بۇ تېما جەمئىي 131 قېتىم كۆرۈلدى.
يېڭى تېما يوللاش
بېسىپ چىقىرىش

قۇربان ھېيت ۋە قۇربانلىق

قۇربان ھېيت ۋە قۇربانلىق

قۇربانلىققا ئالاقىدار مەسىلىلەر
قۇربانلىق قىلىش دېگەن نېمە؟
ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىگە شۈكۈر ئېيتىش ۋە ئاللاھغا يېقىنىلىشىش نىيىتى بىلەن ھېيت كۈنلىرىدە ئۆلتۈرۈشكە ئاتالغان ۋە شۇ كۈنلەردە ئۆلتۈرۈلگەن ھايۋانغا قۇربانلىق دېيىلىدۇ؛ ئۇ ھايۋاننى يۇقىرىدىكى نىيەت بىلەن مەزكۇر كۈنلەردە ئۆلتۈرۈشكە قۇربانلىق قىلىش دېيىلىدۇ.

قۇربانلىق قىلىنىدىغان ھايۋانلار قايسى؟
قۇربانلىق قىلىنىدىغان ھايۋان تۆگە، كالا، قوي ۋە ئۆچكە قاتارلىق ھايۋانلاردىن بولۇشى كېرەك. چۈنكى ئاللاھ تەئالا ھەج سۈرىسىنىڭ 28 - ۋە 34 - ئايەتلىرىدە قۇربانلىق قىلىنىدىغان ماللارنى «ئەنئام» دەپ ئاتايدۇ. ئەنئام كەلىمىسى تۆگە، كالا، قوي ۋە ئۆچكە قاتارلىق ھايۋانلارنى ئىپادىلەيدۇ. شۇڭا بۇ كەلىمىنىڭ مەنىسىنى ئۇيغۇرچىدا بىر ئېغىز سۆز بىلەن ئىپادىلىگىلى بولمايدۇ.

بۇنىڭغا ئاساسەن ئۆزى ھالال بولسىمۇ ئەنئام دېيىلمەيدىغان ھايۋانلارنى قۇربانلىق قىلىشقا بولمايدۇ. مەسىلەن: ئات، جەرەن، كېيىك ۋە توخۇ… قاتارلىق ھايۋانلار ھالال بولسىمۇ، ئۇلارنى قۇربانلىق قىلىشقا بولمايدۇ. شۇڭا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەنئام دېگىلى بولمايدىغان ھايۋانلاردىن قۇربانلىق قىلمىغان. بۇ ماللارنىڭ تۆۋەندىكى شەرتلەرگە تولغان بولۇشلىرى لازىم.

قۇربانلىق قىلىنىدىغان ھايۋانلارنىڭ شەرتلىرى:

1 - قوينىڭ ئالتە ئاينى تۆگىتىپ يەتتىنچى ئايلىققا ئۆتكەن بولۇشى لازىم،

2 - ئۆچكىنىڭ بىر ياشنى تۆگىتىپ، ئىككى ياشقا قەدەم قويغان بولۇشى لازىم،

3 - كالىنىڭ ئىككى ياشنى تۆگىتىپ ئۈچ ياشقا قەدەم قويغان بولۇشى لازىم،

4 - تۆگىنىڭ بەش ياشنى تۆگىتىپ ئالتە ياشقا قەدەم قويغان بولۇشى لازىم. بۇلاردىن باشقا قۇربانلىق قىلىنىدغان مال قارىغۇ، توكۇر، قۇلىقى كېسىك، مۈڭگۈزلىرى سۇنۇق، كېسەل، بەك ئورۇق مال بولماسلىقى لازىم.

كىملەرنىڭ قۇربانلىق قىلىشى كېرەك؟
بىر كىشىگە قۇربانلىق قىلىشنىڭ كېرەك بولۇشى ئۈچۈن ئۇ كىشىنىڭ مەلۇم مىقداردا پۇل - مال، بايلىققا ئىگە بولۇشى شەرتتۇر. بۇ مىقدارنىڭ ئۆلچىمى بولسا، زاكاتتىمۇ شەرت بولغان 85 گرام ئالتۇن ياكى بۇنىڭغا تەڭ كېلىدىغان پۇل - مالدۇر.

يەنى بىر كىشىنىڭ قەرزلىرى ۋە مۇھىم ئېھتىياجلىرىدىن ئېشىپ قولىدا 85 گرام ئالتۇن ياكى بۇنىڭغا تەڭ كېلىدىغان پۇل - مېلى بولسا، ئۇ كىشىگە قۇربانلىق قىلىشى ۋاجىپ بولىدۇ. بۇنداق ئىمكانىيىتى بولمىغانلارنىڭ قۇربانلىق قىلىشلىرى ۋاجىپ ئەمەس.

قۇربانلىققا ئالاقىدار باشقا مەسىلىلەر:

1 - بىر ئائىلىگە بىر قۇربانلىق كۇپايە قىلىدۇ.

2 - بىر تۆگىنى ۋە بىر كالىنى يەتتە كىشى (يەتتە ئائىلە) شېرىكلىشىپ قۇربانلىق قىلسا بولىدۇ.

3 - قۇربانلىق قىلغۇچىلار ۋە ئائىلىسى ئۆز قۇربانلىقنىڭ گۆشىدىن يېسە بولىدۇ.

4 - قۇربانلىقنىڭ گۆشىدىن پېقىر بولسۇن، باي بولسۇن يېقىن - يورۇق، قولۇم - قوشنىلارغا يېگۈزۈشكە بولىدۇ.

5 - قۇربانلىقنىڭ گۆشىنى يەيدىغانلارنىڭ مۇسۇلمان بولۇشلىرى شەرت ئەمەس. شۇنىڭ ئۈچۈن قۇربانلىقنىڭ گۆشىدىن غەيرىي مۇسۇلمانلارغىمۇ بەرسە ياكى يېگۈزسە بولىدۇ.

ئاللاھغا ھەمدۇسانالار بولسۇن
مەزكۇر تېمىنىڭ ئىگىلىك (چۈشەندۈرۈش) ھوقۇقى ئەسلى مەنبەسىدىكى يوللىغۇچى ۋە شۇ توربېكەتكە مەنسۇپ. بۇ يەرگە كىرسىڭىز تېخىمۇ مول مەزمۇندىن بەھرىمەن بولىسىز.

مەرھەمەت

تەۋسىيە قىلسىڭىز ئەسلى مەنبەسى ۋە يادىمدانى ئۇنتۇپ قالماڭ   www.yadimda.com

ئىسمائىل ئەلەيھىسسالام ۋە قۇربانلىق

ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام مۇقەددىسە دېگەن يەردە تۇراتتى. كېيىن ئىسمائىل ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا كېلىپ بىللە تۇردى. ئۇ ئىسمائىل ئەلەيھىسسالامغا ناھايىتى ئامراق ۋە مېھرىبان بولۇپ، بىردەم-يېرىمدەم ئايرىلىشقىمۇ تاقەت قىلالمايتتى. بۇ ئىككەتلەننىڭ بىر-بىرىگە بولغان مېھىر مۇھەببىتىنىڭ زىيادىلىكى جىمى ئالەمگە مەشھۇر بولدى.

پەرىشتىلەر:

- خۇدايا، ئىبراھىم مەن ساڭا دوست، دەيدۇ. ئەمما سەندىنمۇ ئوغلىغا مېھرىباندەك قىلىدۇ،-دېدى.

خۇدا ئېيتتىكى:

- ئى پەرىشتىلەر، ئىبراھىمنىڭ ماڭا بولغان دوستلۇقىنى سىلەرگە كۆرسىتەي!

شۇنىڭ بىلەن ئاللاتائالا ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامغا:

- قۇربانلىق قىل!-دەپ ئەمر قىلدى. ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام 10مىڭ تۆگە، 500قوي قۇربانلىق قىلدى. خۇدا يەنە:

-قۇربانلىق قىل!-دەپ ئەمىر قىلدى.

-ئى خۇدايا! نېمىنى قۇربانلىق قىلسام، دەرگاھىڭدا قوبۇل بولىدۇ،-دەپ مۇناجات قىلدى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام.

-مېنىڭدىن باشقا، نېمىنى بەك ياخشى كۆرىدىغان بولساڭ، شۇنى قۇربانلىق قىل!-دەپ پەرمان كەلدى خۇدادىن.

ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام كۆپ ئويلىنىپ، ھەممىدىن ياخشى كۆرىدىغان نەرسىنىڭ ئوغلى ئىكەنلىكىنى بىلدى ۋە:

-ئوغلۇمنى قۇربانلىق قىلسام قوبۇل قىلامسەن؟-دەپ خۇداغا مۇناجات قىلدى.

خۇدادىن شۇنداق پەرمان كەلدىكى:

-ئۆزۈڭ بىل!

ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام بۈۋى ھاجەرنىڭ قېشىغا كەلدى-دە:

-ئى ھاجەر! ئوغلۇم ئىسمائىلنى دوستۇمنىڭ قېشىغا ئېلىپ بارىمەن. باش-كۆزلىرىنى يۇيۇپ، چاچلىرىنى تاراپ، ياخشى، ئېسىل كېيىم-كېچەكلەرنى كىيدۈرۈپ جابدۇتقىن!-دېدى.

بۈۋى ھەجەر ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ دېگىنىچە جابدۇتتى. ئىئىسمائىل ئەلەيھىسسالامنىڭ ھۆسىن-جامالى ئاۋۋالقىدىن نەچچە ھەسسە زىيادە بولدى. ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ مېھىر-مۇھەببىتىمۇ نەچچە ھەسسە ئۈستۈن بولدى. ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئىسمائىل ئەلەيھىسسالامنى باشلاپ دالاغا ئېلىپ كېتىۋاتاتتى. شەيتان كېلىپ:

-ئى ئىسمائىل، ئاتاڭ سېنى مېنا تېغىغا ئېلىپ بېرىپ ئۆلتۈرىدۇ، بارمىغىن!-دېدى.

-ئاتام مېنى ھەرگىز ئۆلتۈرمەيدۇ. دوستىنىڭ قېشىغا ئېلىپ بارىدۇ،-دېدى ئىسمائىل ئەلەيھىسسالام.

-خۇدانىڭ رىزالىقى ئۈچۈن سېنى قۇربانلىق قىلىدۇ،-دېدى شەيتان.

-خۇدانىڭ رىزالىقى ئۈچۈن بولىدىغان بولسا، ھېلىغۇ بىر جېنىم بار ئىكەن، مىڭ جېنىم بولسىمۇ پىدا قىلدىم،-دېدى ئىسمائىل ئەلەيھىسسالام.

شەيتان نائۈمىد بولۇپ بۈۋى ھاجەرنىڭ قېشىغا كەلدى:

-ئى ھاجەر، ئوغلۇڭ ئىسمائىلنى ئاتىسى ئىبراھىم ئۆلتۈرگىلى ئېلىپ كېتىۋاتىدۇ، مېنىڭ رەھمىم كېلىپ، ساڭا خەۋەر قىلغىلى كەلدىم. بېرىپ ئاجرىتىپ ئالغىن،-دېدى.

-يالغان ئېيتىۋاتىسەن،-دېدى بۈۋى ھاجەر.

-خۇدانىڭ رىزالىقى ئۈچۈن قۇربانلىق قىلىدۇ،-دېدى شەيتان.

-ئى ئەخمەق!-دېدى بۈۋى ھاجەر شەيتانغا،- خۇدانىڭ رىزالىقى ئۈچۈن بولىدىغان بولسا، ھېلىغۇ بىر ئوغلۇم ئىكەن، يۈز ئوغلۇم بولسىمۇ بېرىمەن.

شەيتان نائۈمىد بولۇپ، ئازار يەپ كەتتى ۋە يەنە ئىسمائىل ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا كېلىپ:

-ئى ئىسمائىل، قېچىپ كەتكىن، بولمىسا ھالاك بولىسەن،-دېدى.

-ئاتام ماڭا سېنىڭچىلىك كۆيۈنمەسمۇ؟-دېدى ئىسمائىل ئەلەيھىسسالام. شۇ چاغدا ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام:

-ئى ئوغلۇم، كىم بىلەن گەپلىشىۋاتىسەن؟-دەپ سورىدى.

-بىر قېرى كىشى كېلىپ، ئاتاڭ سېنى ئۆلتۈرگىلى ئېلىپ بارىدۇ دەۋاتىدۇ.-دېدى ئىسمائىل ئەلەيھىسسالام.

-ئوغلۇم! ئۇ شەيتان دېگەن لەنەتكەردى، ئۇ سېنى ئازدۇرماقچى، ئۇنىڭ سۆزىگە ھەرگىز ئىشەنمە، يەنە كەلسە تاش بىلەن ئۇرغىن،-دېدى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام.

شۇنىڭدىن كېيىن شەيتان يەتتە قېتىم كەلدى، ھەر كەلگەندە ئىسمائىل ئەلەيھىسسالام تاش ئېتىپ شەيتاننى قوغلىدى. شۇنىڭ بىلەن ھەجگە بارغانلارغا شۇ يەردە شەيتانغا يەتتە قېتىم تاش ئېتىش سۈننەت بولدى.

ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام مېنا تېغىغا بارغاندىن كېيىن:

-ئى ئوغلۇم، خۇدانىڭ پەرمانى بىلەن سېنى قۇربانلىق قىلىمەن، رازى بولامسەن؟-دەپ سورىدى ئىسمائىل ئەلەيھىسسالامدىن.

-خۇدانىڭ پەرمانىنى كېچىكتۈرمەڭ، خۇدا بۇيرۇغان ئىشنى دەرھال ئىجرا قىلىڭ. ئاتا-بالىلىق رىشتىنى ئۈزۈڭ،-دېدى ئىسمائىل ئەلەيھىسسالام ۋە يەنە،- ئى ئاتا، بۇ ئىشنى نېمە ئۈچۈن ماڭا ئۆيدە ئېيتمىدىڭىز، ئېيتقان بولسىڭىز، بىچارە ئانام بىلەن رازىلىشىپ ئالاتتىم، ھېلىمۇ ئانامغا سالىمىمنى يەتكۈزۈڭ، مېنىڭدىن ئەدەبسىزلىك ئۆتۈلگەن بولسا مېنى كەچۈرسۇن، مېنى كۆڭلى-كۆكسىدىن چىقارسۇن، مەندىن رازى بولسۇن،- دېدى.

«ئى پەرىشتىلەر، ئىبراھىم مېنىڭ رىزالىقىم ئۈچۈن مېھرىبان پەرزەنتىنى قۇربانلىق قىلماقچى بولۇۋاتىدۇ، كۆرۈپ تاماشا قىلىڭلار»دەپ خۇدادىن پەرمان بولدى. ئاسماندىكى پەرىشتىلەر، بېھىشتىكى ھۆل-غىلمانلار بۇ ئەھۋالنى تاماشا قىلىپ تۇردى.

-ئى ئاتا، مېنىڭ قانلىق كۆڭلىكىمنى ئېلىپ بېرىپ ئانام بىچارىگە بېرىڭ، ئۇنى پۇراپ، مېنىڭ دەرد-پىراقىمنى ئۇنتۇسۇن!-دېدى ئىسمائىل ئەلەيھىسسالام.

ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئىسمائىل ئەلەيھىسسالامنىڭ قول-پۇتىنى باغلاپ، كۆزىنى تېڭىپ، قولىغا پىچاقنى ئالدى. ھەق تائالادىن پىچاققا «كەسمىگىن» دەپ پەرمان بولدى. ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام پىچاقنى ئىسمائىل ئەلەيھىسسالامنىڭ بوغۇزىغا سۈركىدى، پىچاق كەسمىدى.

-ئى ئاتا، پىچاقنى بارلىق كۈچىڭىز بىلەن سېلىڭ!-دېدى ئىمسائىل ئەلەيھىسسالام.

ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام پىچاقنى شۇنچە كۈچەپ سالسىمۇ ئۆتمىدى، ئۇچى بىلەن سانجىغان ئىدى، پىچاق ئىگىلىپ ھالقا بولۇپ قالدى. ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ غەزىپى كېلىپ، پىچاقنى تاشقا ئۇرغان ئىدى، تاش ئىككى پارە بولۇپ قان چىقتى. «تاشقا سالسام كېسىسەن، نېمىشقا ئىسمائىلنى كەسمەيسەن؟»دېدى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام پىچاققا.

-نېمە ئۈچۈن ماڭا ئاچچىقلاپ كايىيسىز؟ نەمرۇد سىزنى ئوتقا تاشلىدى، خۇدانىڭ پەرمانى بىلەن كۆيدۈرمىدى، بەلكى گۈلىستان بولدى، سىز بىر مەرتىۋە «كەس»دېگۈچە، ھەق سۇبھانەھۇۋەتائالا يەتمىش مەرتىۋە «كەسمە»دەپ پەرمان قىلدى. ئەلۋەتتە، خۇدانىڭ پەرمانىغا بويسۇنىمەن،-دېدى پىچاق.

پەرىشتىلەر، ھۆر-غىلمانلار بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ خۇداغا بولغان دوستلۇق مۇھەببىتىگە ئاپىرىن ئوقۇشتى. ئۇلار:« خۇدايا! لەۋھۇلمەھفۇزدا <ئىسمائىلنىڭ ئەۋلادىدىن نۇرغۇن پەيغەمبەر كىلىدۇ> دەپ يېزىقلىق تۇرغانلىقىنى كۆرگەن ئىدۇق. مۇشۇنداق قاۋۇل، سادىق بەندىلىرىڭ بار ئىكەن» دەپ ھەيران قېلىشتى.

شۇ چاغدا خۇدادىن پەرمان بولدى:

-ئى ئىبراھىم، سەن ماڭا بىر جان پىدا قىلدىڭ، مەن ساڭا سان-ساناقسىز جانلارنى ھەدىيە قىلىمەن!

ئاندىن كېيىن جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام بىر كۆك قوچقارنى ئەكېلىپ:

-ئىسمائىلنىڭ ئورنىغا مۇشۇ قوچقارنى قۇربانلىق قىلىڭ!-دېدى  ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامغا.

ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام قىلغان قۇربانلىقىنىڭ خۇدانىڭ دەرگاھىغا قوبۇل بولۇپ، ئىسمائىل ئەلەيھىسسالامنىڭ ئورنىغا كۆك قوچقارنىڭ ئەۋەتىلگەنلىكىگە  خۇرسەن بولدى ۋە :«ئاللاھۇ ئەكبەر، ئاللاھۇ ئەكبەر، لائىلاھە ئىللەللاھۇ ئەكبەر، ئاللاھۇ ئەكبەر، ۋەلىللاھىلھەمدۇ (ئاللا ئۇلۇغ، ئاللا ئۇلۇغ، بىر ئاللادىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوق، ئاللا ئۇلۇغ، ئاللا ئۇلۇغ، بارلىق مەدھىيە ئاللاغا خاستۇر)»دەپ تەكبىر ئېيتتى. شۇنىڭدىن باشلاپ قۇربان ھېيتتا بۇ تەكبىرنى ئېيتماق مۇسۇلمانلارغا ۋاجىپ بولدى.

يەنە شۇ چاغدا:

-ئى ئىبراھىم، سەن مېنىڭ پەرمانىم بويىچە ئىش قىلدىڭ، مەنمۇ ھەرقانداق ئىشتا سېنىڭ رايىڭنى ياندۇرمايمەن،-دەپ خۇدادىن نىدا كەلدى.

ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئىسمائىل ئەلەيھىسسالامنىڭ پۇت-قولىنى يېشىۋىتىپ، ئورنىغا كۆك قوچقارنى قۇربانلىق قىلدى.

قوچقارنىڭ تېرىسىنى سۇپرا قىلدى. يۇڭىنى بۈۋى ھاجەر ئېگىرىپ گىلەم توقۇدى. بۇ گىلەمنى تابۇت سەكىنەدە قويۇپ قويغان ئىدى، جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام ئۇنى ئەكىلىپ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا بەردى. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللادىن كەلگەن ۋەھىينى مۇشۇ گىلەمگە ئورىنىپ تۇرۇپ قوبۇل قىلاتتى.

مەنبەسى: «قىسسەسۇل ئەنبىيا»دىن ئېلىندى
مەزكۇر تېمىنىڭ ئىگىلىك (چۈشەندۈرۈش) ھوقۇقى ئەسلى مەنبەسىدىكى يوللىغۇچى ۋە شۇ توربېكەتكە مەنسۇپ. بۇ يەرگە كىرسىڭىز تېخىمۇ مول مەزمۇندىن بەھرىمەن بولىسىز.

مەرھەمەت

تەۋسىيە قىلسىڭىز ئەسلى مەنبەسى ۋە يادىمدانى ئۇنتۇپ قالماڭ   www.yadimda.com

قۇربانلىققا دائىر ئەھكاملار ۋە ئۇنىڭ شەرتلىرى

قۇربانلىقنىڭ ھۆكۈملىرى ۋە قۇربانلىق قىلىنىدىغان مالنىڭ ياش چەكلىمە شەرتلىرى:

قۇربانلىق قىلىش ئىسلام دىنىنىڭ ئالامەتلىرىدىن بىرى بولۇپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇسۇلمانلارنى قۇربانلىق قىلىشقا رىغبەتلەندۈرگەن. قۇربانلىق قىلىشقا قادىر بولالايدىغان كىشىنىڭ قۇربانلىق قىلىشى تەكىتلەنگەن سۈننەتتۇر. قۇربانلىق قىلىشنىڭ ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك ھۆكۈملىرى بار بولۇپ، ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتى، فىقھى سېلىشتۇرما دەرسلىك ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئابدۇلفەتتاھ ئىدرىس ئۇنى سىزگە تۆۋەندە يىغىنچاقلاپ بايان قىلىپ بېرىدۇ:

قۇربانلىق قىلىش ئىسلام دىنىنىڭ بىر ئالامىتىدۇر:

قۇربان ھېيت كۈنى قۇربانلىق قىلىش ئىسلام دىنىنىڭ ئالامىتى بولۇپ، ئۇنىڭ شەرىئەت بەلگىلىمىسى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدىغان نۇرغۇن دەلىللەر بار. اﷲ تائالا مۇنداق دەيدۇ: "پەرۋەردىگارىڭ ئۈچۈن ناماز ئوقۇغىن ۋە قۇربانلىق قىلغىن".

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سېمىز، ئاختا قىلىۋېتىلگەن، مۈڭگۈزلۈك، يۇڭلىرى ئاقىرىپ كەتكەن چوڭ ئىككى قوشقانى قۇربانلىق قىلدى؛ بىرىنى ياتقۇزۇپ: "بىسمىللاھى ئاللاھۇ ئەكبەر، ۋەللاھۇ ئەكبەر، ئى اﷲ! بۇنى مۇھەممەد ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ نامىدا قۇربانلىق قىلىمەن" دېدى. ئاندىن يەنە بىرىنى ياتقۇزۇپ: "بىسمىللاھى ئاللاھۇ ئەكبەر، ۋەللاھۇ ئەكبەر، ئى اﷲ! بۇنى مۇھەممەد ۋە ئۇنىڭ ئۈممىتىدىن سېنىڭ بار ۋە بىرلىكىڭگە، مېنىڭ پەيغەمبەرلىكنى يەتكۈزگەنلىكىمگە گۇۋاھلىق بەرگەنلەرنىڭ نامىدا قۇربانلىق قىلىمەن" دېدى.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇسۇلمانلارنى قۇربانلىق قىلىشقا رىغبەتلەندۈرگەن. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: "ئىنساننىڭ قۇربان ھېيت كۈنىدە قىلغان ئەمەللىرىدىن قان تۆككەن ئەمەلىنى (قىلغان قۇربانلىقىنى) اﷲ ئەڭ ياخشى كۆرىدۇ. قۇربانلىق قىلىنغان مال قىيامەت كۈنى مۈڭگۈزلىرى، يۇڭلىرى، ۋە تۇۋاقلىرى بىلەن بىللە كېلىدۇ، ئۇنىڭ قېنى يەرگەن چۈشۈشتىن بۇرۇن اﷲ بەلگىلىگەن بىر ئورۇنغا چۈشىدۇ. ئىنسانلار ئۇنىڭ خۇشپۇرىقىنى پۇرايدۇ."

قۇربانلىقنىڭ ھۆكمى:

كۆپ ساندىكى ئۆلىمالار قۇربانلىق قىلىشنىڭ تەكىتلەنگەن سۈننەت ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. چۈنكى ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: "ماڭا پەرز قىلىنغان، سىلەرگە نەپلە ئىبادەت قىلىنغان ئۈچ ئىش بار. بىرى ۋىتىر نامىزى، يەنە بىرى قۇربانلىق قىلىش، ئۈچىنچىسى، بامدات نامىزىنىڭ ئىككى رەكئەت سۈننىتىنى ئوقۇشتۇر."

ئۇممۇ سەلىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايەت قىلغان مۇنۇ ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: "زۇلھەججە ئېيىنىڭ دەسلەپكى ئونى كىرسە، قۇربانلىق قىلىشنى ئىرادە قىلغان كىشى قۇربانلىق قىلىپ بولغانغا قەدەر چېچىنى ئالدۇرمىسۇن، تىرنىقىنى ئالمىسۇن" دەپ، قۇربانلىق قىلىشنى قۇربانلىق قىلغۇچىنىڭ ئىرادىسىگە باغلىق قىلىپ قويغان. پەرز ئىبادەتنى ئادا قىلىش ئىبادەتكە تەكلىپ قىلىنغۇچىنىڭ ئىرادىسىگە باغلىق ئەمەس.

قۇربانلىق قىلغۇچى دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك قائىدىلەر:

مالىكى ۋە شافىئى مەزھىبىدىكىلەردىن، شۇنداقلا ھەنبەلى مەزھىبىدىكى بىر قىسىم كىشىلەردىن تەركىپ تاپقان كۆپچىلىك ئۆلىمالار ئۇممۇ سەلىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ يۇقىرىدىكى ھەدىسىنى دەلىل قىلىپ: قۇربانلىق قىلماقچى بولغان كىشىنىڭ زۇلھەججە ئېيىنىڭ دەسلەپكى كۈنى كىرگەندىن باشلاپ قۇربانلىق قىلىپ بولغانغا قەدەر چاچ ئالدۇرۇشى ۋە تىرناق ئېلىشىنى مەكرۇھ دەپ قارايدۇ. ئۇلار ئۇ ھەدىستىكى چەكلىمىنى مەكرۇھ دەرىجىسىدە دەپ قارىغان. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭمۇ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قۇربانلىق قىلىدىغان مالنىڭ بوينىغا ئېسىپ قويىدىغان يىپنى ئېشىپ بېرەتتىم، ئاندىن ئۇنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆز قولى بىلەن شۇ مالغا ئېسىپ قوياتتى، ئاندىن ئۇنى ھەرەمگە ئەۋەتەتتى. ئۇ قۇربانلىق بۇغۇزلانغانغا قەدەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا اﷲ ھالال قىلغان ئىشلاردىن ھېچبىرى ھارام بولمايتتى.

مانا بۇ رىۋايەت چاچ ۋە تىرناق ئېلىشنىڭ دۇرۇسلىقىنى تەقەززا قىلىدۇ. چۈنكى ئۇ اﷲ ھالال قىلغان ئىشلاردىندۇر. (شۇڭا ئۆلىمالار ئىككى ھەدىسنى بىرلەشتۈرۈپ مەكرۇھ دېگەن ھۆكۈمنى چىقارغان).

بىر قۇربانلىق ئائىلە ئەزالىرى ئۈچۈن كۇپايە قىلىدۇ:

قۇربانلىق قىلغۇچى ئۆزىنىڭ ۋە ئائىلىسىنىڭ نامىدا بىر قوي قۇربانلىق قىلسا كۇپايە قىلىدۇ. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر قوينى ئۆزىنىڭ ۋە ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ نامىدا قۇربانلىق قىلغان. قۇربانلىق قىلغۇچى تۆگە ۋە كالىغا ئوخشاش قويدىن چوڭ ھايۋانلارنى قۇربانلىق قىلسىمۇ شۇنداق بولىدۇ.

كۆپچىلىك فىقھىشۇناسلارنىڭ قارىشىدا تۆگە ياكى كالىغا مەيلى بىر ئۆي ئەزالىرىدىن بولسۇن ياكى باشقا ـ باشقا ئۆيدىن بولسۇن، يەتتە ئادەم شېرىك بولۇپ قۇربانلىق قىلسىمۇ كۇپايە قىلىدۇ. بۇ ھەقتە جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: "ھۇدەيبىيەدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن بىرلىكتە بىر تۆگىنى يەتتە ئادەمنىڭ نامىدا، يەنە بىر كالىنى يەنە يەتتە ئادەمنىڭ نامىدا قۇربانلىق قىلغان ئىدۇق".

قۇربانلىق قىلىنىدىغان مالنىڭ شەرتلىرى:

ئالتە ئايلىق بولۇپ يەتتىنچى ئېيىغا قەدەم قويغان قوي، ئىككى يىللىق بولۇپ، ئۈچىنچى يىلىغا قەدەم قويغان كالا، بەش يىللىق بولۇپ، ئالتىنچى يىلىغا قەدەم قويغان تۆگە قۇربانلىق قىلىشقا يارايدۇ. قۇربانلىقنىڭ سېمىز، چوڭ ۋە چىرايلىق بولۇشى مۇستەھەبتۇر. گۆشىنىڭ تولۇق ۋە ياخشى بولۇشىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئەيىبلەردىن خالىي بولۇشى ۋاجىپتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن قارىغۇ ياكى ئاقساق، ياكى ساقىيىش ئۈمىدى بولمىغان كېسەل ياكى ناھايىتى ئورۇق ۋەياكى قۇلىقىنىڭ يا مۈڭگۈزىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى چولاق ھايۋانلار قۇربانلىق قىلىشقا يارىمايدۇ. چۈنكى بەرائ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: "كورلىقى بىلىنىپ تۇرىدىغان قارىغۇ، كېسەللىكى چىقىپ تۇرىدىغان ئاغرىق، ئاقساقلىقى چىقىپ تۇرىدىغان توكۇر، قوۋۇرغىسى كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان ئورۇق ھايۋاندىن ئىبارەت تۆت تۈرلۈك مالنى قۇربانلىق قىلىش دۇرۇس بولمايدۇ."

ئەگەر قۇربانلىق قىلىدىغان كالىنىڭ گۆشى كۆپ بولسا ياكى ئىككى يىلدىن ئېشىپ كەتكەندە گۆشى سىڭىشلىك بولمايدىغان ئەھۋال بولسا، ئىككى يىللىقتىن كىچىك بولسىمۇ، شەرىئەتنىڭ قۇربانلىق قىلىشنى بەلگىلەشتىكى ھېكمىتىگە ئاساسەن دۇرۇس بولىدۇ. چۈنكى قۇربانلىقتىن مەقسەت كىشىلەرگە ئاسانلىق يارىتىپ بېرىش ۋە كەمبەغەلنى گۆش بىلەن تەمىنلەشتىن ئىبارەتتۇر.

قۇربانلىقنى بوغۇزلاش ۋاقتى:

قۇربانلىق ھېيت نامىزى ئوقۇلۇپ بولغاندىن كېيىن قىلىنىدۇ. چۈنكى بەرائ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: "كىمكى قۇربان ھېيت نامىزىنى ئوقۇسا ۋە قۇربانلىق قىلسا، قۇربانلىقى توغرا ئادا بولىدۇ. كىمكى قۇربانلىقىنى ھېيت نامىزىنى ئوقۇشتىن بۇرۇن بوغۇزلىسا، قۇربانلىقنى قايتا قىلسۇن." يەنە بىر رىۋايەتتە: "بۇ كۈندە قىلىدىغان دەسلەپكى ئىبادىتىمىز نامازدۇر، ئاندىن قۇربانلىق قىلىشتۇر. كىمكى قۇربانلىقىنى ھېيت نامىزىدىن بۇرۇن بوغۇزلىسا، ئۇ ئائىلىسىدىكىلەرگە سويۇپ بەرگەن قوينىڭ گۆشىگە ئوخشايدۇ. قۇربانلىققا ھېساب بولمايدۇ" دېيىلگەن. شۇڭا قۇربانلىقىنى نامازدىن ئىلگىرى بوغۇزلىغان كىشىنىڭ قۇربانلىقى ئادا بولمايدۇ، ئۇنىڭ ئورنىغا يەنە بىر مالنى قۇربانلىق قىلىشى لازىم.

قۇربانلىق قىلغۇچىنىڭ قۇربانلىقنى بوغۇزلىغان يەرگە ھازىر بولۇشى:

قۇربانلىق قىلغۇچى گەرچە قۇربانلىقنى ئۆزى بوغۇزلىمىسىمۇ، ئۇنى بوغۇزلىغان يەرگە ھازىر بولۇشى مۇستەھەبتۇر. چۈنكى ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قۇربانلىق ھەققىدە مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: "قۇربانلىقنى بوغۇزلىساڭلار، شۇ جايغا ھازىر بولۇڭلار. چۈنكى، ئۇنىڭ تۇنجى قېنى تېمىغان چاغدا سىلەرگە مەغپىرەت قىلىنىدۇ." پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ فاتىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھاغا مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: "قۇربانلىقىڭنىڭ قېشىغا ھازىر بولغىن، ئۇنىڭ تۇنجى قېنى تېمىغان چاغدا ساڭا مەغپىرەت قىلىنىدۇ."

قۇربانلىق قىلغۇچىنىڭ مالنى بوغۇزلىغان چاغدا: "بىسمىللاھ ۋەللاھۇ ئەكبەر" دېيىشى مۇستەھەبتۇر. بۇنىڭغا يەنە مۇنۇلارنى قوشۇپ ئېيتىشى ياخشى دەپ قارىلىدۇ: "ئى اﷲ! بۇ سەندىندۇر ۋە سەن ئۈچۈندۇر. ئى اﷲ! بۇنى مەندىن (ياكى پالانىدىن) قوبۇل قىلغىن!" چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قۇربانلىق قوچقىرىنى بوغۇزلاش ئۈچۈن ئېلىپ كېلىپ، ئاندىن ئۇنى ياتقۇزۇپ: "ئى اﷲ! بۇنى مۇھەممەدنىڭ، ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ۋە ئۈممىتىنىڭ نامىدا قوبۇل قىلغىن!" دېگەنلىكى، ئاندىن بوغۇزلىغانلىقى رىۋايەت قىلىنىدۇ. جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: "ئى اﷲ! بۇ سەندىندۇر ۋە سەن ئۈچۈن مۇھەممەدنىڭ ۋە ئۇنىڭ ئۈممىتىنىڭ نامىدىندۇر، بىسمىللاھ ۋەللاھۇ ئەكبەر" دېگەنلىكى، ئاندىن ئۇنى بوغۇزلىغانلىقى رىۋايەت قىلىنغان.

قۇربانلىق گۆشنى قانداق تارقىتىش:

قۇربانلىق قىلغۇچىنىڭ قۇربانلىق گۆشتىن ئۈچتىن بىرىنى ئائىلىسىدىكىلەرگە يېگۈزۈشى، ئۈچتىن بىرىنى خوشنىلىرى ۋە تۇغقانلىرى ئىچىدىكى كەمبەغەللەرگە ھەدىيە قىلىشى، قالغان ئۈچتىن بىرىنى قۇربانلىق گۆشنى تىلىگۈچىلەرگە سەدىقە قىلىپ بېرىشى مۇستەھەبتۇر. چۈنكى اﷲ تائالا مۇنداق دەيدۇ: "ئۇلارنى يەڭلار، قانائەتچان موھتاجلارغا ۋە سائىللارغا بېرىڭلار".

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قۇربانلىقىنىڭ سۈپىتى ھەققىدە ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: "ئۇ ئۈچتىن بىرىنى ئائىلىسىدىكىلەرگە يېگۈزەتتى، ئۈچتىن بىرىنى كەمبەغەل خوشنىلىرىغا يېگۈزەتتى، قالغان ئۈچتىن بىرىنى سائىللارغا بېرەتتى." ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: "قۇربانلىقنىڭ ئۈچتىن بىرى ساڭا، ئۈچتىن بىرى ئائىلەڭدىكىلەرگە، قالغان ئۈچتىن بىرى مىسكىنلەرگە تېگىشلىكتۇر."

قۇربانلىق قىلغۇچىنىڭ ئۇنى سويۇپ بەرگەن قاسساپقا ئىش ھەققى ئۈچۈن قۇربانلىق گۆشتىن بېرىشى توغرا ئەمەس. لېكىن ئۇ كەمبەغەل بولغانلىقى ئۈچۈن ياكى ھەدىيە ئورنىدا بىرئاز گۆش بەرسە ھېچ ۋەقەسى يوق. ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مېنى قۇربانلىق تۆگىنىڭ قېشىدا تۇرۇشقا، ئۇنىڭ تېرىلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشقا ۋە گۆشلىرىنى پارچىلاشقا، قاسساپقا ئۇنىڭدىن ھېچ نەرسە بەرمەسلىككە بۇيرۇدى ۋە: "قاسساپنىڭ ئىش ھەققىنى ئۆزىمىزنىڭ يېنىدىن بېرىمىز" دېدى.

شۇنداقلا، قۇربانلىق قىلغۇچىنىڭ قۇربانلىقنىڭ گۆشىنى ياكى تېرىسىنى ۋەياكى باشقا نەرسىلىرىنى سېتىشى دۇرۇس بولمايدۇ. لېكىن ئۇنىڭ تېرىسىدىن ۋە باشقا نەرسىلىرىدىن ئۆزى پايدىلانسا دۇرۇس بولىدۇ. بۇنىڭدا ھېچ ئىختىلاپ يوق.

مانا بۇلار، قۇربانلىقنىڭ قىسقىچە ئەھكاملىرى بولۇپ، ئۇنىڭدىن شۇ مەلۇم بولىدۇكى، قۇربانلىق قىلىنىدىغان مالغا ياش چەكلىمىسى قويۇلۇشىدىكى ھېكمەت كەمبەغەللەرنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداش بولغانلىقى ئۈچۈن، گۆش جىق چىقىدىغان ھايۋان بولۇشى تەلەپ قىلىنىدۇ. شۇڭا قۇربانلىق قىلىنىدىغان مالنىڭ يېشى ياش چەكلىمىسىگە يەتمىسىمۇ، گۆشى جىق بولسا، ئۇنى قۇربانلىق قىلىش دۇرۇس بولىدۇ. ئاللاھ ھەممىمىزنىڭ ئاللاھ يولىدا قىلغان قۇربانلىقلىرىمىزنى قوبۇل قىلسۇن.قۇربان ھېيتىمىزنى خوشال-خورال ئۆتكۈزگىلى نەسىپ ئەيلىسۇن.

مەنبە: IslamHouse تور بېكىتى
مەزكۇر تېمىنىڭ ئىگىلىك (چۈشەندۈرۈش) ھوقۇقى ئەسلى مەنبەسىدىكى يوللىغۇچى ۋە شۇ توربېكەتكە مەنسۇپ. بۇ يەرگە كىرسىڭىز تېخىمۇ مول مەزمۇندىن بەھرىمەن بولىسىز.

مەرھەمەت

تەۋسىيە قىلسىڭىز ئەسلى مەنبەسى ۋە يادىمدانى ئۇنتۇپ قالماڭ   www.yadimda.com
قەبرىدىكى غۇجامغا قۇربانلىق قىلسا بولامدۇ؟
ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار

مىنىڭ بىر تونۇشىم مەلۇم بىر قەبرىدىكى غۇجامنى تاۋاپ قىلىپتىكەن .يەنە بىرسى غۇجامنى تاۋاپ قىلسا شۇ غوجامغا ئاتاپ قان كۇرسەتمىسە بولمايدۇ دەپتىكەن .ئۇ تونۇشىم شۇ غوجامغا ئاتاپ قۇربانلىق قىلىپتۇ .ماڭغا شۇنداق قىلغانلىقىنى ئەمدى ئىشلىرىنىڭ يۇرىشىپ كىتىدىغانلىقىنى خۇشاللىق بىلەن سۇزلەپ بەرگەنتى مەن ئۇنداق قىلىشنىڭ تۇغرا ئەمەسلىكىنى ئاللاغا شېرىك كەلتۇرگەنلىك بۇلىدىغانلىقىنى دىسەم مەندىن خاپىلاپ كەتتى ........
مۇنبەرىدكى قېرىنداشلىرىم مۇشۇ ئىش تۇغۇرلىق تەپسىلىي چۇشەنچە بەرگەن بۇلساڭلار ،مەن ئۇنىڭغا كۇرسىتىپ قۇيغان بۇلسام..............
نەقىل:
ۋەئەلەيكۇم ئەسسەلام قېرىندىشىم ،

ئاللاھتىن غەيرىگە ( باشقىسىغا ) ئاتاپ مال بوغۇزلاش ۋە قۇربانلىق قىلدۇق ،دەپ قان كۇرسىتىش قانداق مۇناسىۋەت بىلەن بولۇشتىن قەتئىينەزەر ھارامدۇر .

مازار-ماشايىخلەرگە ،قەبرىلەرگە ۋە دەل-دەرەخلەرگە ئاتاپ مال بۇغۇزلاش ۋە تىلەكلىرىنى ئۇلاردىن تىلەش ،ياردەم سوراپ يىلىنىش ،ئۇلارنى تەۋەرۇك ھىسابلاپ ئولۇغلاش ۋە ھاجەتلىرىنى تىلەش ئاللاھقا شېرىك كەلتۇرۇش قاتارىغا كىرىدۇ .

ئاللاھتائالا مۇنداق دەيدۇ ؛
{ ئاللاھتىن غەيرىنىڭ نامى تىلغا ئېلىنىپ بۇغۇزلانغان ھايۋاننىڭ گۇشىنى يىيىش ھارام قىلىندى .ھەمدە بۇتلارغا ئېلىپ بېرىلىپ ئۇنىڭ يىنىدا بۇغۇزلانغان ھايۋانلار ھارام قىلىندى .} ( مائىد سۇرىسى 3-ئايەتنىڭ بىر قىسىمى )

ئاللاھتائالا مۇنداق دەيدۇ ؛
{ پەرۋەردىگارىڭ ئۇچۇن ناماز ئوقۇ ۋە قۇربانلىق قىل } ( كەۋسەر سۇرىسى 2-ئايەت )

ئاللاھتائالا مۇنداق دەيدۇ ؛
{ ( ئى مۇھەممەد ! ) ئېيىتقىنكى ،« مىنىڭ نامىزىم ،قۇربانلىقم ،ھايات-ماماتىم دۇنيادا قىلغان ياخشىلىقلىرىم ۋە تائەد -ئىبادەتلىرىم ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھ ئۇچۇندۇر .ئاللاھنىڭ شېرىكى يۇقتۇر ،مەن مۇشۇنىڭغا ( يالغۇز ئاللاھقىلا ) خاس ئىبادەت قىلىشقا بۇيرۇلدۇم » } .( ئەنئام سۇرىسى 162-ئايەت )

ئاللاھتائالا مۇنداق دەيدۇ ؛
{ ئاللاھنىڭ دىنىغا پەيغەمبىرىمىزنىڭ يۇلىغا خىلاپ ئىشتا مەخلۇققا ئىتائەت قىلىپ ئۇنىڭ ناھەق يۇلىنى قوللاپ ياردەملەشسەڭلار ئاللاغا شېرىك قىلغان بۇلىسىلەر } .( سۇرە بەقەرە 21-ئايەت )

ئاللاھتائالا مۇنداق دەيدۇ ؛
{ ئەگەر ساڭا ئاللاھ بىرەر كۇلپەت يەتكۇزسە ئۇنى ئاللاھتىن باشقا ھېچكىم كۇتۇرىۋىتەلمەيدۇ } .( سۇرە ئەنئام 17-ئايەت )

بىز يۇقۇرىقى ئايەتلەردىن ئاللاھتىن باشقىسىغا ئاتاپ مال بۇغۇزلاشنىڭ ھاراملىقىنى ،ئاللاھتىن باشقىسىدىن تىلەك تىلەپ مەخسەد-مۇددانى ،ھاجەتلىرىنى تىلەشنىڭ ئاللاھقا شېرىك كەلتۇرۇش بۇلىدىغانلىقىنى ،ھەرقانداق ھاجىتىمىزنى پەقەت بىر ئاللاھتىنلا تىلەپ ئاللاھتىنلا ياردەم سورىشىمىز لازىملىقىنى بىلۋلالايمىز .ھەرقانداق مەخسەد-مۇددانى ،ھاجىتىمىزنى پەقەت بىر ئاللاھتىنلا تىلەش پەرىزدۇر .
مەزكۇر تېمىنىڭ ئىگىلىك (چۈشەندۈرۈش) ھوقۇقى ئەسلى مەنبەسىدىكى يوللىغۇچى ۋە شۇ توربېكەتكە مەنسۇپ. بۇ يەرگە كىرسىڭىز تېخىمۇ مول مەزمۇندىن بەھرىمەن بولىسىز.

مەرھەمەت

تەۋسىيە قىلسىڭىز ئەسلى مەنبەسى ۋە يادىمدانى ئۇنتۇپ قالماڭ   www.yadimda.com
ھېيتتا ساقلىنىشقا تېگىشلىك ئىشلار:

بىرىنچى: كېيىم ـ كىچەك ۋە قۇربانلىق سېتىۋېلىشتا، ئۆينى رىمونىت قىلىش ۋە زىننەتلەش ئىشلىرىدا ئارتۇق چىقىم قىلىش ۋە ئىسراپخورلۇقتىن ساقلىنىش.

ئىككىنچى: يېڭى ئۆلۈم چىققان ئۆيلەرگە يىغىلىپ، ئۇ يەردە بۇنداق قۇتلۇق كۈندە يىغا ـ زارە، قايغۇ ھەسرەتنى تەكرارلاشتىن ساقلىنىش.
ئۈچىنچى: قەبرىلەرنى زىيارەت قىلماسلىق.

تۆتىنچى: يات ئەرلەرنىڭ ئاياللار بار سورۇنلارغا كىرىپ، ئۇلار بىلەن ئارىلاش ئولتۇرۇشى ۋە قول ئېلىشىپ كۆرىشىشىدىن ساقلىنىش.

بەشىنچى: ئارىلىقىدا ھېچقانداق شەرئىي مۇناسىۋىتى بولمىغان خۇتۇن ـ قىزلار بىلەن ئاممىۋىي سورۇنلاردا، يىغىلىشلاردا بولۇشتىن ساقلىنىش.

ئالتىنچى: ناخشا ـ مۇزىكا سورۇنلىرى ئويۇشتۇرۇشتىن ساقلىنىش.

يەتتىنچى: قەرت، قىمار ئويناشتىن ساقلىنىش.

سەككىزىنچى: ئاللاھنى زىكىر قىلىشتىن، جامائەت بىلەن ناماز ئوقۇشتىن غاپىل بولۇپ قىلىشتىن ساقلىنىش.

تۇققۇزىنچى: ھاراق ئىچىش، زىنا قىلىش، ئوغۇرلۇق ۋە غەيۋەتكە ئوخشىغان گۇناھ ئىشلاردىن ساقلىنىش.

ئونىنىچى: مازار گۈمبەزلەرنى زىيارەت قىلىش ئارقىلىق ئۇ يەرلەرگە چىراق يېقىش، يىللىق خاتىرلەش مۇراسىملىرىنى ئۆتكۈزۈش قاتارلىقلاردىن ساقلىنىش.

ئون بىرىنچى: بالاغەتكە يەتكەن ياكى يەتمىگەن قىزلارنى  شەرىئەت بەلگىلىمىسى بويىچە كىيىندۈرمەستىن سىرتلارغا چىقىرىشتىن ھەزەر ئەيلەش.

ئون ئىككىنچى: ھېيىتتا كاپىرلارغا تەقلىد قىلىپ، ئىش ياكى كۆڭۈل ئېچىش ئېلىپ بارماسلىق.

ئون ئۈچىنچى: ھېيىت كۈنىدە رۇزا تۇتۇشتىن ساقلىنىش.

ئون تۆتىنچى: ھېيىت نامىزىنى ئوقۇماسلىقنى نورمال ئىش دەپ قاراشتىن ساقلىنىش.

ئون بەشىنچى: كېچىلىرى بىر ۋاقىتلارغىچە ئولتۇرۇپ، بامداد نامىزىنى قولدىن بىرىپ قويۇشتىن ساقلىنىش.

مەنبە:  مۇنبەر تورى

TOP

قىلىشقا ۋە قىلماسلىققا تىگىشلىك ئىشلار:

دىنىمىزنىڭ قۇربان ھېيتىدا نېمىلەرنى قىلىپ، نېمىلەردىن يىراق تۇرۇشقا بۇيرۇغانلىقىغا دائېر تەلىماتلىرىدا ھەرقايسىڭىزلار بىلەن ئورتاقلىشىش ئۈچۈن، قۇربان بايرىمىدا قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار ۋە يىراق تۇرۇشقا تېگىشلىك ئىشلار دېگەندىن ئىبارەت ئىككى خىل يۈنىلىش بويىچە بۇماقالىنى ھۇزۇرىڭىزلارغا سۇندۇم. مۇسۇلمان قېرىندىشىم! شۇ نەرسىنى ئېنىق بىلىڭكى، مۆمىنلەر ئۈچۈن دۇنيادا پەقەتلا ئۈچ ھېيىت بار بولۇپ، ئۇنىڭ بىرى ھەر ھەپتىدە تەكرارلىنىپ تۇرىدىغان جۈمە كۈنى، قالغان ئىككىسى يىلدا بىر قېتىمدىن كېلىدىغان رۇزا ۋە قۇربان ھېيتلىرىدىن ئىبارەتتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەدىنىگە كەلگەن چاغدا ئۇلارنىڭ ئوينايدىغان ئىككى كۈنى بار ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كېلىپ،  "ئاللاھ تائالا سىلەرگە ئىككى كۈننى ئۇنىڭدىنمۇ خەيرلىك بولغان رۇزا ۋە قۇربان ھېيتىدىن ئىبارەت ئىككى كۈنگە تېگىشتۈرۈپ بەردى" دېدى. بۇنىڭ بىلەن ئاللاھ تائالا بىزگە ئويۇن ـ تاماشاغا تولغان ئىككى كۈننى، زىكىر، شۈكۈر، مەغپىرەت ۋە ئەپۇچانلىق كۈنىدىن  ئىبارەت بۇ ئىككى كۈنگە تېگىشتۈرۈپ بەردى.
مۆمىنلەر ئۈچۈن دۇنيادا ھېيىت بولغىنىدەك، جەننەتتىمۇ ھېيىت بار. ئوخشىمايدىغان يېرى، جەننەتتە كۈندە ھېيىت بولىدۇ...
ھېيىتتا قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار:  
بىرىنچى: ئىككى ھېيىت كالىندار ئارقىلىق ئەمەس، ئاينى كۆرۈش ئارقىلىق مۇئەييەنلەشتۈرىلىدۇ. بۇنىڭدا ئەھلى سۈننەت ۋەلجامائە ئالىملىرى بىرلىككە كەلگەن.
ئىككىنچى:  گەرچە ئىمام شافىئىينى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قىسىم ئالىملار ھېيىت كېچىسىنى ئىبادەت بىلەن ئۆتكۈزۈش ياخشى دېگەننى ئىلگىرى سۈرۈشكەن، بۇ ھەقتە كەلگەن ھەدىسلەرنىڭ ھەممىسى ئاجىز ھالەتتە رىۋايەت قىلىنغان. ئىبن ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ "ھېيىت كېچىسىنى ئىھيا قىلىش دېمەك، خۇپتەن نامىزىنى جامائەت بىلەن ئوقۇپ، بامداتنىمۇ جامائەت بىلەن ئوقۇشقا بەل باغلاشتۇر" دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ.  
ئۈچىنچى: تەكبىر ئېيتىش؛ ھېيىت كېچىسىدىن باشلاپ بازارلار ۋە ئۆيلەردە، پەرز نامازلاردىن كېيىن، يوللاردا ۋە نامازدىن ئىلگىرى تەكبىر ئېيتىش سۈننەتتۇر. ئىمام خۇتبە جەريانىدا تەكبىر ئوقۇيدۇ. تەكبىر مۇنداق ئوقۇلىدۇ "ئاللاھۇ ئەكبەر، ئاللاھۇ ئەكبەر، ئاللاھۇ ئەكبەر، لائىلاھە ئىللەللاھۇ ۋەللاھۇ ئەكبەر، ئاللاھۇ ئەكبەر، ۋەلىللاھىلھەمد". تەكبىر ھەر نامازدىن كېيىن تاكى ئۈچىنچى كۈنى ئەسىر نامىزىغا قەدەر داۋاملىشىدۇ.  
تۆتىنچى: ھېيىت نامىزى ئۈچۈن يۇيۇنۇش سۈننەتتۇر. ئەلى ۋە ئىبن ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلارنىڭ نامازغا بېرىشتىن ئىلگىرى يۇيۇنىدىغانلىقىغا ئائىت رىۋايەتلەر بار.
بەشىنچى: مۇسۇلمان كىشى ھېيىت كۈنى مەيلى يېڭى ياكى كونا بولسۇن ئەڭ ياخشى كېيىملىرىنى كېيىشى ۋە ئىمكان بار خوشپۇراق نەرسىلەرنى ئىشلىتىشى سۈننەتتۇر.   
ئالتىنچى: كۈن چىققاندىن كېيىن ھېيىت نامىزى ئوقۇشقا ئالدىراش. نامازنىڭ ۋاقتى كۈن كۆتىرىلگەن باشلاپ زاۋالغىچە. (نامازنىڭ تەپسىلاتىدا بۇ خۇسۇستىكى باشقا بىر پارچە ماقالىدە توختالغانلىقىمىز ئۈچۈن بۇ يەردە توختالمىدۇق   
يەتتىنچى: ھېيىت نامىزى مەككە مۇكەررەمەدىن باشقا جايلاردا زۆرۈر بولمىغان ئەھۋالدا مەسجىدتە ئەمەس، سەھرالاردا ياكى چوڭ ناماز ئوقۇلىدىغان مەيدانلاردا ئوقۇلىدۇ.   
سەككىزىنچى: نامازنى ئوقۇپلا ئورنىدىن تۇرۇپ كەتمەستىن، ھېيىت نامىزىدىن كېيىن ئوقۇلىدىغان ئىككى خۇتبىنى تىڭشاش مۇھىم. ئىمام بۇ ۋاقىتتا قۇربانلىق ۋە ھېيىتقا مۇناسىۋەتلىك مۇھىم مەزمۇنلاردا توختىلىدۇ.   
توققۇزىنچى: ناماز ۋە خۇتبىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن ئىمام ۋە جامائەتلەر  گۆشىدا ئىپتار قىلىش ئۈچۈن قۇربانلىقىنى قىلىشقا ئالدىراش. بىرىنچى كۈنى قۇربانلىق قىلالمىغان بولسا، ئىككىنچى ياكى ئۈچىنچى كۈنى بولسىمۇ قىلىش لازىم.   
ئونىنچى: ھېيىت نامىزى ئوقۇشقا كەلگەن يولدىن باشقا بىر يول بىلەن قايتىشمۇ سۈننەتتۇر.  
ئون بىرىنچى: قۇربانلىقنىڭ گۇشىنىڭ بىر قىسمىنى ئۆزى يېيىش، بىر قىسمىنى قولۇم ـ خوشنىلىرىغا، يەنە بىر قىسمىنى ئاجىز ۋە يوقسۇللارغا بېرىش سۈننەتتۇر. ئەمما ئۇنىڭ ھېچبىر نەرسىسىنى سېتىشقا بولمايدۇ.   
ئون ئىككىنچى: قۇربانلىق سۈننەت مۇئەككەدە (يەنى ۋاجىپ) بولۇپ،  ئىمكانىيىتى بار بولغان ئەر، ئايال، مۇقىم ياكى مۇساپىر، تۇرمۇشلۇق ياكى بويتاق، ھۆر ياكى قۇل بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر قىلىش زۆرۈر. ئەمما قېيىنچىلىقى بارلار قىلمىسا ھېچ گەپ بولمايدۇ.   
ئون ئۈچىنچى: قۇربانلىق ئۈچۈن ئالتە ئايلىققا، ئۆچكىدىن بىر ياشنى توشقۇزغان ئوغلاق، تۈگىنىڭ بەش ياشنى تۈگىتىپ ئالتىگە كىرگىنى، كالىنىڭ تۆتنى تۈگىتىپ بەش ياشقا كىرگىنى بولسا بولىدۇ. ئەمما بۇلارنىڭ قارىغۇ، ئاقساق، ئورۇق ـ ئاۋاق ۋە بىر يەرلىرى سۇنۇق بولماسلىقى شەرت قىلىنىدۇ.   
ئون تۆتىنچى: قۇربانلىق قىلغان كىشى ئائىلىسىگە، ئورۇق- تۇققانلىرىغا ۋە خولۇم ـ خوشنىلىرىنىڭ قېشىغا بېرىشى، ئۇلار بىلەن ئارىسىدا بار بولغان يېرىكلىك ۋە ئاداۋەتلەرنى يۇيۇشى ۋە ئۆزئارا ئەپۇ قىلىشىشى لازىم.
ئون بەشىنچى: ئۆزئارا "ئاللاھ ھەممىمىزنىڭ بايرىمىمىزنى قوبۇل قىلسۇن" دېيىشمەكمۇ ياخشى ئىشلاردىندۇر.
ئون ئالتىنچى: ئاللاھ تائالانى كۆپلەپ زىكىر قىلىش.
ھېيتتا ساقلىنىشقا تېگىشلىك ئىشلار:   
بىرىنچى: كېيىم ـ كىچەك ۋە قۇربانلىق سېتىۋېلىشتا، ئۆينى رىمونىت قىلىش ۋە زىننەتلەش ئىشلىرىدا ئارتۇق چىقىم قىلىش ۋە ئىسراپخورلۇقتىن ساقلىنىش. ئىككىنچى: يېڭى ئۆلۈم چىققان ئۆيلەرگە يىغىلىپ، ئۇ يەردە بۇنداق قۇتلۇق كۈندە يىغا ـ زارە، قايغۇ ھەسرەتنى تەكرارلاشتىن ساقلىنىش.   
ئۈچىنچى:  
تۆتىنچى: يات ئەرلەرنىڭ ئاياللار بار سورۇنلارغا كىرىپ، ئۇلار بىلەن ئارىلاش ئولتۇرۇشى ۋە قول ئېلىشىپ كۆرىشىشىدىن ساقلىنىش.   
بەشىنچى: ئارىلىقىدا ھېچقانداق شەرئىي مۇناسىۋىتى بولمىغان خۇتۇن ـ قىزلار بىلەن ئاممىۋىي سورۇنلاردا، يىغىلىشلاردا بولۇشتىن ساقلىنىش.   
ئالتىنچى: ناخشا ـ مۇزىكا سورۇنلىرى ئويۇشتۇرۇشتىن ساقلىنىش.  
يەتتىنچى: قەرت، قىمار ئويناشتىن ساقلىنىش.  
سەككىزىنچى: ئاللاھنى زىكىر قىلىشتىن، جامائەت بىلەن ناماز ئوقۇشتىن غاپىل بولۇپ قىلىشتىن ساقلىنىش.   
تۇققۇزىنچى: ھاراق ئىچىش، زىنا قىلىش، ئوغۇرلۇق ۋە غەيۋەتكە ئوخشىغان گۇناھ ئىشلاردىن ساقلىنىش.  
ئونىنىچى: مازار گۈمبەزلەرنى زىيارەت قىلىش ئارقىلىق ئۇ يەرلەرگە چىراق يېقىش، يىللىق خاتىرلەش مۇراسىملىرىنى ئۆتكۈزۈش قاتارلىقلاردىن ساقلىنىش.
ئون بىرىنچى: بالاغەتكە يەتكەن ياكى يەتمىگەن قىزلارنى  شەرىئەت بەلگىلىمىسى بويىچە كىيىندۈرمەستىن سىرتلارغا چىقىرىشتىن ھەزەر ئەيلەش.   
ئون ئىككىنچى: ھېيىتتا كاپىرلارغا تەقلىد قىلىپ، ئىش ياكى كۆڭۈل ئېچىش ئېلىپ بارماسلىق.   
ئون ئۈچىنچى: ھېيىت كۈنىدە رۇزا تۇتۇشتىن ساقلىنىش.  
ئون تۆتىنچى: ھېيىت نامىزىنى ئوقۇماسلىقنى نورمال ئىش دەپ قاراشتىن ساقلىنىش.  
ئون بەشىنچى: كېچىلىرى بىر ۋاقىتلارغىچە ئولتۇرۇپ، بامداد نامىزىنى قولدىن بىرىپ قويۇشتىن ساقلىنىش.   
ھۆرمەتلىك مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىز ئاخىرىدا  ئاللاھ ھەممەيلەننىڭ خالىس ئەمەللىرىمىزنى قوبۇل قىلسۇن! بىزگە يۇقىرىقى ماقالىدىن شۇ نەرسە ئايدىڭلاشتىكى، ھېيىتنىڭ يېڭى كىيىپ، ياخشى يىگەنلەرنىڭ ئەمەس، ئاللاھقا بولغان تائىتى ئاشقانلارنىڭ، كېيىم ـ كېچەكلەر بىلەن بىزەلگەنلەرنىڭ ئەمەس، گۇناھى مەغپىرەت قىلىنغانلارنىڭ ئىكەن. ھېيىت كېچىسى مەغپىرەتنىڭ ئىشىكلىرى ئوچۇق بولىدۇ، بۇنىڭدىن پايدىلانغانلار ئۈچۈن ھېيىت ھېيىتتۇر، بولمىسا....ئاللاھ ھەممىمىزنى ئۆز تائىتىگە  مۇيەسسەر قىلسۇن.
مەنبە:مىنىڭ خاتىرەمدىن
مەزكۇر تېمىنىڭ ئىگىلىك (چۈشەندۈرۈش) ھوقۇقى ئەسلى مەنبەسىدىكى يوللىغۇچى ۋە شۇ توربېكەتكە مەنسۇپ. بۇ يەرگە كىرسىڭىز تېخىمۇ مول مەزمۇندىن بەھرىمەن بولىسىز.

مەرھەمەت

تەۋسىيە قىلسىڭىز ئەسلى مەنبەسى ۋە يادىمدانى ئۇنتۇپ قالماڭ   www.yadimda.com
قۇربان ھېيتىتا نىمىلەرنى قىلىمىز؟
يېقىنلىشىپ كىلىۋاتقان قۇربان ھېيتى مۇناسىۋىتى بىلەن، دىنىمىزنىڭ قۇربان ھېيتىدا نېمىلەرنى قىلىپ، نېمىلەردىن يىراق تۇرۇشقا بۇيرۇغانلىقىغا دائېر تەلىماتلىرىدا ھەرقايسىڭىزلار بىلەن ئورتاقلىشىش ئۈچۈن، قۇربان بايرىمىدا قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار ۋە يىراق تۇرۇشقا تېگىشلىك ئىشلار دېگەندىن ئىبارەت ئىككى خىل يۈنىلىش بويىچە «http://www.islamadvice.com» دا ئېلان قىلىنغان شۇ ناملىق ماقالىنىڭ مەزمۇن تەرجىمىسىنى ھۇزۇرىڭىزلارغا سۇندۇق.
  مۇسۇلمان قېرىندىشىم! شۇ نەرسىنى ئېنىق بىلىڭكى، مۆمىنلەر ئۈچۈن دۇنيادا پەقەتلا ئۈچ ھېيىت بار بولۇپ، ئۇنىڭ بىرى ھەر ھەپتىدە تەكرارلىنىپ تۇرىدىغان جۈمە كۈنى، قالغان ئىككىسى يىلدا بىر قېتىمدىن كېلىدىغان رۇزا ۋە قۇربان ھېيتلىرىدىن ئىبارەتتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەدىنىگە كەلگەن چاغدا ئۇلارنىڭ ئوينايدىغان ئىككى كۈنى بار ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كېلىپ، "ئاللاھ تائالا سىلەرگە ئىككى كۈننى ئۇنىڭدىنمۇ خەيرلىك بولغان رۇزا ۋە قۇربان ھېيتىدىن ئىبارەت ئىككى كۈنگە تېگىشتۈرۈپ بەردى" دېدى. بۇنىڭ بىلەن ئاللاھ تائالا بىزگە ئويۇن ـ تاماشاغا تولغان ئىككى كۈننى، زىكىر، شۈكۈر، مەغپىرەت ۋە ئەپۇچانلىق كۈنىدىن ئىبارەت بۇ ئىككى كۈنگە تېگىشتۈرۈپ بەردى.
مۆمىنلەر ئۈچۈن دۇنيادا ھېيىت بولغىنىدەك، جەننەتتىمۇ ھېيىت بار. ئوخشىمايدىغان يېرى، جەننەتتە كۈندە ھېيىت بولىدۇ....
ھېيىتتا قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار:
بىرىنچى: ئىككى ھېيىت كالىندار ئارقىلىق ئەمەس، ئاينى كۆرۈش ئارقىلىق مۇئەييەنلەشتۈرىلىدۇ. بۇنىڭدا ئەھلى سۈننەت ۋەلجامائە ئالىملىرى بىرلىككە كەلگەن.,  

  ىككىنچى: گەرچە ئىمام شافىئىينى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قىسىم ئالىملار ھېيىت كېچىسىنى ئىبادەت بىلەن ئۆتكۈزۈش ياخشى دېگەننى ئىلگىرى سۈرۈشكەن، بۇ ھەقتە كەلگەن ھەدىسلەرنىڭ ھەممىسى ئاجىز ھالەتتە رىۋايەت قىلىنغان. ئىبن ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ "ھېيىت كېچىسىنى ئىھيا قىلىش دېمەك، خۇپتەن نامىزىنى جامائەت بىلەن ئوقۇپ، بامداتنىمۇ جامائەت بىلەن ئوقۇشقا بەل باغلاشتۇر" دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ.
ئۈچىنچى: تەكبىر ئېيتىش؛ ھېيىت كېچىسىدىن باشلاپ بازارلار ۋە ئۆيلەردە، پەرز نامازلاردىن كېيىن، يوللاردا ۋە نامازدىن ئىلگىرى تەكبىر ئېيتىش سۈننەتتۇر. ئىمام خۇتبە جەريانىدا تەكبىر ئوقۇيدۇ. تەكبىر مۇنداق ئوقۇلىدۇ "ئاللاھۇ ئەكبەر، ئاللاھۇ ئەكبەر، ئاللاھۇ ئەكبەر، لائىلاھە ئىللەللاھۇ ۋەللاھۇ ئەكبەر، ئاللاھۇ ئەكبەر، ۋەلىللاھىلھەمد". تەكبىر ھەر نامازدىن كېيىن تاكى ئۈچىنچى كۈنى ئەسىر نامىزىغا قەدەر داۋاملىشىدۇ.
تۆتىنچى: ھېيىت نامىزى ئۈچۈن يۇيۇنۇش سۈننەتتۇر. ئەلى ۋە ئىبن ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلارنىڭ نامازغا بېرىشتىن ئىلگىرى يۇيۇنىدىغانلىقىغا ئائىت رىۋايەتلەر بار.
بەشىنچى: مۇسۇلمان كىشى ھېيىت كۈنى مەيلى يېڭى ياكى كونا بولسۇن ئەڭ ياخشى كېيىملىرىنى كېيىشى ۋە ئىمكان بار خوشپۇراق نەرسىلەرنى ئىشلىتىشى سۈننەتتۇر.
ئالتىنچى: كۈن چىققاندىن كېيىن ھېيىت نامىزى ئوقۇشقا ئالدىراش. نامازنىڭ ۋاقتى كۈن كۆتىرىلگەن باشلاپ زاۋالغىچە. (نامازنىڭ تەپسىلاتىدا بۇ خۇسۇستىكى باشقا بىر پارچە ماقالىدە توختالغانلىقىمىز ئۈچۈن بۇ يەردە توختالمىدۇق
يەتتىنچى: ھېيىت نامىزى مەككە مۇكەررەمەدىن باشقا جايلاردا زۆرۈر بولمىغان ئەھۋالدا مەسجىدتە ئەمەس، سەھرالاردا ياكى چوڭ ناماز ئوقۇلىدىغان مەيدانلاردا ئوقۇلىدۇ.  
سەككىزىنچى: نامازنى ئوقۇپلا ئورنىدىن تۇرۇپ كەتمەستىن، ھېيىت نامىزىدىن كېيىن ئوقۇلىدىغان ئىككى خۇتبىنى تىڭشاش مۇھىم. ئىمام بۇ ۋاقىتتا قۇربانلىق ۋە ھېيىتقا مۇناسىۋەتلىك مۇھىم مەزمۇنلاردا توختىلىدۇ.
توققۇزىنچى: ناماز ۋە خۇتبىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن ئىمام ۋە جامائەتلەر گۆشىدا ئىپتار قىلىش ئۈچۈن قۇربانلىقىنى قىلىشقا ئالدىراش. بىرىنچى كۈنى قۇربانلىق قىلالمىغان بولسا، ئىككىنچى ياكى ئۈچىنچى كۈنى بولسىمۇ قىلىش لازىم.
ئونىنچى: ھېيىت نامىزى ئوقۇشقا كەلگەن يولدىن باشقا بىر يول بىلەن قايتىشمۇ سۈننەتتۇر.  ئون بىرىنچى: قۇربانلىقنىڭ گۇشىنىڭ بىر قىسمىنى ئۆزى يېيىش، بىر قىسمىنى قولۇم ـ خوشنىلىرىغا، يەنە بىر قىسمىنى ئاجىز ۋە يوقسۇللارغا بېرىش سۈننەتتۇر. ئەمما ئۇنىڭ ھېچبىر نەرسىسىنى سېتىشقا بولمايدۇ.
ئون ئىككىنچى: قۇربانلىق سۈننەت مۇئەككەدە (يەنى ۋاجىپ) بولۇپ، ئىمكانىيىتى بار بولغان ئەر، ئايال، مۇقىم ياكى مۇساپىر، تۇرمۇشلۇق ياكى بويتاق، ھۆر ياكى قۇل بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر قىلىش زۆرۈر. ئەمما قېيىنچىلىقى بارلار قىلمىسا ھېچ گەپ بولمايدۇ.
ئون ئۈچىنچى: قۇربانلىق ئۈچۈن ئالتە ئايلىققا، ئۆچكىدىن بىر ياشنى توشقۇزغان ئوغلاق، تۈگىنىڭ بەش ياشنى تۈگىتىپ ئالتىگە كىرگىنى، كالىنىڭ تۆتنى تۈگىتىپ بەش ياشقا كىرگىنى بولسا بولىدۇ. ئەمما بۇلارنىڭ قارىغۇ، ئاقساق، ئورۇق ـ ئاۋاق ۋە بىر يەرلىرى سۇنۇق بولماسلىقى شەرت قىلىنىدۇ.
ئون تۆتىنچى: قۇربانلىق قىلغان كىشى ئائىلىسىگە، ئورۇق- تۇققانلىرىغا ۋە خولۇم ـ خوشنىلىرىنىڭ قېشىغا بېرىشى، ئۇلار بىلەن ئارىسىدا بار بولغان يېرىكلىك ۋە ئاداۋەتلەرنى يۇيۇشى ۋە ئۆزئارا ئەپۇ قىلىشىشى لازىم.
ئون بەشىنچى: ئۆزئارا "ئاللاھ ھەممىمىزنىڭ بايرىمىمىزنى قوبۇل قىلسۇن" دېيىشمەكمۇ ياخشى ئىشلاردىندۇر.
ئون ئالتىنچى: ئاللاھ تائالانى كۆپلەپ زىكىر قىلىش.
ھېيتتا ساقلىنىشقا تېگىشلىك ئىشلار:
بىرىنچى: كېيىم ـ كىچەك ۋە قۇربانلىق سېتىۋېلىشتا، ئۆينى رىمونىت قىلىش ۋە زىننەتلەش ئىشلىرىدا ئارتۇق چىقىم قىلىش ۋە ئىسراپخورلۇقتىن ساقلىنىش.
ئىككىنچى: يېڭى ئۆلۈم چىققان ئۆيلەرگە يىغىلىپ، ئۇ يەردە بۇنداق قۇتلۇق كۈندە يىغا ـ زارە، قايغۇ ھەسرەتنى تەكرارلاشتىن ساقلىنىش.
  ئۈچىنچى: قەبرىلەرنى زىيارەت قىلماسلىق.
  تۆتىنچى: يات ئەرلەرنىڭ ئاياللار بار سورۇنلارغا كىرىپ، ئۇلار بىلەن ئارىلاش ئولتۇرۇشى ۋە قول ئېلىشىپ كۆرىشىشىدىن ساقلىنىش.

بەشىنچى: ئارىلىقىدا ھېچقانداق شەرئىي مۇناسىۋىتى بولمىغان خۇتۇن ـ قىزلار بىلەن ئاممىۋىي سورۇنلاردا، يىغىلىشلاردا بولۇشتىن ساقلىنىش.
  ئالتىنچى: ناخشا ـ مۇزىكا سورۇنلىرى ئويۇشتۇرۇشتىن ساقلىنىش.
يەتتىنچى: قەرت، قىمار ئويناشتىن ساقلىنىش.
سەككىزىنچى: ئاللاھنى زىكىر قىلىشتىن، جامائەت بىلەن ناماز ئوقۇشتىن غاپىل بولۇپ قىلىشتىن ساقلىنىش.
تۇققۇزىنچى: ھاراق ئىچىش، زىنا قىلىش، ئوغۇرلۇق ۋە غەيۋەتكە ئوخشىغان گۇناھ ئىشلاردىن ساقلىنىش
ئونىنىچى: مازار گۈمبەزلەرنى زىيارەت قىلىش ئارقىلىق ئۇ يەرلەرگە چىراق يېقىش، يىللىق خاتىرلەش مۇراسىملىرىنى ئۆتكۈزۈش قاتارلىقلاردىن ساقلىنىش.
ئون بىرىنچى: بالاغەتكە يەتكەن ياكى يەتمىگەن قىزلارنى شەرىئەت بەلگىلىمىسى بويىچە كىيىندۈرمەستىن سىرتلارغا چىقىرىشتىن ھەزەر ئەيلەش.
ئون ئىككىنچى: ھېيىتتا كاپىرلارغا تەقلىد قىلىپ، ئىش ياكى كۆڭۈل ئېچىش ئېلىپ بارماسلىق.
  ئون ئۈچىنچى: ھېيىت كۈنىدە رۇزا تۇتۇشتىن ساقلىنىش.
ئون تۆتىنچى: ھېيىت نامىزىنى ئوقۇماسلىقنى نورمال ئىش دەپ قاراشتىن ساقلىنىش.
ئون بەشىنچى: كېچىلىرى بىر ۋاقىتلارغىچە ئولتۇرۇپ، بامداد نامىزىنى قولدىن بىرىپ قويۇشتىن ساقلىنىش.
ھۆرمەتلىك مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىز ئاخىرىدا ئاللاھ ھەممەيلەننىڭ خالىس ئەمەللىرىمىزنى قوبۇل قىلسۇن! بىزگە يۇقىرىقى ماقالىدىن شۇ نەرسە ئايدىڭلاشتىكى، ھېيىتنىڭ يېڭى كىيىپ، ياخشى يىگەنلەرنىڭ ئەمەس، ئاللاھقا بولغان تائىتى ئاشقانلارنىڭ، كېيىم ـ كېچەكلەر بىلەن بىزەلگەنلەرنىڭ ئەمەس، گۇناھى مەغپىرەت قىلىنغانلارنىڭ ئىكەن. ھېيىت كېچىسى مەغپىرەتنىڭ ئىشىكلىرى ئوچۇق بولىدۇ، بۇنىڭدىن پايدىلانغانلار ئۈچۈن ھېيىت ھېيىتتۇر، بولمىسا....ئاللاھ ھەممىمىزنى ئۆز تائىتىگە مۇيەسسەر قىلسۇن.
مەنبە: IslamHouse تور بېكىتى
مەزكۇر تېمىنىڭ ئىگىلىك (چۈشەندۈرۈش) ھوقۇقى ئەسلى مەنبەسىدىكى يوللىغۇچى ۋە شۇ توربېكەتكە مەنسۇپ. بۇ يەرگە كىرسىڭىز تېخىمۇ مول مەزمۇندىن بەھرىمەن بولىسىز.

مەرھەمەت

تەۋسىيە قىلسىڭىز ئەسلى مەنبەسى ۋە يادىمدانى ئۇنتۇپ قالماڭ   www.yadimda.com

(چۇقۇم كۈرۈڭ) قۇربانلىق قوينىڭ تېرىسىنى

ئەسسالام ھۆرمەتلىك مۇنبەر ئەھلى،
مانا  مۇسۇلمانلارنىڭ  ئۇلۇغ  قۇربان  ھېيتىمۇ  يېقىنلىشىپ قالدى، شۇ مۇناسىۋېت بىلەن سىلەردىن سۇرايدىغان بىر مەسلىھەت ھەم بىر تەكلىپ بار ئىدى .
1_قۇربانلىق قوينى بوغۇزلايدىغان ۋاقىتتا قايسى ئايەتنى ئوقۇيمىز؟
2_ قۇربانلىق قوينىڭ تېرىسىنى ساتساق بولمايدىكەن  ئەمما  ئۆزىمىز  پايدىلانساق  بولىدىكەن ،لېكىن تېرىنى ساتساق بولمايدىكەن دەپ تاشلاپ قويساق تېخى ئىسراپ بولغىدەك ، بۇنى سېتىپ  پۇلىنى ئۆزىمىزنىڭ ئۇرۇق-تۇققانلىرى ئىچىدىكى كىرىم مەنبەسى يوق تۇل ئاياللارنىڭ نارسىدە باللىرى غا بەرسەكمۇ  دۇرۇس بۇلارمۇ؟
ئەمدىكى تەكلىۋىم بولسا : ئەگەر   قۇربانلىقنىڭ تېرىسىنى  يۇقارقىدەك نارسىدىلەرگە بېرىشمۇ دۇرۇس بولمىسا  تېرىنى سېتىپ شۇ پۇلنى يېغىش قىلىپ بىر  پوند قۇرساق بۇنىڭغا  مۇناسىپ بىرسى باش بولسا، كېيىن مۇشۇ پوند ئارقىلىق يوقسۇزلۇقتىن داۋالىنىش ئمكانىيىتى يوق، ئوقۇشسىز قالغان  ...... قېرىنداشلىرىمىزغا مەلۇم نىسبەتتە ياردەم قىلساق دىگەن تەكلىۋىم بار. بولسا بۇنى باشقا مۇنبەرلەردىمۇ تەشۋىقاتنى كۈچەيتىپ  ئۇلارنىڭمۇ قوللىشىنى قولغا كەلتۇرسەك .
ئاخىرىدا ھەممىڭلارنىڭ ئۇلۇغ قۇربان ھېيتنى خۇشال-خۇرام ئۆتكۈزۈشۈڭلارغا تىلەكداشمەن.
مەزكۇر تېمىنىڭ ئىگىلىك (چۈشەندۈرۈش) ھوقۇقى ئەسلى مەنبەسىدىكى يوللىغۇچى ۋە شۇ توربېكەتكە مەنسۇپ. بۇ يەرگە كىرسىڭىز تېخىمۇ مول مەزمۇندىن بەھرىمەن بولىسىز.

مەرھەمەت

تەۋسىيە قىلسىڭىز ئەسلى مەنبەسى ۋە يادىمدانى ئۇنتۇپ قالماڭ   www.yadimda.com
قۇربان ھېيىت نامىزى توغرىسىدا

    ئەسسالامۇئەلەيكۇم  قېرىنداشلىرىم ، كەڭ مۇسۇلمان قېرىنداشلارنىڭ ئەزىز بايرىمى قۇربان ھېيىت  يىتىپ كىلىش ئالدىدا تۇرىدۇ ،ئۇشبۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەن بۇ تېمىنى  ئىزدەپ تىپىپ يوللاپ قويدۇم .

  1427- ﻳﯩﻠﻰ ﻗﯘﺭﺑﺎﻥ ﮬﯧﻴﺖ ﺑﺎﻳﺮﯨﻤﻰ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ

      ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﺍﺷﻼﺭ! ﺍﻟﻠﻪ ﺗﻪﺋﺎﻻ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﺑﯩﺮ ﻳﯩﻠﺪﺍ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺑﺎﻳﺮﺍﻡ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﻰ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﻗﻮﻳﯘﭖ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ. ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ ﮬﯩﺠﺮﯨﻴﻪ ﺋﯧﻴﻰ ﮬﯧﺴﺎﯞﯨﺪﺍ 10- ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﻛﯜﻧﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺭﻭﺯﺍ ﮬﯧﻴﺖ ﺑﺎﻳﺮﯨﻤﯩﺪﯗﺭ. ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﺴﺎ 12- ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 10 - ﻛﯜﻧﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻗﯘﺭﺑﺎﻥ ﮬﯧﻴﺖ ﺑﺎﻳﺮﯨﻤﯩﺪﯗﺭ. ﺭﻭﺯﺍ ﮬﯧﻴﺖ ﻧﺎﻣﯩﺰﻯ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﻩ ﺭﺍﻣﯩﺰﺍﻧﻨﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﻟﯩﺮﯨﺪﺍ ﺗﻮﺧﺘﺎﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﯨﻢ. ﺋﯘ ﮬﻪﻗﺘﻪ ﻗﺎﻳﺘﺎ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﺭﺳﻪ ﺩﯦﻴﯩﺸﻨﯩﯔ ﮬﺎﺟﯩﺘﻰ ﻳﻮﻕ. ﺷﯘﯕﺎ ﺑﯘ ﻳﺎﺯﻣﯩﺪﺍ ﻗﯘﺭﺑﺎﻥ ﮬﯧﻴﺖ ﻧﺎﻣﯩﺰﻯ، ﻗﯘﺭﺑﺎﻧﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﯞﻩ ﺑﯘ ﮬﯧﻴﺘﻨﯩﯔ ﮬﯧﻜﻤﯩﺘﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﻩ ﺗﻮﺧﺘﯩﻠﯩﻤﻪﻥ.

                                                          ﻗﯘﺭﺑﺎﻥ ﮬﯧﻴﺖ ﻧﺎﻣﯩﺰﻯ ﺋﻮﻗﯘش

      ھﯧﻴﺘﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﻛﯜﻧﻰ ﻳﻪﻧﻰ ﺯﯗﻟﮭﻪﺟﺠﻪ ﺋﯧﻨﯩﯔ (ﮬﯩﺠﺮﯨﻴﯩﻨﯩﯔ 12- ﺋﯧﻴﻰ) 10- ﻛﯜﻧﻰ ﻛﯜﻥ ﻧﻪﻳﺰﻩ ﺑﯘﻳﻰ ﺋﯚﺭﻟﯩﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﻛﯜﻥ ﻗﺎﻳﺮﯨﻠﮕﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﺭﻟﯩﻘﺘﺎ ﻗﯘﺭﺑﺎﻥ ﮬﯧﻴﺖ ﻧﺎﻣﯩﺰﻯ ﺩﻩﭖ ﻧﯩﻴﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺟﺎﻣﺎﺋﻪﺕ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺭﻩﻛﺌﻪﺕ ﻧﺎﻣﺎﺯ ﺋﻮﻗﯘﻟﯩﺪﯗ.
      ﺑﯘ ﻧﺎﻣﺎﺯ، ﺍﻟﻠﻪ ﺗﻪﺋﺎﻻﻧﯩﯔ: «ﺑﯩﺰ ﺳﺎﯕﺎ ﻛﯚﭖ ﻳﺎﺧﺸﯩﻠﯩﻖ ﺋﺎﺗﺎ ﻗﯩﻠﺪﯗﻕ، ﺋﯘﻧﺪﺍﻗﺘﺎ ﺭﻩﺑﺒﯩﯔ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻧﺎﻣﺎﺯ ﺋﻮﻗﯘ ﯞﻩ ﻗﯘﺭﺑﺎﻧﻠﯩﻖ ﻗﯩﻞ» . ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﻳﯩﺘﯩﮕﻪ ﯞﻩ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﯩﺴﺴﺎﻻﻣﻨﯩﯔ ﺗﻪﺗﺒﯩﻘﺎﺗﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﻗﻮﻳﯘﻟﻐﺎﻥ.

      ﺑﯘ ﻧﺎﻣﺎﺯﻧﯩﯔ ﺋﻮﻗﯘﻟﯘﺵ ﺷﻪﻛﻠﻰ ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﯩﻜﻰ ﻧﺎﻣﺎﺯﻻﺭﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮﺋﺎﺯ ﭘﻪﺭﻗﻠﯩﻖ. ﺷﯘﯕﺎ ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭ ﻧﺎﻣﺎﺯﮔﺎﮬﻘﺎ ﺑﯘﺭﯗﻧﺮﺍﻕ ﺑﯧﺮﯨﭗ، ﺋﯩﻤﺎﻣﻨﯩﯔ ﺗﻪﻟﯩﻤﺎﺗﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺋﯘﺑﺪﺍﻥ ﻗﯘﻻﻕ ﺳﯧﻠﯩﭗ، ﺷﯘ ﺑﯘﻳﯩﭽﻪ ﮬﻪﺭﯨﻜﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﻻﺯﯨﻢ. ﻧﺎﻣﺎﺯﺩﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻗﯘﺭﺑﺎﻧﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﺶ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ، ﺑﯘ ﻧﺎﻣﺎﺯﻧﻰ ﺋﺎﯞﯞﺍﻟﻘﻰ ﯞﺍﻗﺘﯩﺪﺍ ﺋﻮﻗﯘﺵ ﺋﻪﯞﺯﻩﻝ.
      ﺑﯘ ﻧﺎﻣﺎﺯﻏﺎ ﻳﯘﻳﯘﻧﯘﭖ، ﺧﯘﺷﭙﯘﺭﺍﻕ ﻧﻪﺭﺳﻪ ﺋﯩﺴﺘﯧﻤﺎﻝ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﯞﻩ ﺋﻪﯓ ﺋﯘﺑﺪﺍﻥ ﻛﯩﻴﯩﻤﻠﻪﺭﻧﻰ ﻛﯩﻴﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﻳﺎﺧﺸﻰ. ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﯩﺴﺴﯩﻼﻣﻨﯩﯔ ﺑﯘﻻﺭﻏﺎ ﺑﯘﻳﺮﯗﻏﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﯞﻩ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯖﻤﯘ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺭﯨﯟﺍﻳﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. (ﺑﯘ ﮬﻪﻗﺘﯩﻜﻰ ﮬﻪﺩﯨﺴﻨﻰ ﮬﺎﻛﯩﻢ ﯞﻩ ﺷﺎﭘﯩﺌﯩﻲ ﺭﯨﯟﺍﻳﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ.
      ﮬﯧﻴﺖ ﻧﺎﻣﯩﺰﯨﻐﺎ ﺑﺎﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﻮﻟﯩﻤﯩﺰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﺎﻳﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﻮﻟﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺑﺎﺷﻘﺎ - ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻳﻮﻝ ﺑﻮﻟﯩﺸﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ. ﭼﯜﻧﻜﻰ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﯩﺴﺴﺎﻻﻣﻨﯩﯔ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺭﯨﯟﺍﻳﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. (ﺑﯘﺧﺎﺭﻯ.)
        ﭼﻮﯕﻼﺭﻧﯩﯔ ﻗﯘﺭﺑﺎﻥ ﮬﯧﻴﺖ ﻧﺎﻣﯩﺰﯨﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩﺸﺘﯩﻦ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﺭﺳﻪ ﻳﻪﭖ-ﺋﯩﭽﻤﻪﻱ، ﻧﺎﻣﺎﺯﺩﯨﻦ ﻳﯧﻨﯩﭗ، ﻗﯘﺭﺑﺎﻧﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺟﯩﮕﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻳﯧﻴﯩﺸﻰ ﻣﯘﺳﺘﻪﮬﻪﺏ (ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﯩﺶ، ﻗﯩﻠﻤﯩﻐﺎﻧﻼﺭ ﮔﯘﻧﺎﮬﻜﺎﺭ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ). ﺑﯘ ﮬﻪﻗﺘﻪ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﯩﺴﺴﺎﻻﻣﻨﯩﯔ ﮬﻪﺩﯨﺴﻠﯩﺮﻯ ﺑﺎﺭ. (ﺗﯩﺮﻣﯩﺰﯨﻲ).
        ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ: ﮬﯧﻴﺖ ﻧﺎﻣﯩﺰﻯ ﺋﻮﻗﯘﭖ ﺑﻮﻟﻐﯘﭼﻪ ﺑﺎﻻﻏﻪﺗﻜﻪ ﻳﻪﺗﻤﯩﮕﻪﻥ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻏﺎ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﺭﺳﻪ ﺑﻪﺭﻣﻪﺳﻠﯩﻚ، ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﻳﻪﭖ-ﺋﯩﭽﯩﺸﺘﯩﻦ ﺗﻮﺳﯘﺷﻨﯩﯔ ﺩﯨﻨﯩﻤﯩﺰﺩﺍ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﺎﺳﺎﺳﻰ ﻳﻮﻕ. ﺑﯘ، ﺗﻮﻟﯩﻤﯘ ﺟﺎﮬﯩﻠﻠﯩﻘﺘﯘﺭ. ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺋﯘﻻﺭ ﺑﺎﻻﻏﻪﺗﻜﻪ ﻳﻪﺗﻜﻪﻧﮕﻪ ﻗﻪﺩﻩﺭ ﭘﻪﺭﺯ ﺋﻪﻣﻪﻟﻠﻪﺭﻧﻰ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﯩﻤﯘ ﺑﯘﻳﺮﯗﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﻗﯘﺭﺑﺎﻥ ﮬﯧﻴﺖ ﻧﺎﻣﯩﺰﯨﺪﯨﻦ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﺭﺳﻪ ﻳﻪﭖ - ﺋﯩﭽﻤﻪﺳﻠﯩﻚ ﻣﯘﺳﺘﻪﮬﻪﺏ ﺋﯩﺶ ﺑﻮﻟﯘ