بۇ تېما جەمئىي 80 قېتىم كۆرۈلدى.
يېڭى تېما يوللاش
بېسىپ چىقىرىش

ئوقۇتقۇچىلىقتىكى زەئپلىشىش ئالامەتلىرى

ئوقۇتقۇچىلىقتىكى زەئپلىشىش ئالامەتلىرى

1. فىزىئولوگىيىلىك زەئىپلىشىش.



ئاساسلىق ئالامەتلىرى1)بەدەن ئېنىرگىيىسىنىڭ خورىشى،ئىزچىل داۋاملاشقان روھسىزلىق،زىيادە ھارغىنلىق ۋە ئاجىزلىق.(2)بەدىنىىڭ كېسەلگە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارى ئاجىزلاپ،زۇكام ياكى باشقا فىزئولىگىيىلىك ئۇششاق كسەللەرگە گىرىپتار بولۇش.(3)فىزئولوگىيىلىك پىسىخولوگىيىلىك ئالامەتلىرى،يەنى ئۇيقۇسىزلىق،باش ئاغرىش،غول ئاغرىش،ئۈچەي ،ئاشقازان بىئارام بولۇش،(4)دورا،ئىسپرىت ۋە باشقا غىدىقلىغۇچى يىمەلىكلەرنى ئىستىمال قىلىشقا ئامراق بولۇپ قېلىش.(5)يىمەك -ئىچمەك ئادىتى ياكى بەدەن ئېغىرلىغى تۇيۇقسىز ئۆزگۈرۈپ كېتىش.

2.روھى زەئىپلىك



ئاساسى ئالامەتلىرى1)ئۆزۈنى باھالاش تۇيغۇسى ۋەئۆزلۈك ئۈنۈم تۇيغۇسى ئاجىزلاپ كېتىش،ھەمىشە ئۈزىدىن گۇمانسىراش،غۇرۇرى سۇسلاش،شۈمشىيىۋېلىش،ئۈزىنى ئىقتىدارسىز  كارغا كەلمەيدىغاندەك ھېس قىلىپ دائىم قورقۇنۇچ ئىچىدە يۈرۈش.(2)مەنىسىزلىك كۈچۈيۈش،ئۆزۇنى قۇرۇغداپ كەتكەندەك،بىلگەنلىرىنىڭ ھەممىسى كونىراپ كەتكەندەك،باشقىلارغا  ھېچنىمە بېرەلمەيدىغاندەك ھېس قىلىپ ،ئۈزىنى يارىماس ھېس قىلىپ ھەممە نەرسىلەرگە ئۈمۈتسىز قاراش.(3)خىزمەتتىكى قىزغىنلىقى سۇسلاپ،پاسسىپلىشىش،غايە،مۇددىئا بولماسلىق،ھەممىدىن نارازى بولۇپ،مۇھىتقا پاسسىپ ماسلىشىش.



3.كەيپىياتتىكى زەئىپلىك



ئاساسلىق ئالامىتى3)سەپرا،تېرىككەك،ئەسەبى بولۇش(2)باشقىلارغا بىپەرۋا مۇئامىلە قىلىش،باشقارنى ھەمىشە ئەيىپلەش(ئوقۇغۇچىلارنى ئوڭشىغىلى بولمايدۇ دەپ قاراش)ئۆزىنىڭ مەغلۇبىيىتى ياكى سەۋەنلىكنى ئاقلاش،ئاچچىغىنى مۇناسىۋەتسىز كىشىلەردىن چىقىرىش.(3)بىپەرۋا ،خامۇش بولۇپ قېلىش.(4)ئۇزاققىچە خاپىغان ،چۈشكۈن يۈرۈش،غەمكىن غېرىپ ھېس قىلىش،ھەتتا ئېغىر روھى كېسەلگە گىرىپتار بولۇش



4.ئادىمىلىكتىكى زەئىپلىك



ئاساسى ئالامەتلىرى: (1)ئائىلىسىدىكىلەر،خىزمەتداشلىرى،ياكى ئوقۇغۇچىلىرىغا پاسسىپ،خامۇش ۋە بىپەرۋا مۇئامىلە قىلىش، (2)باشقىلارغا ئىشەنمەسلىك،ھېسداشلىق قىلماسلىق،باشقىلارنى مەسخىرە قىلىش،      (3)باشقىلاردىن يىراقلىشىش،يەنى ئائىلە ئەزالىرى،ئوقۇغۇچىلىرىدىن يىراقلىشىش،كىشىلىك مۇناسىۋەتتە باشقىلار بىلەن سۈركىلىشى كۆپۈيۈش،ئەھۋال يامانلاشسا ئوقۇغۇچىلىرى ياكى بالىلرىنى ئۇرۇش تىللاش        (4)ئۆزۈىنى مېيىپ قىلىۋېلىش،،خازانلىق ئۇچىغا چىققاندا ئۆزۈنى ئۆلتۈرىۋېلىش.



مەنبە:«شىنجاڭ مائارىپ گېزىتى»
مەزكۇر تېمىنىڭ ئىگىلىك (چۈشەندۈرۈش) ھوقۇقى ئەسلى مەنبەسىدىكى يوللىغۇچى ۋە شۇ توربېكەتكە مەنسۇپ. بۇ يەرگە كىرسىڭىز تېخىمۇ مول مەزمۇندىن بەھرىمەن بولىسىز.

مەرھەمەت

TOP

نەزىرىڭىزدىكى قىممەتلىك يازمىلارنى يادىمدادا تەۋسىيە قىلىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز
يېڭى تېما يوللاش