بۇ تېما جەمئىي 93 قېتىم كۆرۈلدى.
يېڭى تېما يوللاش
بېسىپ چىقىرىش

«دوكتورئاشتى»دېگەن ئاتالغۇنى قوللانمايلى

«دوكتورئاشتى»دېگەن ئاتالغۇنى قوللانمايلى

يوللىغۇچى:  Tavlan   كۆرۈلىشى:  66   يوللىغان ۋاقىت:  2008/11/11 19:13  
ھازىر بەزى گېزىت-ژۇرناللىرىمىز ،كىتاب-ماتىرياللىرىمىز ،رادىئو-تېلىۋىزىيە پروگىراممىلىرىمىزدا«دوكتورئاشتى»دەپ قوللىنىلىۋاتقان
«پوستدوكتور» دېگەن ئاتالغۇنىڭ ئامېرىكىدا پەيدا بولغانلىقىغا 132يىل بولغان بولسىمۇ، پوستدوكتورلۇق تۈزۈمىنىڭ جۇڭگودا يولغا قويۇلغانلىقىغا ئاران 23يىل بولدى.دېمەك،بۇ تۈزۈم،مەملىكىتىمىز ئۈزۈن ئېيتقاندا يېڭى ئىش.شۇڭا «پوستدوكتور »دېگەن ئاتالغۇ «ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى» قاتارلىق ئىلگىرى نەشر قىلىنغان لۇغەتلەرگە كىرگۈزۈلمىگەن.
«پوستدوكتور»دېگەن ئاتالغۇ خەنزۇچىدا«博士后»دەپ ئاتىلىدۇ.بۇ ئاتالغۇ ئۇيغۇرچىدا 1992-يىل10-ئايدا «ئالىي دوكتور» دەپ بېكىتىلگەن.بۇ ئاتالغۇ بىر مەزگىل قوللىنىلغاندىن كېيىن ،«دوكتور»دېگەن ئەلمەي ئۇنۋاننىڭ ئالىي،ئوتتۇرا،تۆۋەن دەرىجىدىكى بولمايدىغانلىقى كۆزدە تۇتۇلۇپ ،1993-يىلى«دوكتورئاشتى» دەپ بېكىتىلگەن .«دوكتورئاشتى»دېگەن ئاتالغۇدىن بۇنىڭ دوكتورلۇق ئىلمىي ئۇنۋانىدىن يۇقىرى تۇرىدىغان ئىلمىي ئۇنۋان مەنىسىنى بېرىدىغانلىقى«مانا مەن»دەپلا كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ.شۇنىڭ بىلەن بۇ ئاتالغۇنىڭمۇ مۇۋاپىق قويۇلمىغانلىقى ھېس قىلىنغان.ش ئۇ ئا ر مىللەتلەر تىل-يېزىق خىزمىتى كومىتىتى ۋە ش ئۇ ئا ر مىللەتلەر تىلىدىكى ئاتالغۇنى قىلىپلاشتۇرۇش-بېكىتىش كومېتىتى 1994-يىل 6-ئايدا ئۇيغۇرچىدا بۇ ئاتالغۇنى ئىنگىلىزچە ئاتىلىشى بويىچە «پوستدوكتور »دەپ قوللىنىشنى بېكىتكەن.دېمەك،«دوكتورئاشتى» دېگەن بۇ ئاتالغۇنىڭ ئىستېمالدىن قالدۇرۇلغىنىغا 14يىل بولدى.
ئەمەلىيەتتە ،پوستدوكتورلۇق دوكتورلۇق ئىلمىي ئۇنۋانىغا ئېرىشكەندىن كېيىنكى بىر مەھەللىك جەرياندىن ئىبارەت،ئۇ ئىلمىي ئۇنۋەن ئەمەس،كەسپىي ئۇنۋانمۇ ئەمەس،بەلكى بىر مەزگىللىك تەتقىقات خىزمىتى ھېسابلىنىدۇ.دوكتورلۇق ئىلمىي ئۇنۋانىغا ئېرىشىش بولسا ،پوستدوكتورلۇققا ئېرىشىشىنىڭ زۆرۈر شەرتى ھېسابلىنىدۇ. ئىلمىي ئۇنۋاننىڭ ئەڭ يۇقىرى دەرىجىسى دوكتورلۇق ئىلمىي ئۇنۋانى بولىدۇ.ئۇنىڭدىن يۇقىرى ئىلمىي ئۇنۋان بولمايدۇ.شۇڭا،«دوكتورئاشتى»دېگەن ئاتالغۇنى قوللانماسلىق لازىم.
بۇنىڭدىن سىرت،«دوكتور يېتەكچىسى»،«ماگىستىر يېتەكچىسى»دېگەن ئاتالغۇمۇ مۇۋەپىق قويۇلمىغان.بۇنىڭ سەۋەبى:ئالاقىدار ئادەم دوكتورلۇق ياكى ماگىستىرلىق ئىلمىي ئۇنۋانىنى ئېلىپ بولغانلارنىڭ يېتەكچىسى ئەمەس، بەلكى،بۇ ئىلمىي ئۇنۋانلارنى ئەمدى ئالىدىغانلارنىڭ يېتەكچىسى،يەنى ئۇ دوكتورلۇق ياكى ماگىستىرلىق ئىلمىي ئۇنۋانىنى ئېلىش ئۈچۈن بىلىم ئاشۇرۋاتقان ئاسپىرانتلارنىڭ يېتەكچىسى بولۇپ،«دوكتورلۇق ياكى ماگىستىرلىق ئىلمىي ئۇنۋانى ئالىدىغان ئاسپىرانتلارنىڭ يېتەكچىسى»دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.شۇڭا بۇ ئىككى ئاتالغۇنى «دوكتور ئاسپىرانت يېتەكچىسى»،«ماگىستىر ئاسپىرانت يېتەكچىسى»دېگەن مۇۋاپىق.
يۇقارقى يازما «ئەدەبىي تەرجىمىلەر»ژۇرنىلى 2008-يىللىق 10-سانىغا بېسىلغان غوجائەخمەت يۇنۇسنىڭ «دوكتورئاشتى»دېگەن ئاتالغۇنى قوللانمايلى دېگەن ئەسىرىدىن ئېلىندى.
بۇ يەردە يەنە بىر گەپنى قوشۇپ قويغۇم كىلىۋاتىدۇ،ئۆتكەندە قايسى بىر ژۇرنالدىن «ئىنتېرنىت تورى ئەمەس، ئىنتېر تورى دەيلى»دىگەن ئەسەرنىمۇ كۆرگىنىم يادىمدا. لىكىن ھازىرقى گېزىت-ژۇرناللارغا قارىسام يەنىلا «ئىنتېرنىت تورى» دەپ ئىلىنىۋېرۋاتىدۇ. بۇنىمۇ ئويلىشىپ باقامدۇق قانداق؟
ئاخىرىدا دەيدىغىنىم:ئانا تىلىمىزنىڭ ساپلىقى ۋە توغرىلىقىنى قوغداشتا ھەممىمىزنىڭ مەسئۇلىيىتى بار.  

مەزكۇر تېمىنىڭ ئىگىلىك (چۈشەندۈرۈش) ھوقۇقى ئەسلى مەنبەسىدىكى يوللىغۇچى ۋە شۇ توربېكەتكە مەنسۇپ. بۇ يەرگە كىرسىڭىز تېخىمۇ مول مەزمۇندىن بەھرىمەن بولىسىز.

مەرھەمەت

TOP

نەزىرىڭىزدىكى قىممەتلىك يازمىلارنى يادىمدادا تەۋسىيە قىلىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز
يېڭى تېما يوللاش