ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار!
ئۇلۇق قۇربان ھېيت يىتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرۇۋاتىدۇ. پەرىزىمچە تېلېۋىزىيە ئىستانسىلىرى ۋە سەنئەتكارلار ھېيتلىق سەنئەت نومۇرلىرىنى تەييارلاش بىلەن تازا ئالدىراش بولۇپ كەتتى.
بۇ قېتىمقى ھېيتلىق سەنئەتتىمۇ، توردىمۇ چوقۇم «ئاھ، ئانا ھېيتنى بىللە ئۆتكۈزەلمىدىم» ،« جان ئاتا ھېيتتا بىللە بولالمىدىم» دەيدىغان نومۇرلار، ئادەمنىڭ يۈرىكلىنى تىترىتىدىغان شېئىرلار، نەسىرلەر… پەيدا بولىشى مۇمكىن.
بۇلارنىڭ بولىشى يامان ئىش ئەمەس، شۇنداقتىمۇ ياقا يۇرتتىكى قېرىنداشلارغا بىر كەلىمە كۆڭۈل سۆزۈمنى قالدۇرغۇم كېلىپ قالدى.
قېرىندىشىم، ئۇلۇغ قۇربان ھېيت كېلىۋاتىدۇ!
خىزمەت، پۇل-مال دېگەن يۇرتىڭىزدىن، قەۋمى-قېرىنداشلىرىڭىزدىن چوڭ ئەمەس.
دۇككىنىڭىزدىكى غەللىنى يىغىشتۇرغاچ تۇرۇڭ.
قولىڭىزدىكى خىزمىتىڭىزنى تېزراق تاماملاڭ.
باشلىقىڭىزدىن رۇخسەت ئالغاچ تۇرۇڭ.
يۇرتىڭىزغا بارىدىغان قاتناشنىڭ بېلىتىنى زاكاس قىلىپ قويۇڭ.
مېنىڭچە « ئانام سەن يوق» دېگەن ناخشىدىن «زىيارەت قىلغىلى كەلدىم» دېگەن ناخشا مىڭ ياخشى.
تىرىشىپ كۆرۈڭ، قۇربان ھېيتنى يۇرتىڭىزدا ئاتا-ئانا، دوست-ياران، قەۋمى-قېرىنداشلار بىلەن ئۆتكۈزۈڭ.
قۇربان ھېيتتا ياخشى ئەمەللەردە بولۇڭ، ئەل-جامائەتنىڭ رەھمىتى سىزگە يار بولغاي!
مەزكۇر تېمىنىڭ ئىگىلىك (چۈشەندۈرۈش) ھوقۇقى ئەسلى مەنبەسىدىكى يوللىغۇچى ۋە شۇ توربېكەتكە مەنسۇپ. بۇ يەرگە كىرسىڭىز تېخىمۇ مول مەزمۇندىن بەھرىمەن بولىسىز.مەرھەمەت