بۇ تېما جەمئىي 58 قېتىم كۆرۈلدى.
يېڭى تېما يوللاش
بېسىپ چىقىرىش

قىزلارنى مانا مەن بۇزغان!

قىزلارنى مانا مەن بۇزغان!

islamboyi
قىزلارنى بۇزغان دىگەن گەپنى ئوقۇپلا مىنى ئالدىراپ تىللاپ كەتمەڭلار.مەن بۈگۈن مۇشۇ كىچىدە سىلەرگە كۈڭلىمدىكى گەپلىرىمنى قىلماقچى.بەزىلەر ھاراق ئىچىۋالسا ئاندىن كۆڭۈلدىكى گەپ چىقىدۇ دەيدىكەن.لىكىن مەن بۈگۈن ھاراق شاراپ ئىچمەيمۇ كۆڭلىمدىكى گەپلىرىمنى سىلەرگە ئىيتماقچى.چۈنكى ماڭا بىلىكلا تەسەللىي بىرەلىشى مومكىن.
گەپنى باشلىدىم.
مەن باشلانغۇچ ،تۇلۇقسىز ۋە پىداگوگىكا مەكتەپنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈردۇم.ئۇ ۋاقىتلاردا تىخى قىزلارنى بۇزغىدەك «تەجىربە » مەندە نىمە قىلىدۇ دەيسىز.ھەم ئۇنداق يامان ئىشلارنى ئەسلا ئويلاپ باقمىغان.مەكتەپ پۈتتۇرۈپ يۇرتۇمغا قايتىپ كەلدىم.خىزمەت تەقسىماتى بولمىغاچقا يۇرتىمىزدىكى داڭلىق مائارىپ يۇرتى «شىنجاڭ ئۇنۋىرسىتىتى» 5 يىل ئىنگىلىز تىلى ئۈگۈنىشكە كەلدىم.ئەلۋەتتە ئارقا يول بىلەن ھەل قىلغان ئوقۇش ئىدى. مەن قىزلارنى بۇزمىدىم دەل مۇشۇ شارائىت مەندەك بىر سەبىينى بۇزدى.قانداق بۇزغاندۇ دەپ ئالدىراپ كەتمەڭلار.مەن بىر بىرلەپ ئىيتاي.مەن شىنجاڭ ئۇنۋىرسىتىتىنىڭ چوڭ داۋزىسىدىن پۇتۇمغا ئالغان شۇ چاغدا مەندە ئەزەلدىن بولۇپ باقمىغان سىزىم بولدى.بۇنى بەلكىم سىلەرمۇ سىزەلەيسىلەر.ھەش پەش دىگۈ چە «سىنىپ» قا كىردۇق.مەن سىنىپقا كىرگەن تۇنجى كۈنى ھەممە باللار ماڭا خۇددى ئۈرۈمچىگە يەرلىك بالىلاردەك بىلىندى.چۈنكى ئۇلارنىڭ ھەممىسىدە بىردىن «تىلىفۇن» بار شۇنىڭدەك ئۇلارنىڭ كىيىنىشىگە قاراپ مەن بىر ئاز ئوڭايسىزلاندىم.چۈنكى مەن كىچىكىمدىن باشلاپ سەھرايى قىشلاقتا ياشىغان ئەمەسمۇ.ئىككىنچى كۈنى بىزگە «ئەنۋەر »ئىسىملىك بىر مۇئەللىم ئىنگىلىز تىلى گىرامماتىكىسى بەردى.ئەلۋەتتە باشقا چەتئەللىك ئوقۇتقۇچىلارمۇ بار.مەن دەرىسنى ئاڭلاۋاتقان شۇ پەيىتتە ئۈزۈمگە چوڭقۇر ئىشەندىم.چۈنكى مەن ئارزۇ ئارمانلىرىمنىڭ ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىغا ئىشەنگەن ئىدىم.بىراق بۇ خىيالىم ئۇزۇنغا بارمىدى.شۇ كۈنى كەچتە «ياتاقداشلىرىم» قولىغا «كۆك»دەيدىغان بىر نىمىنى ئىلىۋىلىپ ياتاق ئىچىنى خۇمدانغا ئوخشىتىپ قويدى.ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمى «نەشە» چىكىدىكەنتۇق.ئۇلار گىتتارغا شۇنداق ماھىر ئىدىكى شۇ تەرىقىدە ماڭغان بولسا بەلكىم ئۇيغۇرلارنى تىخىمۇ تونۇتقۇدەك بىرەر «چولپان» چىقار ئىدى.ئەپسۇس شۇ كۈندىن كىيىن بۇ جاي ماڭا قاراڭغۇ زىنداندەك بىلىندى.دەرىستىن باشقا ۋاقىتلاردا مەن خۇددى دونيادا ئۆزۈملا قالغاندەك ھىس قىلدىم.(نۇرغۇن ئويلىرىمىنى يىزىشىم بىھاجەت مىنڭچە)
شۇنداق قىلىپ تەخمىنەن 8 كۈندىن كىيىن مەن ئۆيدىكىلەرنىڭ قارشىلىقىغا قارىماي ئۆزمگە تەۋە شۇ «يىزا» غا قايتتىم.ھەم بىر مەزگىل ئۆزۈمنى شۇنچىلىك ئەركىن ھىس قىلىدىم.ئۇزۇن ئۆتمەي بۇ بىكارچىلىق مىنى يەنە ئازابلىدى.مەن بىكار قالغان ئادەمنىڭ شۇنچىلىك ئازابلىنىدىغانلىقىنى شۇ چاغدا ھەقىقىي ھىس قىلغان ئىدىم.شۇنداق قىلىپ مەن ناھيىلىك تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە كىرىپ ئوقۇشۇشنى داۋاملاشتۇرۇشنى ئىمتىھاندا يۇقىرى نۇمۇر ئىلىپ بىيجىڭ پەن تىخنىكا ئۇنۋىرسىتىتىغا بىرىشنى كۆڭلىمگە پۈكتىم.بىراق شۇنداق ياخشى ئوقۇۋاتقان مەندەك بىرسىنى چىرايى تەبەسسۇم بىلەن تولغان بىر سەبىئى «مەپتۇن» قىلىۋالغان ئىدى.بىز بىر مەزگىل «مۇھەببەت»ئوتىدا كۆيدۇق...............(نۇرغۇن گەپ ۋە ئىشلار)
شۇنداق بىر كۈن كەلدىكى مەن ئۆزۈمنىڭ «ئەركەكلىگىمنى» ئۇنىڭغا بىلدۈرگۈم كەلدى.ھەم «دىسكۇخانا» غا كىرىپ تازا«ئىچتۇق».ئىچكنىمىز ئەلۋەتتە چاي ئەمەس.ئۇ كۈنى بەكلا كەپ بولۇپ كەتكەن بولۇپ بىز شەھەر سىرتىدىكى بىر «ئارامگاھ» قا «مىھمان» بولدۇق.ئەلۋەتتە «قىز دوسىتۇم» نىڭ رەت قىلىشىغا يول قويمىدىم.ئۇ ماڭا «ماقۇل » بولدى.چۈنكى ئۇ مىنى ياخشى كۆرەتتى.ياخشى كۆرۈپمۇ شۇنچىلىك ياخشى كۆرەتتى.مانا بۇ كىچە شۇنچىلىك ئۇزۇن بىلىندىكى مەن «نۇرغۇن» «يامان» ئىشلارنى قىلغان ئىدىم.ئۇ قىزنىڭ مەڭگۈلۈك بەختى مىنىڭ بىردەملىك كوڭلىمنىڭ قۇربانى بولۇپ كەتتى.مانا بۇ مىنىڭ «بۇزغان» تۇنجى ئادىمىم ئىدى.
ئۇزۇن ئۆتمەي ئىمتىھان ئارقىلىق «مۇئەللىم» قوبۇل قىلىمىز دىگەن بىر ئىش ناھيەنى بىر ئالدى.ئۆيدىكىلەرنىڭ زورلىشى بىلەن مەن بۇ جايدىن چىقىپ ئىمتىھانغا قاتناشتىم.نەتىجەم ھەر ھالدا ياخشى بولغاچقا مەنمۇ«بالا مۇئەللىم» بولۇپ قالدىم.مۇئەللىم بولغان كۈندىن باشلاپ مەن يەنە «ئۆزگەردىم».مەن ئەسلىدە مۇئەللىم دىگەننىڭ ھەممىسى ياخشى كىشىلەر.ئۇلار بۇزۇقچىلىق قىلمايدۇ.ئۇنداق بۇنداق يەرگە كىرمەيدۇ دەپ ئويلاپتىكەنمەن.(مىنىڭ دىگىنىم مەلىم نىسپەتتىكى بىر توپ)لىكىن بۇ مۇئەللىمچىلىك مەندەك بىر مۆئمىن مۇسۇلماننى يەنە «يامان» يولغا باشلىدى.بۇ يامان ئىشلارنىڭ ھەممىسى شۇ ھاراقتىن باشلاندى.سىز بەلكىم ئۇ نىمىنى نىمىشقا ئىچىسەن دەپ ئويلاپ قىلىشىڭىز مومكىن.بىراق مىنىڭ شەيتىنىم بەك يامانمىكىن تاڭ ئىشقىلىپ مەن ئۇ كىچىكتىن چىقالمىدىم.چۈنكى نۇرغۇن «باشلىق» لار ماڭا بۇ يولنى داغدام ئىچىۋەتكەن ئىدى.شۇنداق قىلىپ مەن بۇ ياخشى نام ئاستىدىكى خىرە دۇنيادا خىلى بىر مەزگىل ياشىدىم.شۇ ئارلىقتا بىر «ساھىبجامال» بىلەن تونۇشتۇم.ئەلۋەتتە بۇ قىتىم ئۇ ئاكتىپلىق بىلەن «ئىغىز»ئاچقان ئىدى.شۇنداق قىلىپ مەن ئىككىنجى قىتىملىق «تۇنجى» مۇھەببىتىم بىلەن رومانتىك كۈنلەرنى باشلىدىم.ئۇ ناھايىتى چىرايلىق ئىدى.ھەم ئادەمنىڭ كۆڭلىنى بەكلە چۈشىنەتتى.شۇڭا ئۇنىڭ بىلەن بولغان«مۇناسىۋىتىمىز»ناھايىتى تىزلا يۇقىرى پەللىگە كۆتىرىلدى.ئالدىرماڭ،تىخى سىز ئويلىغان ئۇنداق «ئىش» لار بىرگە يىراق ئىدى.مەلۇم بىر كۈنى ماڭا مەكتەپ كىچىلىك ئامانلىق ۋەزىپىسى كىلىپ قالدى.دەل شۇ كۈنى نىمە سەۋەپتىنكى تاڭ ئۇمۇ مەكتەپتە يالغۇز قاپتۇ.ئۇ ماڭا تاماق ئىتىپ بىرىدىغانلىقىنى ھەم تاماق يەپ بولغاندىن كىيىن دەرھال نۆۋەتچىلىك ئۆيىگە قايتىپ كىتىشىمنى ئىيتتى.شۇنداق قلىپ مەن «بولغۇسى» ئايالىمنىڭ تامىقىدىن ھوزۇرلاندى.لىكىن قايتىدىغان چاغدا مىنىڭ شەيتانىم مىنى «زادىلا» چىقىپ كەتكىلى قويمىدى.مەن ئۇنڭغا نۇرغۇن «تاتلىق» گەپلەرنى قىلىدىم.ھەم ئۇنىڭ بىلەن توي قىلىدىغانلىقىمنى ئىيتتىم.شۇنداق قىلىپ مەن بۇ نادان «قىز» نىڭمۇ بەختىنى ۋەيران قىلغان بولدۇ.لىكىن مەن شۇ كىچىدىن باشلاپ ئۇنىڭغا تىخىمۇ ياخشى مۇئامىلە قىلىدىم .ھەم ئۇنىڭ بىلەن توي قىلىمەن دەپ ئۆزۈمگە ۋەدە بەردىم.ئارلىقتا تاساددىبىي پۇرسەت بىلەن ئۇرۇمچىگە يەنە كىلىپ قالدىم.1 يىللىق «قوش تىل» مەخسۇس ئوقۇتقۇچىسى بولۇش ئۈچۈن كەلدىم.بۇ يەردە مىنىڭ سالاھيىتىم «ئوقۇغۇچى» غا ئايلاندى.مەن ئۇنىڭ بىلەن بولغان ئالاقىنى قەتئى ئۈزۈپ قويمىدىم.كۈندە تىلىفۇن قىلىپ تورۇدۇم.لىكىن شۇنداق بىر كۈن كەلدىكى ئۇ ماڭا قەتئى ئىشەنمىدى.چۈنكى مىنىڭ تىلىفۇنۇمنى باشقا بىر قىز ئىلىپ سالغان بولۇپ ئۇنىڭ كۈنداشلىگى توتتى.لىكىن مەن ئۇنىڭغا يۇز كىلەلمەيدىغان ھىچ ئىشنى قىلمىغان ئىدىم.دەل مۇشۇ ئىش بىزنىڭ ئايرىلىپ كىتىشىمىزگە سەۋەپچى بولدى.شۇنىڭ بىلەن مەن ئىككىنچى بىر ئۇيغۇر قىزىنى بۇزغان بولدۇم.
مۇشۇ قۇرلارنى يىزىۋىتىپ كۆڭلىمنىڭ تولىمۇ يىرىم ئىكەنلىكىنى ھىس قىلدىم.چۈنكى مەن ئۇنى ھىلى ھەم ياخشى كۆرەتتىم.بىراق ئۇ ماڭا باشقا بىرسىنى ياخشى كۆرۈپ قالغانلىقىنى بۇنىڭدىن كىيىن ئاۋارە قىلماسلىقىمىنى ئىيتقان ئىدى.
بۇ تىخى مىنىڭ يامان ئىشلىرىمنىڭ باشلانمىسى.
تۆۋەندىكى ئاپتورنىڭ ئىنكاسى
نەقىل:
مەن «نىمىنى قىلىش نىمىنى قىلماسلىق » نى ياخشى بىلىۋالدىم. مەن بۇ تىمىنىڭ ئاخىرىنى يازمىغانلىق تۈپەيلى نۇرغۇن قىرىنداشلىرىمنىڭ مىڭىسىدە مىنىڭ بۇ تىمىنى يىزىش مەخسىتىم ھەققىدە خاتا قاراش پەيدا بولۇپ قالدى.شۇڭا ماڭا ئۆچمەنلىك بىلەن قاراۋاتىدۇ. مىنىڭچە سىلەر ئالدىرماي باھا بىرىڭلار.مەن ھازىر «توغرا» بىر ئادەم.
مەزكۇر تېمىنىڭ ئىگىلىك (چۈشەندۈرۈش) ھوقۇقى ئەسلى مەنبەسىدىكى يوللىغۇچى ۋە شۇ توربېكەتكە مەنسۇپ. بۇ يەرگە كىرسىڭىز تېخىمۇ مول مەزمۇندىن بەھرىمەن بولىسىز.

مەرھەمەت

يېڭى تېما يوللاش