بۇ تېما جەمئىي 51 قېتىم كۆرۈلدى.
يېڭى تېما يوللاش
بېسىپ چىقىرىش

شىۋىتسىيىلىكنىڭ 10 چوڭ كەشپىياتى

شىۋىتسىيىلىكنىڭ 10 چوڭ كەشپىياتى

http://eynek.blogbus.com

بۇ 10 كەشپىياتنى سىز چوقۇم بىلىسىز، لېكىن ئۇلارنىڭ شىۋىتسىيىلىك (Swedish) ئىجاد قىلغانلىقىنى ئۇقامسىز؟! بۇ پەقەت ئەڭ داڭلىق ھەم ئىنسان تۇرمۇشىغا كۆپرەك تەسىر كۆرسەتكەنلىرى.

1. يۈرەك قوزغاتقۇچ (心脏起搏器): يۈرەك ئاجىز ئادەملەر ئىشلىتىدىغان، يۈرەكنىڭ سەكرىشىگە ياردەم بېرىدىغان ئەسۋاب. 1958 يىلى Rune Elmqvist دىگەن يولداش بۇنى ئىجاد قىلغان، شۇ چاغدا بۇ خىل داۋالاشنى قۇبۇل قىلغان Arne Larsson ئەپەندى 2001 يىلىغىچە ياشىغان.


2. بىخەتەر تاسمىسى: ماشىن ئولتۇرغىنىمىزدا بىخەتەرلىكىمىز ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان تاسما. سانلۇق مەلۇماتقا ئاساسەن، بىخەتەر تاسمىسى ھەر 6 مىنۇتتا بىر ھاياتنى قۇتقۇزماقتا. بۇ Nils Bohlin ئەپەندى 1959 يىلى ئىجاد قىلغان.


3. يەرشارى خارەكتېرلىك ئورۇن بەلگىلەش سېستىمىسى (全球定位系统): ەGPSە مۇ دەپ قويىمىز. بۇنىمۇ بىز دائىم كىنولاردا كۆرىمىز. سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق ئايروپىلان، پاراخۇتلارغا ياردەم بېرىپ، ئۇلارنىڭ جۇغراپىيىلىك ئورنىنى بېكىتىپ بېرىدىغان ئەسۋاب. بۇنى ھازىر بەزى بايلارنىڭ ماشىنلىرىدىمۇ كۆرىمىز. يۇقۇر دەرىجىلىك تېخنىكىغا مەنسۇپ مەھسۇلات. بۇ Håkan Lans ئەپەندىنىڭ ئىجادىيىتى.


4. ئىچىملىك قۇتۇسى: ئىنگلىزچە Tetra Pak، خەنزۇچە 利乐包 دەيمىز. سىز ئادەتتە دۇكانلاردا كۆرگەن سۈت قۇتۇسى، مىۋە شەربەت قۇتۇسى… مۇشۇ شۇ! 1951 يىلى Erik Wallenberg ۋە ئۇنىڭ تەتدىتقاد گۇرۇپپىسى ئىجاد قىلغان.


5. تېلفون تۇرۇپكىسى: Lars Magnus Ericsson ئەپەندى 1885 يىلى ئىجاد قىلغان. شۇنىڭدىن كېيىن تېلفون ئىشلىتىش جىق ئەپلىك بولۇپ كەتكەن.


6. نېپىز كومپىيوتېر ئېكرانى (平板显示器): ە Sven Torbjörn Lagervall ئەپەندى 1979 سۇيۇق كىرىستالنى بايقىغان، ئۇنىڭدىن كېيىن 1994 يىلى نېپىز ئېكران تەتقىتقادى باشلىغان.


7. ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنى (超声波): ە 1950 يىلى Hellmuth Hertz ئەپەندى بۇ خىل تەتقىتقادنى بىرىنچى بولۇپ كېسەل كۆرۈشكە ئىشلەتكەن. ئۇ Inge Edler ئەپەندى بىلەن تەڭ بۇ خىل تېخنىكا ئارقىلىق يۈرەك كېسەلگە دىئاگنوز قويغان.


8. بىخەتەر سەرەڭگە: Gustaf Erik Pasch ئەپەندى 1844 يىلى دۇنيادىكى تۇنجى بىخەتەر سەرەڭگىسىنى ئىجاد قىلغان.


9. پارتلاتقۇچ دورىسى: بۇنى ھەممىمىز بىلىمىز. دۇنياغا داڭلىق Alfred Nobel ئەپەندى 1866 يىلى ئىجاد قىلغان. مۇش ئارقىلىق تاپقان پۇلىدا نوبېل مۇكاپىتىنى قۇرغان.


10. سىرتما: Gideon Sundbäck ئەپەندى 1913 يىلى ئىجاد قىلغان. بۇنى ھازىرغىچىلىك ئىشلىتىۋاتىمىز.


يۇقۇرقى ئىجادىيەتلەردىن باشقا يەنە جىق كەشپىياتلار بار ئىدى، بەك ئېسىمدە قالماپتۇ، مەسىلەن ھازىرقى زامان ئاياللار ئىشلىتىدىغان بىر قېتىملىق ھەيز قەغىزى… دىگەندەك.
مەزكۇر تېمىنىڭ ئىگىلىك (چۈشەندۈرۈش) ھوقۇقى ئەسلى مەنبەسىدىكى يوللىغۇچى ۋە شۇ توربېكەتكە مەنسۇپ. بۇ يەرگە كىرسىڭىز تېخىمۇ مول مەزمۇندىن بەھرىمەن بولىسىز.

مەرھەمەت

تەۋسىيە قىلسىڭىز ئەسلى مەنبەسى ۋە يادىمدانى ئۇنتۇپ قالماڭ   www.yadimda.com
يېڭى تېما يوللاش