شاپتۇلى 1-2يۇەندىن سېتىلسا خەنزۇ باغۋەننىڭ ئەت شاپتۇلى 6-7 يۈەندىن سېتىلىدۇ، پەرق مانا دەپ كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇ. شۇڭا ئىسىت دەيمەن يېزا ئىگىلىك تەخنىكىسىنى ئىگىلەپ ھىچ نەرسىگە سەرپ قىلماي ياشاۋاتقان ئۇيغۇر ئاگرانۇملارنىڭ ئۆتۈپ كەتكەن ئۆمرىگە. شۇنداق، خەلق باققان، ئۇقۇتقان بەزى كىشىلەر قىلچىلىك مەنسەپكە ئېرىشكەن ھامان ئۆزىنىڭ كىچىككىنە پايدىسى ھىسابىغا خەلقنى زىيانغا ئۇچرىتىپ ساختا ماللارنى ئەكىلىپ مەجبۇرى ساتىدىغان ئىشلار كۆپ بولمىدىمۇ؟ شۇڭا دېھقانلىرىمىز بېيىيالمىدى، بېيىغان ئاز ساندىكىلىرى بولسا زىرائەت تېرىشنى قۇشۇمچە ئۇرۇنغا قويغان، باشقا كۆپ خىل ئىگىلىكنى ئاساس قىلغان جۈملىدىن باغۋەنچىلىك، بوداقچىلىق، باقمىچىلىق ۋە تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىپ ئامىتى كەلگەن دېھقانلاردۇر. خۇلاسە قىلساق ئۇيغۇر دېھقانلاردا پۇل بارمۇ؟ يوق، ئەگەر بار دىسىڭىز ئېيىغا نۇپۇس بېشىغا توغرا كېلىدىغان 140يۈەن پۇل بىلەن بىر ئاي ئۇن، گۆش، ياغ، سذ، كۆكتات ئىستىمال قىلىپ ياشاپ كۆرۈڭ، توك چىراغ ياندۇرۇڭ، بالىڭىزنىڭ ئۇقۇش پۇلىنى تۆلەڭ تۇرۇبا سۈيى ئىچىڭ، بوپتۇ كونا كىيىملىرىڭىزنى كىيىڭ، خۇدا ساقلاپ ئاغرىق سىلاقتىن خالى بۇلۇڭ، شۇندىمۇ ئەشۇ پۇل يېتەمدۇ؟، ئويلاپ كۆرۈڭ!مەن بۇ يەردە ئېتىقاتلىق ئۇيغۇر يازغۇچىسى نۇرمۇھەممەت توختىنىڭ « شائىرغا كېسەل تەگكەن كۈنلەردە ›› ناملىق خاتىرىسىدە ئېلان قىلىنغان مۇنۇ جۈملىلەرنى ئۇقۇغۇنىڭىزدا قانداق تەسىراتقا كېلىدىغىنىڭىزنى بىلگۈم بار: ” ئاكا – سېڭىل ئىككىسى 20 يۈەندىن جەمئى 40 يۈەن ئۇقۇشلۇق پۇلى تۆلىشى كېرەك ئىكەن. 360 كۈن تاڭدىن شامغىچە ئىشلىگەن جاپاكەش ئاتا – ئانا تۈگۈمەس سېلىق ۋە جېرىمانىلەردىن ئاشۇرۇپ ئاران 20 يۈەن بېرەلەپتۇ. بۇ يىگىرنە يۈەننى 13 ياشلىق ئاكا 10 ياشلىق سىڭلىسىغا ئۆتۈنۈپتۇ: ’ بۇ پۇلنى سىز تۆلەپ كىتاپ ئېلىڭ، ياخشى ئۇقۇڭ‘ دەپتۇ سىڭلىسىغا. مەسۇم ئوغۇل سىڭلىسىنى مەكتەپكە ئۇزۇتۇپ ، ئۆزى مەھەللىنىڭ سىرتىغا كېتىپتۇ. كەچتە ئۇنىڭ جەسىتىنى دوڭغاق جىگدىگە ئېسىلىۋالغان يېرىدىن تېپىشىپتۇ. بۇ پاجىئەنى ئاڭلاپ شۇ بالىنىڭ مەكتىپىگە ئۇلۇغ ئالىم، ئەدىب ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئەپەدىمنىڭ قىزى، داڭلىق تېلۋىزىيە دىكتورى گۈلشەن ئابدۇرەھىم يىغلاپ تۇرۇپ مىڭ يۈەن ئىئانە قىپتۇ. ئابدۇرەزاق سايىم مىڭ يۈەن ئىئانە قىپتۇ. باشقىلار مىڭ يۈەن ئىئانە قىپتۇ... “ .
دېھقانلارنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ساپ كىرىمنى مۇنداق ھىساپلايدۇ: ئومۇمى كىرىمدىن ئىشلەپچىقىرىش داۋامىدا سەرپ قىلغان خىراجەت، ئىشلەپچىقىرىش سايمانلىرىنىڭ كونىراش خىراجىتى ، تاپشۇرۇلىدىغان باج ، مەھەللە قاالدۇرۇقى قاتارلىق تۈرلۈك يىغىۋېلىنىدىغان پۇللارنى ئېلىۋەتكەندە قېلىپ قالغىنى ئاندىن دېھقانلارنىڭ ساپ كىرىمى بۇلۇدۇ. پارتىيە ھازىر كەڭ كادىر ئىشچى خىزمەتچىلەرنى دېھقانلارنىڭ ھال ئەھۋالىدىن خەۋەر ئالسۇن ، بېيىشىغا ياردەمدە بولسۇن ، يول كۆرسەتسۇن دەپ ئۈچتە بىرگە بۇلۇشقا چۈشۈردى ، ھەر بىر ئۇيغۇر زىيالىسى دېھقان چارۋىچى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ھال كۈنىنى ئوبدان ئويلاپ كۆرۈشى لازىم.
پۈتۈن ئۇيغۇر ئاھالىسىنىڭ %10 تىنى ئىگەللەيدىغان ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى مىسالغا ئالىدىغان بولساق ئۇلارنىڭ ھالىنى كۆرۈپ باقايلى:
بىر ئۇيغۇر ئائىلىسىدە دۆلەتنىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى جان دىل بىلەن ئىجرا قىلغىنى بويىچە ئاتا-ئانا ۋە ئىككى بالا جەمئى تۆت نۇپۇس بار دەپ قارىساق ئاساسەن توغرا بۇلىدۇ.》شىنجاڭ ئىقتىسات گېزىتى《 نىڭ 2001- يىل 15-ماي سانىدا ئېلان قىلىنغان مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا ئىش ئورنىدىكى ئىشچى خىزمەتچىلەرنىڭ 2000-يىلى ئوتتۇرىچە مۇئاشى 8717 يۈەن بۇلۇپ ئالدىنقى يىلدىن 1106 يۈەن ئاشقانلىغى، مەملىكەت بويىچە ئوتتۇرىچە مۇئاشتىن 654 يۈەن تۆۋەن ئىكەنلىگى، شىنجاڭنىڭ شاڭخەي(18531يۈەن)، بېيجىڭ(16350يۈەن)، شىزاڭ (14976يۈەن)، گۇاڭدوڭ(13823يۈەن)، جېجاڭ(13076يۈەن) ... قاتارلىق 12 ئۆلكە ئاپتۇنۇم رايۇندىن كېيىن تۇرىدىغانلىغى ئېلان قىلىنغان. شۇڭا بىز ئادەتتىكى ئىشچى خىزمەتچى سۈپىتىدە ئېيىغا ئەر-ئايال ئىككەيلەن جەمئى 1500يۈەن مۇئاش ئالىدۇ دەپ قارايلى.
ئائىلىۋى خىراجەت: ئۇن، ياغ، گۆش، سذ، توك، قاتناش راسخودى، بالىلارنىڭ ئۇقۇش پۇلى، خەۋەرلىشىش خىراجىتى. سىزنىڭچە ئايدا 800 يۈەن يېتەرمۇ؟ يەنە توي - تۆكۈن، ئۆلۈم-يىتىم، ئاغرىق سىلاق، ئولتۇرۇش - قۇپۇشلارچۇ؟
مەن ئۇيغۇر ئەر بولغاندىكىن ئېيىغا 100- 150يۈەن ئەتراپىدا پۇل خەجلەپ تاماكا چەكمىسەم، كەم دىگەندىمۇ 80 يۈەن ئەتراپىدا پۇل خەجلەپ ھاراق ئىچىپ مىخاينىك خوشال بولمىسام قانداق ياشىيالمايمەن. يەنە دىنىمدىن، ئەخلاقى پەزىلەتتىن ۋاز كېچىپ ئەجدادىمدىن قالغان ئۇدۇم بويىچە ئاياللاردىن خوشاللىق تاپمىسام مېنى قانداقمۇ مەيدىسىنىڭ تۈكى بار ئەركەك دىسۇن كىشىلەر!
مەن بىر ئۇيغۇر ئايال بولغان ئىكەنمەن، ئەجدات ھىكمىتى ” ئاناڭنى پەدازسىز داداڭغا كۆرسەتمە“ گە ئەمەل قىلمىسام، ئالتۇن زېبۇ زىننەت ۋە كىيىم كېچەك بىلەن ئۆز قىممىتىمنى كىشىلەرگە نامايەن قىلمىسام كىممۇ مېنى كۆزگە ئىلىدۇ؟ بۇنىڭغا پۇل قانچە كۆپ بولسا شۇنچە ياخشى.
مۇشۇنداق بولغاندا بىر ئاي ئىشلەپ 300 يۈەن ئەتراپىدە ئېشىنچە پۇل قالىدۇ، نىمە ئىشەنمەمسىز؟ باي دىمەكچىمۇسىز؟ ياق، مانا ئۆي ئىسلاھاتى ھەممىنى ئاشكارىلاپ قويمىدىمۇ؟ 30مىڭ سوم پۇلنى قانچىمىز بانكىدىن ئېچىقىپ تاپشۇرالىدۇق؟ ئەمەلىيەتتە ھەممىمىز پارقىراپ رېستورانلاردىن كەلمەي ئوينىغىنىمىز بىلەن ”كەيگىدەك ئەڭلىمىز يوق، ئېتىم مارجان بۈۋى“ بولمىدۇقمۇ؟ جوڭگۇ خەلق ئۇنۋېرستۇتىنىڭ پېروففىسورى جو شىياۋجېڭ ماقالىسىدە يېزىشىچە 》ئامېرىكا ئاھالىلىرىنىڭ %80 ئوتتۇرىھال تۇرمۇشتىكى سىنىپ ئىكەن، ئوتتۇرىھال تۇرمۇش سەۋىيەسىدىكى سىنىپ بولسا جەمئىيەتنى مۇقىملاشتۇرغۇچىلار بۇلۇپ ئۇلارنىڭ مۇقىم خىزمىتى، ماشىنىىسى، ئۆيى بار ئىكەن ھەم بىر ئاي رۇخسەت سۇراپ دۇنيانى سەيلە ساياھەت قىلالايدىكەن، مانا بۇ ئوتتۇرىھال تۇرمۇش سەۋىيىسىدىكىلەرنىڭ كۈنى ئىكەن《، ئەلۋەتتە مۇندىن ئۆزگە بەلكىم % 10ياكى ئۇنىڭدىن كۆپرەك ئاھالە يۇقۇرى تۇرمۇش سەۋىيەسىدىكى ”كاپىتالىستلار“ بۇلۇشى مۈمكىن، قالغان %10بولسا ماشىنىلىق يۈرۈپ ئىش ئىزلەيدىغان، ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى ئالىدىغان نامراتلاردۇر بەلكىم. ‹‹ يېرىىم ئايلىق سۆھبەت ›› ژورنىلىنىڭ 2000 – يىللىق 2- سانىدىكى ماتىرىيالغا ئاساسلانغاندا ئامىرىكىدا بايلىغى 3 مىليون دوللارغا يەتسە ئاندىن باي سانىلىدىكەن ، بىز ئۆزىمىزنى ئۇلارغا سېلىشتۇرۇپ كۆرەيلى، ھالىمىز قانداق؟ بىز بايمۇ؟
ئۇيغۇرلاردا دېھقان-چارۋىچى، ئىشچى-خىزمەتچىلەردىن باشقا %5 ئەتراپىدا تىجارەتچى ۋە ھۈنەرۋەنلەرنى بىر قەدەر ھال كۈنى ياخشى دىيىش مۈمكىن، ئۇلارنىڭ قانچىلىكتىن پۇلى بارلىغى ھازىرچە نامەلۇم. ئەمما ئۇمۇمەن باشقىلارغا قارىغاندا ھال كۈنى ياخشى. سودا تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئاشۇ قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ياخشى كۈنى قاچانغا بارىدۇ؟ بۇنىڭغا بىرنىمە دىمەك تەس، مۇسۇلمانلار ئاشخانىسى بولغان ئۇيغۇر ئاشخانىلىرىنى مىسالغا ئالساق تازىلىغى ياخشى بولماسلىق، تامىغى ياخشى بولماسلىق، مۇلازىمىتى قوپال بولۇش قاتارلىق ھەرخىل سەۋەپلەر بىلەن خەنزۇ ئاشخانىلىرىغا يۈگۈرەيدىغان بۇلۇپ قالدۇق. ئۆزلىرىنى يەھۇدىلاردەك چاغلايدىغان سودىگەرلىرىمىزنى ئالساق ئاز دەسمايە بىلەن مالغا بېرىپ ئاز مال ئەكېلىپ باھانى ئۆرە قىلىپ ساتاتتۇق، مانا ئەمدى خەنزۇ ۋە باشقا مىللەتتىن بولغان سودىگەرلەر ئۇيغۇرلار ياخشى كۆرىدىغان مەھسۇلاتلارنى كۆپلەپ ئەكىلىپ ئازراق باھا چاپلاپ كۆپ سېتىپ كۆپ پايدا ئېلىپ ئۇيغۇر سودىگەرلەرنى بازاردىن قوغلاپ چىقارماقتا. تىككۈچىلەرنى ئېلىپ ئېيتساق ئىككى قوللۇق ئىش قىلىپ خېرىدارلىرىدىن ئايرىلىپ قالماقتا، لېكىن خەنزۇ تىككۈچىلەر بولسا رەختلەرنىمۇ ئەكىلىپ رەختنى ئۆزىدىن ئالسا رەخ باھاسى ۋە مانجىسىدا ئېتىۋار بېرىش تاكتىكىسىنى قوللىنىپ ھەم سۈپەتلىك ئىش قىلىپ بازارنى مونوپول قىلماقتا.
ھازىر دۇنيا بىلىم ئىگىلىگى دەۋرىگە قەدەم قويدى، بىز بولساق تېخىچە ئىپتىدائى چۈشەنچىدە تۇرمۇش ھەلەكچىلىگىدە يۈرمەكتىمىز، ئۇيغۇرلار قۇرغان كارخانىلاردا ئىشلەپ چىقىرىلغان مەھسۇلاتلاردىن قانچىلىك بار؟ ئەمەلىيەتتە》 ئارمان《 ،》 ئامىنە《 ،》 گۈلدىيار《،》 گۆھەر زېمىن《 يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتلىرى ۋە ئۇيغۇر تىبابىتى دورىلىرى بازارغا سېلىندى ( ئۇيغۇر تىبابىتى شۇنچە ئۇزاق تارىخقا ئىگە بولسىمۇ ھازىر زاڭزۇ تەبابىتى ۋە موڭغۇل تىبابىتىچىلىكمۇ ئىناۋەت تاپالمىدى )، بىزنىڭ بىلىم ئىگىلىگىگە قەدەم بېسىشىمىزغا يەنە قانچىلىك ۋاقىت باردۇ؟ ئۇيغۇر خوتۇن – قىزلىرىنىڭ قەلەمقاش، سۇمبۇل ساچ بولىشىدا ئاجايىپ تۆھپىلەرنى قوشقان تەبىئى گۈزەللىك، ساغلاملىق بۇيۇملىرى ئوسما، يىلىم، خېنىلەردىن بىز ۋاز كەچسەك باشقىلار كەشپىياتى سۈپۈتىدە مەھسۇلات قىلىپ ئىشلەپ چىقىرىپ بازارغا سالدى. ساغلاملىققا پايدىلىق بولغان مۇسەللەس قاتارلىق بەزى ئىچىملىكلەر شەكسىزكى ئۇزاققا قالماي يەنە باشقىلار تەرىپىدىن ئىشلەپ چىقىرىلىپ بازار تېپىشى مۈمكىن، بىز تېخىچە ئۆزىمىزنى ۋە ئۆزىمىزنىڭ مەدەنىيىتىنى تۇنۇپ بولالمايۋاتىمىز، ئۇيغۇرلارنىڭ ”ھا ھا ها“ دەپ كۈلىشىمۇ 》 ۋا خا خا 《 بۇلۇپ داڭلىق ماركىغا ئايلاندى. پەن ۋە تەخنىكا جەھەتتىكى قالاقلىقىمىزدىن رايۇنىمىزدىكى ئۆسۈملۈك ۋە جانلىقلارنى تۇنۇپ بولالمايۋاتىمىز، بىز ئۇنىڭ قەدىر قىممىتىگە يەتمەستە ياۋايى ھايۋانلىرىمىزنى ئوۋلاپ تۈگەتمەكتە، چۈچۈك بويىغا ئوخشاش ھەممە يېرى ئالتۇن ئوسۈملۈكلىرىمىز كولىنىپ تۈگىمەكتە، بىز دۇنيانى ھەيرەتتە قالدۇرغان ” چىگە“ (لوپ كەندىرى) دەك تەبىئى تالانىمۇ تۇنۇيالماي ، قىممىتىنى چۈشەنمەي يۈرمەكتىمىز. بىز ئۆزىمىزنى ۋە مەدەنىيىتىمىزنى تۇنۇيالمىغىنىمىز ئۈچۈن تېخىچە ماددى ۋە مەنىۋى مەدەنىيەتتە يۈكسىلەلمەيۋاتىمىز. دېھقانچىلىق قاتارلىق خام ئەشيادىن پىششىقلاپ ئىشلەنگەن مەھسۇلاتلار نەچچە ھەسسە قىممەت بۇلۇپ ئېلىپ كېلىدىغان قۇشۇمچە قىممەتمۇ – پايدىمۇ خېلى ياخشى، بۇ خۇددى رەختنىڭ باھاسى بىلەن تىككۈچىلەرنىڭ ئالىدىغان باھاسىنىڭ يېقىنلىشىدىغانلىغىنىڭ ئۆزى ئىسپاتلاپ بېرەلەيدۇ. پەن ۋە تەخنىكىنىڭ زور ئىقتىسادى قىممەت يارىتىدىغانلىغىنى ھازىرقى ئەمەلىيەت ئىسپاتلاپ بېرىدۇ.》كومپىيۇتۇر دۇنياسى《 ژورنىلىنىڭ ئۇيغۇرچە 2000- يىللىق 3-، 4- قوشما سانىدا ئېلان قىلىنغان ماقالىدە يېزىلىشىچە 1999- يىلىدىكى يەر شارى بويىچە كاپىتالى ئەڭ زور 1000 كارخانە ئىچىدە ئامېرىكا مىكرو سوفت شىركىتى 407 مىليارت 220 مىليون ئامېرىكا دوللىرى مەبلىغى بىلەن 1- ئورۇندا تۇرغان ( بۇ كارخانە يەنە 2001 - ، 2002 – يىلى دۇنيادا ھەممە ئىشىنىدىغان شېركەت بولغان) . بۇ شېركەتنىڭ قۇرغۇچىسى بېل گايتىس 102 مىليارت دوللارلىق بايلىغى بىلەن دۇنيادىكى بىرىنچى باي ھېساپلىنىدۇ.
‹‹ فۇبۇس ›› ژورنىلىدا ئېلان قىلىنغان دۇنيادىكى 10 چوڭ باي ئىچىدە مىكرو سوفت شېركىتىنىڭ لىدىرى بېل گايتىس ، ئامېرىكا مەبلەغ سېلىش بانكا خوجايىنى ۋولىن بافىت (35 مىليارد دوللار) ، گېرمانىيىلىك ئاربورېشىت قېرىنداشلار ( 26 مىليارت 800 مىليۇن ) ، مىكرو سوفت شېركىتىنى ھەمكارلىشىپ قۇرغان بارو ئەيلون ( 25 مىليارت 200 مىليۇن ) ، ئامېرىكىلىق لارى ئېرسون (23 مىليارت 500 مىليۇن ) ، ئامرىكىلىق جىم ۋولتۇن ( 20 مىليارت 800 مىليۇن ) ، ئامىرىكىلىق يۇھان ۋورتۇن ( 20 مىليارت 700 مىليۇن ) ، ئامىرىكىلىق ئارىس ۋولتۇن ( 20 مىليارت 500 مىليۇن ) ، ئامىرىكىلىق روپسۇن ۋولتۇن (20 مىليارت 500 مىليۇن ) ، ئامىرىكىلىق ھايلۇن ۋولتۇن (20 مىليارت 400 مىليۇن ) ئىكەن ، بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ۋولتۇن جەمەتىدىكى 5 باي بىر شېركەت جەمەتىنىڭ ئەزالىرىدۇر. يۇقارقى بايلارنىڭ ھېچ بىرسىمۇ دېھقان تائىپىسىدىن ئەمەس.
1999- يىلى》بايلىق《 ژورنىلى ئېلان قىلغان 40 ياشتىن تۆۋەن دۇنيادىكى ئەڭ باي 10 كىشى ئىچىدە Dell شېركىتىنىڭ 34 ياشلىق لېدىرى مىكائىل دېل 21 مىليارد 490 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بىلەن 1- باھالانغان.
35 ياشلىق تور كىتاپلىرى سودىگىرى ئاموزون شېركىتىنىڭ لېدىرى جوف بىزوۋىس 5 مىليارد 740 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بىلەن 2- بولغان.
Gate Way كومپىيوتۇر شېركىتىنىڭ 36 ياشلىق لېدىرى تېددىر ۋىت 5 مىليارد 440 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بىلەن 3- لىككە، تور تالاشتۇرۇپ سېتىش شىركىتى oBay نىڭ 32 ياشلىق لېدىرى پىيېر ئومىيا 3 مىليارد 690 مىليون دوللار پۇلى بىلەن 4- بولغان. بۇلاردىن باشقا ياخو شېركىتىنىڭ قۇرغۇچىسىدىن بىرى 33 ياشلىق داۋى فىلو 3 مىليارد 120 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ، يەنە بىر قۇرغۇچىسى 30 ياشلىق ياڭ جىيۈەن 3 مىليارد 50 مىليون دوللار پۇللىرى بىلەن 5- ۋە 6- بۇلۇپ باھالانغان. ئۇلاردىن باشقىلارمۇ ئەنە شۇنداق ئۆتكۈر تەخنىكىلار بىلەن 40 ياشتىن تۆۋەن ياشتىكى كىشىلەر بۇلۇپ 10- باھالانغان oBay شېركىتىنىڭ 33 ياشلىق ئانالىز ئۇستىسى جېف سىكورنىڭ 1 مىليارد 350 مىليون ئامېرىكا دوللىرى پۇلى بار ئىكەن. بىز ئۆزىمىزگە قاراپ باقايلى، قانچىمىز 40 ياشقا بارماستا قانچىلىك ئىگىلىك تىكلىدۇق؟ قانچىلىك ئىقتىساد جۇغلىيالىدۇق ياكى جەمئىيەت تەرەققىياتى ئۈچۈن قانچىلىك ھەسسە قۇشالىدۇق؟ ئامېرىكا قاتارلىق غەرپ ئەللىرىدە مىليون مىليون پۇلنىڭ ئىگىلىرى ” كاپىتالىست“ لارنىڭ تەڭدىن تولىسى ئىشنى نۆلدىن باشلاپ ئۆز ئەقىل پاراسىتى ھەم كۈچىگە تايىنىپ مىليونىرلارغا ئايلانغان ئىكەن، دۇنيادىكى ئەڭ باي كومپىيۇتېر ساھەسىدە ئالەمشۇمۇل تۆھپە قوشقان بېل گايتىس 31 يېشىدىلا مىليادىرغا ئايلانغان ، ئەر خۇتۇن ئىككىسى ‹‹ بېل ۋە مېيلىندا فوندى جەمئىيىتى ››گە 20 مىليارت ئامېرىكا دوللىرىدىن ئارتۇق پۇل ئىئانە قىلغان . بىز بولساق تۈرلۈك باھانە سەۋەپلەر بىلەن ئۆزىمىزنىڭ ئىقتىدارسىزلىغىمىزنى يۇشۇرۇپ كەلمەكتىمىز، ” شارائىت يوق“ ، ” مەبلەغ يوق “، ”ئالدىراش “ دىگەندەك باھانە سەۋەپلەر بىلەن ئۆز ئۆزىمىزنى گۆللەپ ئۆتمەكتىمىز. ئومۇمەن مەيلى دېھقان، مەيلى مۇئاشلىق كادىر ياكى تىجارەتچى بولسۇن ئۆزىنىڭ ھازىرى ۋە كەلگۈسى ھەققىدە ئويلىنىدىغان ۋاق يەتتى، كىچىكىشكە ھەرگىز بولمايدىغىنى ھەققىدە ئىقتىساد - پۇل بشارەت بەرمەكتە.
‹‹ شىنجاڭ گېزىتى ›› 2001 – يىلى 12 – ئاينىڭ 27 – كۈنىدىكى سانىدا ‹‹ جوڭگۇدا 200 مىليۇن ئاھالە ‹ ئوتتۇرا بۇرژۇئازىيە › قاتلىمىغا قەدەم قويدى ›› دىگەن خەۋەردە ئېيتىلىشىچە دۆلەت ئۇچۇر مەركىزىنىڭ ئەمەلدارى ”كەلگۈسى بەش يىلدا ، جوڭگۇدا 200 مىليون ئاھالە ‹ئوتتۇرا بۇردۇئازىيە قاتلىمى › ئىستىمالچىلىرى قاتارىغا ئۆتىدۇ“ دەپ كۆرسەتكەن. بۇ ئەمەلدار ئىزاھلاپ مۇنداق دىگەن : ” ‹ ئوتتۇرا بۇرژۇئازىيە قاتلىمى › دىگەنلىك مۇقىم كىرىمى ، ئۆي ، ئاپتۇموبىل سېتىۋېلىش ئىقتىدارى بار ، كىرىمىنى ساياھەت ۋە مائارىپ ئىستىمالىغا ئىشلىتەلەيدىغان كىشىلەر توپىنى كۆرسىتىدۇ.
ئىگىلىنىشىچە ، غەرپ ئەللىرىدە ، ‹‹ ئوتتۇرا بۇردۇئازىيە قاتلىمى ››دىكىلەر خېلى كۆپ ساننى ، تەرەققى تاپقان دۆلەتلەردە ، بۇ قاتلام ئومۇمى نۇپۇسنىڭ %80 نى ئىگگللەيدىكەن.
... دۆلەت ئىستاتىسكا ئىدارىسىنىڭ شەھەرلەرنىڭ ئىجتىمائى ئىقتىسادى ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش باش ئەترىتى يۇقۇرى كىرىملىكلەر مەسىلىسىنى 2000 – يىلى 7 – ئايدا تەتقىقات تېمىسى قىلىپ ، بېيجىڭ ، شاڭخەي ، تىئەنجىن ، چوڭچىڭ ، جېجاڭ ، گۇاڭدوڭ ، يۈننەن ، شەنشى ، خۇبېي ، لىياۋنىڭ قاتارلىق ئون ئۆلكە شەھەردىكى يۇقۇرى كىرىملىك 9956 ئائىلىنى سۇئالغا جاۋاپ بېرىش ئۇسۇلىدا تەكشۈردى.
كەسىپ نۇقتىسىدىن قارىغاندا ، كارخانا ، كەسپى ئۇرۇنلار مەسئۇللىرى ۋە كەسپ – تەخنىكا خادىملىرىنىڭ شەھەرلەردىكى يۇقۇرى كىرىملىكلەر ئىچىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى %50 تىن ئاشىدىكەن، كەسىپ – تەخنىكا خادىملىرى ئىككىنچى ئۇرۇندىكىلەر بۇلۇپ ، شەھەردىكى يۇقۇرى كىرىملىكلەرنىڭ %15.2 نى ئىگەللىيدىكەن. بىر نەچچە يىللار ئىلگىرى كىشىلەر : ‹‹ ئەقلى ئەمگەك بىلەن جىسمانى ئەمگەكنىڭ ئورنى ئالمىشىپ قالدى ›› دىيىشكەنىدى. ئەمدىلىكتە كەسىپ تەخنىكا خادىملىرىنىڭ شەھەردىكى يۇقۇرى كىرىملىكلەر ئىچىدىكى نىسبىتى تېز ئاشتى. بۇمۇ بىلىم ئىگىلىگىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققى قىلغانلىقى ، تەخنىكىنىڭ بازارلاشقانلىقىنىڭ نەتىجىسى ›› دىيىلگەن. ئەگەر بىز مۇشۇ خەۋەردىكى نىسبەت بۇيىچە ئېيتساق جوڭگۇدا ھەر 6 – 7 ئادەمنىڭ بىرى ئوتتۇرا بۇردۇازىيە قاتلىمىدىكى ئىستىمالچىغا ئايلاندى دىگەنلىك بۇلىدۇ ، مۇشۇ نىسبەت بۇيىچە ھېساپلىساق ئۇيغۇرلاردىنمۇ بىرەر مىليون ئادەم بۇ قاتلامغا كىرىشى كېرەك، بىز قانداق قىلساق بۇ نىسبەتكە يېتەلەيمىز؟
مېنىڭ يۇقارقى ھېساپ كىتاپلىرىمنى كۆرگەنلەر بەلكىم مېنى پۇلنى خۇدا دەپ بىلىدىغان،》پۇل تاپقىچە يۈز تاپ《 نى بىلمەيدىغان، بېخىل بىر بەندە بۇلىشى مۈمكىن دەپ ئويلىشى مۈمكىن، مەيلى قانداق ئويلىماڭ مېنىڭ پۇل ھەققىدە ئۆزگىچە كۆز قارىشىم بار. چۈنكى ئەمىلىيەت ماڭا بۇنى كۆرسەتكەن، سىزگە ئوخشاش مەنمۇ ئۆي سېتىۋالغان، پۇلنىڭ قۇدرىتىنى تېتىغان،》بىر نان تاپسا داپ چالىدىغان《 قېرىنداشلىرىمنىڭ ھال كۈنىنى ھەم ھېس قىلغان. يىراقنى قۇيۇپ يېقىننى، ئادەتتىكى ئۇيغۇرلارنى قۇيۇپ ھازىرقى مەشھۇر شەخسلىرىمىزنى ئېلىپ ئېيتساق پۇل ياكى مەبلەغنىڭ قانچىلىك زور كۈچى بارلىغىنى بىلەلەيمىز. جۈرئەت ئۇبۇلقاسىم ئىككى قېتىم دۇنيا جىنىس رېكورتىنى يارىتىدىغاندا پۇل ئۈچۈن قانچىلىك رىيازەت چەكتى؟ ئۈرۈمچىنىڭ جەنۇبى قوۋۇقتا ئۆشنىسىگە خۇرجۇننى ئارتىپ ياردەم تىلىمىدىمۇ؟
سىياسى كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق 2001 – يىللىق يىغىنىدا جۈمە ئىسمايىل ، مەخسۇم ھاجى قاتارلىق ھەيئەتلەرنىڭ پىكىرلىرىگە قاراىغاندا ئىقتىسادى سەۋەپلىك خوتەن ۋىلايىتىدىكى دېھقان چارۋىچىلار پەرزەنتلىرىنىڭ ئالىي مەكتەپتە ئۇقۇشى يىلدىن يىلغا قىيىنلاشقان ، ئۇلار مۇنداق دەيدۇ : ‹‹ خوتەن ناھىيىسىدىكى كەڭ دېھقان چارۋىچىلارنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ مەكتەپكە كىرىش ئەھۋالى يىلدىن يىلغا ناچارلاشماقتا، ناھىيە بۇيىچە ھەر يىلى 1800- 2000 غىچە ئۇقۇغۇچى ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ ئوتتۇرا تەخنىكوم ۋە ئالىي مەكتەپكە ئېشىش ئىمتاھانىغا قاتنىشىدۇ، بۇلاردىن 450 – 500 گىچە ئۇقۇغۇچىغا چاقىرىق كېلىدۇ ، لېكىن مەكتەپكە بېرىپ نورمال ئۇقۇيالايدىغىنى پەقەت 250 نەپەر ئەتراپىدا بۇلۇپ %50 تەك ئۇقۇغۇچى ئىقتىسادى قىيىنچىلىق سەۋەپلىك ئالىي مەكتەپتە ئۇقۇيالمايدىكەن ، بۇنىڭ تەسىرى بىلەن دېھقان چارۋىچىلارنىڭ پەرزەنىتلىرى تۇلۇقسىز ۋە تولۇق ئوتتۇرىلارغا ئۆرلەپ ئۇقۇشنى خالىمايدىغان بۇلۇپ قالغان ››
مەنبە--ئورخۇن تورى
مەزكۇر تېمىنىڭ ئىگىلىك (چۈشەندۈرۈش) ھوقۇقى ئەسلى مەنبەسىدىكى يوللىغۇچى ۋە شۇ توربېكەتكە مەنسۇپ. بۇ يەرگە كىرسىڭىز تېخىمۇ مول مەزمۇندىن بەھرىمەن بولىسىز.مەرھەمەت