isanlik19762008-10-10 13:19:59
ھەق ئېلىش پونكىتىدا قانداق ماشىنىلاردىن ھەق ئېلىنمايدۇ؟
كۆپچىلىككە ئايدىڭ بۇلۇشى ۋە بىر قىسىم بىلمەيدىغان شوپۇر ياكى باشقا تىجارەتچى دوستلارنىڭ بىلىۋېلىشى ئۈچۈن بۇ تېمىنى يوللىدىم، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى ئويلىشى مۇمكىن، «ھەق ئېلىش پونكىتىدىن بارلىق ماشىنىلاردىن ھەق ئېلىنىدۇ» دەپ ، ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس، ئەمىسە زادى قانداق ماشىنىلاردىن ھەق ئېلىنمايدۇ؟؟
جاۋاب:
1.ھەربى نۇمۇر تاختىسى بار ماشىنىلار.
2.يېزا ئىگىلىك ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان ماشىنىلار: كومبايىن،تىراكتۇر، ھەم يېزا ئىگىلىك ماشىنىسى نۇمۇر تاختىسى بېكىتىلگەن ھەر خىل ماشىنىلار.
3.قۇتقۇزۇش ماشىنىلىرى.
4.ئالاھىدە ئىمتىيازغا ئىگە، ئالاھىدە يول يۈرۈش كارتىسى بار بولغان ماشىنىلار.
5.شۇ ھەق ئېلىش پونكىتى جايلاشقان، شۇلارنىڭ ئامانلىقىغا مەسئۇل بولغان ج خ ئۇرۇننىڭ ماشىنىسى.پەقەت شۇ بىرلا ھەق ئېلىش پونكىتى بىلەنلا چەكلىنىدۇ،باشقا ھەق ئېلىش پونكىتىدىن ھەق ئېلىنىۋېرىدۇ.
6.ھەر خىل تىرىك، پىششىقلاپ ئىشلەنمىگەن يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى باسقان يۈك ماشىنىلىرى : مەسىلەن: كالا،قوي،ئۆچكە،چوشقا بېسىلغان ماشىنىلار،بۇلاردىنمۇ ھەق ئېلىنمايدۇ،لېكىن شوپۇر ھەق ئېلىش پونكىتىغا كەلگەندە شۇنداق نەرسىلەر بېسىلغانلىقىنى ئەسكەرتىشى كېرەك. بولمىسا ھەق ئېلىش خادىمى بىلمەسلىكى مۇمكىن. ئەسلىدە پۇل تۆلەشكە تىگىشلىك بولغان يۈك ماشىنىلىرى،لېكىن،شەرت شۇكى،شۇ بېسىلغان كالا،قوي،چوشقا قاتارلىق ھايۋانلار چۇقۇم تىرىك بۇلۇشى،توچەيگە 80%دىن ئارتۇق بېسىلغان بۇلۇشى كېرەك،.بىر -ئىككى تال قوي،كالا بېسىپلا، پۇل تۆلىمەيمەن دىسە توغرا بولمايدۇ.چۇقۇم توچەيگە 80% كۆپرەك جىق بېسىلغان بۇلۇشى كېرەك.دىققەت: گۆش بېسىلغان ماشىنىلاردىن ھەق ئېلىنىدۇ.
7.سەي-كۆكتات بېسىلغان ماشىنىلار،بەسەي،ياڭيۇ،پەمىدۇر،پىدىگەن،كۈدە،سەۋزە،.....قاتارلىق بارلىق پىششىقلاپ ئىشلەنمىگەن سەي-كۆكتاتلار، بۇلاردىنمۇ ئوخشاشلا پۇل ئېلىنمايدۇ. شەرت چۇقۇم،يۈك تۇشۇش ماشىنىسى بۇلۇشى، توچەيگە 80% دىن كۆپرەك قاچىلانغان بۇلۇشى كېرەك.
8.تىرىك بېلىقلارنى باسقان ماشىنىلار. شەرت،توچەيگە 80% دىن كۆپرەك قاچىلانغان بۇلۇشى كېرەك.
9.ھەر خىل مېۋە-چېۋىلەرنى باسقان ماشىنىلار. مەسىلەن: قۇغۇن،تاۋۇز،پەمىدۇر،ئالما،نەشپۈت، ئانار... باسقان ماشىنىلار. بۇلارمۇ چۇقۇم توچەيگە 80% دىن ئارتۇق قاچىلانغان بۇلۇشى كېرەك. شۇنداقلا ،شوپۇر ئۇستام ھەق ئېلىش پونكىتىغا كەلگەن چاغدا ،چۇقۇم ماشىنىدا شۇ خىل مەھسۇلات قاچىلانغانلىقى ئەسكەرتىشى،ھەق ئېلىش خادىمى كۈرۈمەن دىسە،كۆرسىتىشى شەرت. ھەق ئېلىش خادىمى شۇ خىل مەھسۇلات ئىكەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن، ماشىنىنى ھەقسىز ئۆتكۈزىدۇ. ئەسكەرتىش،ھۆل مېۋە-چېۋىلەر تۇشۇلغان ماشىنىلاردىن ھەق ئېلىنمايدۇ، مېۋىلەردىن ياسالغان مۇراببا، كونسىرۋا تۇشۇلغان ماشىنىلاردىن ھەق ئېلىنىدۇ. ئۈرۈك،ئۈزۈم تۇشۇلسا ھەقسىز،بىراق، گۈلە،قاق،كىشمىش تۇشۇلسا ئوخشاشلا ھەق ئېلىنىدۇ.لېكىن،يېزا ئىگىلىك ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان ماشىنىلار تۇشۇسا، ياكى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى مەخسۇس ئىشلىتىدىغان نۇمۇر تاختىسى بېىكىتىلگەن ماشىنىلار مەيلى قانداق نەرسە،يۈك توشۇسۇن،ئۇلاردىن بىردەك ھەق ئېلىنمايدۇ. مەسىلەن : 新疆A,新疆B,新疆C,新疆D,新疆N,新疆Q,新疆P,新疆G,新疆E,新疆F,新疆L,...بۇ خىل يېزا ئىگىلىك نۇمۇر تاختىسى بېكىتىلگەن ماشىنىلار ، بۇلارنىڭ نۇمۇر تاختىسى سېرىق رەڭدە، ئۈستىدە خەنزۇچە شىنجاڭ ئا، ياكى ب بولسا، ئاستىدا نۇمۇرى بولىدۇ،ھەقسىز بۇلۇش ئۈچۈن، چۇقۇم ماشىنىڭ ئالدىدا مۇشۇ خىل نۇمۇر تاختىسى بۇلۇشى كېرەك.
10.چۈجە،تۇخۇ،ئۆردەك،غاز باسقان ماشىنىلار. چۇقۇم 80%دىن ئارتۇق بېسىلغان بۇلۇشى كېرەك. ئۈلۈپ قالمىغان بۇلۇشى كېرەك. تىرىك بۇلۇشى كېرەك.
11.يېڭى سېغىلغان سۈت بېسىلغان ماشىنىلار. شەرت شۇكى،سۈت پىششىقلاپ ئىشلەنمىگەن بۇلۇشى كېرەك. خالتىغا،كۇرۇپكىغا قاچىلانغان سۈت بولسا، ئوخشاشلا ھەق ئېلىنىۋېرىدۇ. مەسىلەن: كۇرۇپكىغا قاچىلانغان سەھرا سۈتلىرى، ساباھ سۈتلىرى،مەيچۈئېر سۈتلىرى،گەيرۈي سۈتلىرى....بۇلارنى تۇشۇغان يۈك ماشىنىلىرىدىن ھەق ئېلىنىۋېرىدۇ.
12.ئادەتتە، بۇ خىل سىياسەتنىڭ ۋاقتى يىل ئاخىرىغىچە بۇلۇپ، يەنە بىر يىلدا ئۆزگىرىش بوپ قالسا، قايتىدىن ئۇقتۇرۇش چىقىرىدۇ. شۇڭا كۆپچىلىك ۋاقىپ بولغايسىلەر. 、ئەگەر سىياسەتتە ئۆزگىرىش بۇلۇپ قالسا، ھەق ئېلىش پونكىتىدىكى خادىملاردىن خاپا بولمىغايسىلەر، چۈنكى،سىياسەتنى دۆلەت،ھۈكۈمەت بەلگىلەيدۇ.ھەق ئېلىش پونكىتىدىكى خادىملار پەقەت تۈزۈم بويىچە ئىش كۆرىدۇ.
13.بۇ خىل سىياسەت چىقىرىشنىڭ ئاساسى، دۆلىتىمىز چوڭ يېزا ئىگىلىك دۆلىتى، شىنجاڭ چوڭ يېزا ئىگىلىك،چارۋىچىلىق رايۇنى. بۇ يەردىكى خەلقلەرگە ئاسانچىلىق كەلتۈرۈش ئۈچۈن شۇنداق قولايلىق سىياسەت چىقىرىلغان.
مەزكۇر تېمىنىڭ ئىگىلىك (چۈشەندۈرۈش) ھوقۇقى ئەسلى مەنبەسىدىكى يوللىغۇچى ۋە شۇ توربېكەتكە مەنسۇپ. بۇ يەرگە كىرسىڭىز تېخىمۇ مول مەزمۇندىن بەھرىمەن بولىسىز.مەرھەمەت