بىز رېئاللىقتىن ئۆزىنى قاچۇرىدىغان ئالدامچىلار؟
(شەبنەم تور بېكىتىدىن ئېلىندى)
قىزلىرىمىز ساغرىسىغا چىڭ يېپىشىپ تۇرىدىغان كىيىملەرنى كىيىپ يۈرسە. جەمئىيەت شۇنداق، بۇ دېگەن ھازىرقى مودا ئېقىم دەپ ئۆزىمىزنى بەزلەيمىز. گۇناھ ئىشنى بولۇشىغا قىلىۋېتىپ، تىلەمچىگە بىر كوينى بېرىپ پۈتۈن گۇناھىمىز ساقىت بولغاندەك ئۆز ئۆزىمىزنى بەزلەيمىز،
تاماكىنىڭ زىيانلىق ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ، << ھەي !!! كۆنگەن خۇي >> دەپ قويۇپلا ئۆزىمىز بەزلەپ چىكىۋىرىمىز.
ھازىرقى جەمئىيەتتە دۇرۇس قىزلار قالمىدى دېگەن ئىدىيىنىڭ كەينىدە ئۆزىمىزنى ئامالسىز قىياپەتكە كىرگۈزۈپ.
شەھۋانىي يامان يولغا مىڭىۋىرىمىز، جەمئىيەت شۇنداق تۇرسا دەپ ئۆزىمىزنى بەزلەيمىز.
ھازىرقى ئوغۇللار قانداق بولماقچىدى دېگەن ئىدىيەنىڭ كەينىدە، ئۆزىمىزنى ھەقىقىي بىر ئانا ئەمەس،
بەلكى شاختىن شاخقا سەكرەپ يۈرىدىغان قۇشقاچقا ئايلاندۇرۇپ قويدۇق.
يالغۇز مەنلا شۇنداقمۇ؟ ئوغۇللار شۇنداق بولمىسا بىز مۇشۇنداق بولامتۇق دەپ ئۆزىمىزنى بەزلەيمىز.
ئىمتىھاندىن ئۆتەلمىسەك، << ۋاي ۋۇي !!! ئۆتەلمىگەن يالغۇز مەنلىمۇ >> دەپ
گۇناھنى باشقىلارغا يۈكلەپ قويۇپ. ئۆز ئۆزىمىزنى بەزلەيمىز. سودا قىلىۋېتىپ ساختىلىق ئىشلەتكەن
ۋاقىتلاردا << سامان ئارىلاشمىسا لاي، ھارام ئارىلاشمىسا باي بولماس >> دېگەن ماقالىنى تۇتقا قىلىپ، ئۆز ئۆزىمىزنى ئالدايمىز.
قىسقىسى: بىز ساناپ تۈگەتكۈسىز ئالدامچىلىق ئىچىدە ياشاۋاتىمىز. جەمئىيەت شۇنداق تۇرسا،
ئېشەك ئىشەكتىن قالسا قۇلىقىنى كەس دېگەن ناتوغرا ئىدىيە كەينىدە، بىز ھەقىقىي بىلىم ئىزدىنىشكە ئەمەس، مودا قوغلىشىشقا قاراپ يۈزلىنىۋاتىمىز.
توي قىلماي تۇرۇپ قىزلىقىنى يوقىتىش ھازىرقى جەمئىيەتتىكى ئاددىيلا بىر ئىش بولغىنىدەك
ئارىلاشقان ئادەمنىڭ ئاز كۆپلىكى شۇ قىز يىگىتنىڭ تەجرىبىگە مول. بىلىملىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدىغان بوپ قالدى.
ئېسىڭىزدە بولسۇن، بىز ھەممىمىز بىر ئالدامچى.
بىزنىڭ تور ئالدىدا سائەت سائەتلەپ ئولتۇرۇپ، خۇدا بەرگەن شۇ قىممەتلىك ۋاقىتنى قۇرۇق پاراڭ، قۇرۇق سۆھبەتكە دەسمايە سالغىنىمىز. تور ئالدىدا ئولتۇرۇپ كۆرۈنمەس مەۋھۇم مۇھەببەتنىڭ قۇرۇق ئۆستىڭىگە ئۆزىمىزنى تاشلاۋاتقىنىمىزمۇ بىر ئالدامچىلىق.
قىزلىرىمىز، سىڭىللىرىمىزنىڭ كىيگەن كىيىملىرىگە قاراپ باقتىڭلارمۇ،
ئەگەر باشقا قىزلار كوچىدا شۇنداق كىيىملەرنى كىيسە، شەھۋانىي ھەۋىسىڭىز بىلەن قاراپ قويىسىز.
ئېسىڭىزدە بولسۇن، قىزىڭىزغا ياكى ئاچا سىڭلىڭىزغىمۇ باشقىلار شۇنداق قارايدۇ.
سىز بىر قىز بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن، مودا قوغلىشىپ شۇنداق يىرىم ئوچۇق كىيىملەرنى كىيىپ كوچىغا چىققىنىڭىزدا، نۇرغۇنلىغان بەختلىك ئائىلىلەرنى بۇزۇشقا ئاساس سالغانلىقىڭىزنى ئويلاپ باقتىڭىزمۇ؟
ھاۋايى ھەۋەس ھەرقانداق ئادەمدە بولىدۇ. بىر ئەركىشى سىزنىڭ شۇنداق بەدەنلىرىڭىزنى كۆرگەن چېغىدا ھاۋايى ھەۋەس توسۇپ قويغان پەردىنىڭ تەسىرىدىن، بارا بارا ئۆيدىكى كۆيۈمچان ئايالى كۆزىگە خۇراپىي، مەتۇ چىراي كۆرۈنۈپ قالىدۇ.
ئايالىڭىزنى ئۇنداق يىرىم يالىڭاچ، ياكى ساغرىسى ۋە كۆكسىنى روشەن كۆرسىتىپ تۇرىدىغان كىيىملەرنى كىيىشتىن چەكلەيسىز، لېكىن كىيىم كىيگەنلەر تويماي ھەۋەس بىلەن قارايسىز.
مانا مۇشۇمۇ بىر ئالدامچىلىق، بىر ئائىلىنى ئالدىغانلىق، ئايالىنى ئالدىغانلىق.
ئىسلام دىنىدا كۆز زىناسى دېگەننى ئاڭلىغان بولسىڭىز كېرەك، گەپنى ئوچۇق دېمىسەكمۇ بولار.
قىسقىسى، تۇرمۇش ھەدىسىلا بىزنى ھەرخىل زىنالارغا باشلايدۇ.
گەپنى يەنىمۇ قىسقارتىلمىسى: ھېچكىم بىزنى گۇناھ بولىدىغان، ياكى ئالدامچىىققا كىرىدىغان ئىشلارغا باشلىغىنى يوق، ھەممە ئىشلارنىڭ باشلىنىشىنى ئۆزىمىز كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتىمىز.
باشقىلاردىن ھەرقانچە ئاغرىنايلى، ھەممىسى ئەھمىيەتسىز.
تۇنجى بولۇپ، ئۆز ئىدىيىمىزنى ئازاد قىلايلى. باشقىلار نېمە دەپ ئويلاپ قالار دېگەننى ھەرگىز ئويلىماڭ.
ياخشى ئادەملەر تېخى كۆپ. ئادەم قانچىكى چۈشكۈنلەشسە، شۇ ئادەمنى شۇنچىلىك نەس باسىدۇ. سىز جەمئىيەتنى گۈزەل دەپ قارىسىڭىز. ھەممە ئادەم گۈزەل كۆرۈنىدۇ. ئىدىيىمىزگە سىڭىپ كەتكەن ئاغرىنىشتىن ئىبارەت ئىللەتنى يوقىتايلى. رېئاللىقتىن ئۆزىمىزنى قاچۇرمايلى.
ئىسىىمىزدە شۇنى چىڭ تۇتايلى !!
يېپىلمايدىغان داستىخان، ئاخىرلاشمايدىغان سورۇن بولمايدۇ. سىز قىلغان ھەربىر ئىش ھەرىكەتنىڭ سورىقى بولىدۇ.
http://www.orkhun.com/erdewil/index.htm مەنبە