<sirdax621>ئۇزۇن يوللۇق سەپەردىكى تەسىرات - [چەتئەل تەسىراتلىرى]2008-10-22
سىزنىڭ يازغان تەسىراتىڭىزنى ئوقۇپ ، مىنىڭمۇ دەسلەپكى چەت ئەلگە چىققان ۋاقىتلىرىم ئىسىمگە كەلدى .... ۋەتەندىن ، ئۇرۇق -تۇققانلاردىن ئايرىلىپ مۇستەقىل ھالدا ياشىماق بەك تەس گەپ ... لىكىن اللە غا شۈكرى مەن ئاتا- ئانام بىلەن بىللە تۇرىمەن .
ۋەتەندىن ئايرىغاندىكى تەسىراتىمنى تىل بىلەن ئىپادىلەپ بىرەلمەيمەن ، ئايرۇپىلان ئىستانىسىدىكى ئۇزىتىش زالى بىزنىڭ تۇققانلار بىلەن لىق تولغان بولۇپ تەرەپ تەرەپتىن ، تۇققانلار قۇللىرىمنى تارتىشىپ :<< بالام ياخشى ئوقۇ جۇمۇ >> << سىڭلىم ، سەن بەك ئاغرىقچان ... ئۆزەڭنى كۆپ ئاسرا >. <اللاغا تاپشۇردۇم بالام، يولدا دىققەت قىلغىن > دەپ ماڭا ھەم ئۆيدىكىلەرگە ئەڭ ئىزگۈ تىلەكلەر بىلەن ، يىغا -زار بىلەن ئۇزاتقان ئىدى . ئۆز-ئۆزەمگە يىغلىمايمەن دەپ ۋەدە بەرگەن بولساممۇ لىكىن بىلىپ - بىلمەي ياشلىرىم يۈزۈمنى نەمدىگەن ئىدى ...
ئايرۇپىلانغا چىقتىم ئالا -ھەزەل 5-10 تىن كىيىن ئايرۇپىلان كۆتىرىلدى ، مەن دېرىزە تەرەپتە ئولتۇرغان ئىدىم . سىرتقا تۇيماسلىق بىلەن قاراپ كەتتىم . ئايرۇپىلاننىڭ كۆتىرىلىشى بىلەن يۈرىكىم قارت قىلىپلا قالدى ، ئۇخمايمەن نەدىن كەلگەن يىغىكىن ، ئۆزۈمنى تۇتىۋالالماي بەك يىغلاپ كەتتىم . <بايىقى ئۇرۇق -تۇققانلىرىمنى يىغلىغانلىىرى ، ئوماق ئېنى -سىڭللىرىمنىڭ پاچاقلىرىمغا يامىشىپ ئەركىلشلىرى ، ئاتا- ئانامنىڭ ئۆز ئاتا -ئانىلىرىغا قىيالماسلىق بىلەن ئايرىلىشىلىرى ، ساۋاقداشلىرىم ، دوست يارەنلەر كۆز ئالدىمغا كىلىۋىلىپ ، بەكلا يىغلاپ كەتتىم ....
دىرىزىدىن پەسكە قارىدىم ، ئۈرۈمچى شەھرى ئاللىقاچان بۇلۇتلار ئاستىدا قالغان ئىكەن . < خەير ، تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ئانا ۋەتىنىم ، > دىگىنىم ھىلى ھەم ئىسىمدە تۇرۇپتۇ ..........
شۇنداق قىلىپ خەنزۇلار يۇرتى بىيجىڭغا كەلدۇق . بۇ يەردا بىر كىچە تۇرۇپ ماڭدۇق .
ئايرۇپىلاندىكى تالاي تالاي تەكشۈرۈشتىن كىيىن ساق -سالامەت جوڭگۈ چىگرىسىدىن ئۆتۈپ كەتتۇق . بۇ قېتىم يىغلىمىدىم . ئەمما يۈرىكىم دائىم يىغلاقلىق ئىدى ، ھاياجانلىنىش ئىلكىدە چەت ئەلنى خىيال قىلدىم ، ئۆز -ئۆزۈمگە :< مەن راستىنلا چەتكە مىڭىۋاتامدىم ، مەن راستىنلا ئايرۇپىلانغا چىقتىممۇ ، توۋا ، توۋا ، ئوڭۇممۇ ، چۇشۇممۇ .،>.دەپ كەتتىم .كاناداغا قاچان بارامىز ....... ئۇ قانداق يەردۇ ، دىگەن ئايىقى چىقماس خىيال بىلەن ئۇخلاپ قاپتىمەن . كۆزۈمنى ئاچسام تىخىچە جاھان يورۇق ئىدى ، بىر ئازدىن كىيىن بىر قىسىم كىشىلەر دىرىزىنى ياپقۇچىنى چۈشۈرۋەتتى ، مىنىڭ ئوچۇق ئىدى ، كۈتكۈچى كىلىپ مىنىڭمۇ ئۇنى چۈشۈرۋىتىشىمنى دىدى <يورۇق تۇرسا نىمىشقا چۇشۇرۋىتىمەنكى >دىدىم ئىچىمدە ،
شەيتىنىم تۇتۇپ ياپقۇچنى بىراق چۇشۇرمەي ، قۇلۇمدا تۇتىۋالدىم .... كۇن بارا -بارا يوقاپ ، گۇگۇم بولۇشقا باشلىدى ... ئەمدى بىراقلا قاپقاراڭغۇ بوپ كەتكەن ئىدى .
كۈن بىلەن تۈننىڭ بىر نەچچە مىنۇ تئىچىدىلا يۇتكىلىشى ئادەمگە ئاجايىپ غەيرى تۇيغۇ بىرەتتى .... ،< ھە ، سۇبھى -گۇگۇم سىزىقىغا > كەپتۇقتە .... مەنزىلىمىزگە يەنە باركەن ئەمىسە ، دەپ ، كۆزۈمنى يۇمۇپ يەنە بايقى ئايىقى چىقماس خىيالمنى داۋاملاشتۇرۇپ يەنە ئۇخلاپ قاپتىمەن .... ئاپامنىڭ ئۇيغىتىشى بىلەن قۇپتۇم ، .. <كەلدۇقما ؟> ... < ياق ، تىخى ، تاماق ۋاقتى بولدى .. >
قاراڭغۇدا خىلى ئۇزاق ماڭدۇق ، بىردىنلا كاللامغا كىنولاردىكى ئايرۇپىلان ۋەقەسى كىلىپ قالدى ھەم شۇ ھامانلا .. <اللە ئىگەم ئۆزەڭ بار ، چەت ئەلنى كۆرۈشكە نىسىپ قىلغايسەن ، دەپ > سۈرە -ئايەتلەرنىڭ ئوقۇپ ، سۈھلەپ قۇللۇمنى يۇيۇپ تاماق يىيىشكە تەرەددۇت قىلدىم ..
تاماق يەپ ، قۇيۇپ بەرگەن كڭنوسى كۆرۈپ ئولتۇردۇق ، دىرىزىنى ئىچىپ باققۇم كەلدى ، ئاستاغىنە ئاچسام تاڭ سۈزىلىۋىتىپتۇ ، بىراقلا ئىچىۋەتكۈم بولسىمۇ ، ئۇخلاۋاتقان باشقا ئادەملەرگە دەخلى بوپ قالمىسۇن دەپ يەنە چۇشۇرۇپ قۇيدۇم ...
ئاپام بىلەن پاراڭلىشىپ ئولتۇرغان ئىدىم ، بىرى دۇمبەمگە ئاستا ئۇردى ،كەينىمگە قاردىم ، بىر قارا تەنلىك ياش بالا ئىكەن ، دورداي كالپۇك ، يوغان بۇرۇن ، قاش -كۆزىىمۇ قاپقارا بۇ بالا < سىلەر ئىسپانمۇ ؟ مىنىڭ بەك ئىسپان تىلى ئۆگەنگىم بار ئىدى > دىدى كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ ،
- ياق ، بىز ئىسپانلىق ئەمەس ، بىز جوڭگولۇق دىدىم توڭلا .
تۇرۇپ ئويلىنىپ قالدىم دە ، بىردىنلا گىپىممنى ياندۇۋالدىم ،
كەينىمگە قارىسام ئۇنىڭ چىرايىدا ، بىرخىل ھەيرانلىق ئالامەتلرى بار ئىدى .
-كەچۈرۈڭ ، ۋەتەندىن يىڭى ئايرىلغاچقا ، كۆڭلۈم يىرىم ، مەن جوڭگۇدىن لىكىن مەن خەنزۇ ئەمەس ، مەن ئۇيغۇرمەن ، مۇسۇلمانمەن . دىدىم . قارا تەنلىك ئادەممۇ ھەيرانلىقىنى يۇشۇرالماي :
- مەن بىلەتتىم ، سىنىڭ خەنزۇ ئەمەسلىكىڭنى ، سەن بۇلارغا ئوخشىمايدىكەنسەن دىدى ، يىنىدىكى ئۇخلاۋاتقان شۆلگىيى ئېىقىپ قالغان ئوقۇغۇچى قىزنى كۆرسىتىپ .
-ھە شۇنداق ، مەن ھەرگىزمۇ ئوخشىمايمەن ....
-قايسى مىلەتتىن دىدىڭ .
-ئۇيغۇر .
-ئۇردۇ .
-ئۇيــــــــــــــــــــــــــــــغــــــــــــــــــــــــــۇر . دىدىم ئالدىرماي تەلەپپۇز قىلىپ .
-ئۇي-گۇر دىدى ئۇمۇ ، غ ھەرىپىنى تەلەپپۇز قىلالمىدى . ئاندىن سىلەر قانداق مىللەت دەپ سورىدى .
بۇ سۇئالدىن گۈل قەقەلىرىم ئىچىلىپ كەتتى ،
شۇنچىلىك ھەۋەس بىلەن چۈشەندۇردىمكى خۇددى ئۆزەم داڭلىق تارىخچىدەك ھىس قلدىم ، ئانچە دىيەلمەي قالغان گىپىم بولسا بىۋاستىلا دادامدىن سوراپ ، ئۇنىڭغا ئۆز مىللىتىم تارىخنى دەپ بىرەلىدىم . ئەمما ئۇ ۋاقىتتىكى ۋەتەن ھەققىدىكى بىلىمىم ھازىرقىدەك ئەمەس ئىدى ، ئەگەر شۇ چاغدا ، ھازىر بىلگەنچىلىك بىلگەن بولسام چۇقۇم ھەممە گەپنى ئىنىقلا دەيتتىمدە ...........
شۇنداق قىلىپ ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشىپ ۋەتەن ، مىللەت ھەققىدە پاراڭلىشىپ مىڭىپ ئۇزۇننى يولنى ئازراق بولسىمۇ قىسقارتتىم .
ئۇ ئەسلى ئامرىكىلىق ئىكىسپىديىچى بولۇپ ، شىئەنگە بىر يىللىق تەكشۈرۈشكە بارغان ئىكەن ، ئەمما بىر يىل جەريانىدا ئۇيغۇر باللىرى بىلەن گەپ قىلىشپ باقماپتىكەن ، ئۇ شۇنداق دەپ ئۆزىنىڭ بىزنىڭ ۋەتەنگىمۇ بىرىپ بىقىش ئستىكى بارلىقى دىدى . ئۇنىڭغا قاراپ ئولتۇرۇپ بۇينۇم ئاغرىپ كىتىپ ، ئۇنىڭ بىلەن تونۇشقانلىقىمغا خۇش بولۇپ ئالدىمغا قاراپ ئولتۇردۇم . ئىست شۇ چاغلاردا ئىلكتۇرۇنلىق خەت يوللانمىسىنى ئىشلەتكەن بولسەم ئۇنىڭغا دەپ بەرگەن بولسام ، ئۇيغۇر ھەققىدە تىخىمۇ ياخشى چوڭقۇر چۇشەنچە بىرەلىگەن بولاتتىم .
شۇنداق قىلىپ ئاخىرى ۋانكوۋىر شەھرىگە كەلدۇق .
ئايرۇپىلاندىن سىرتقا قاراپ ، مەنزىرىلىەرنى كۆرۈپ ، ھاياجانلىنىپ كەتتۇق ، راستىمنى دىسەم ئۇيغۇر تىلىدىكى ئىملىق سۆزلەر قالمىدى بىز دىمىگەن . ئايرۇپىلاندىن چۇشۇپ ، كۆچمەنلەر ئىشخانىسىخا كىردۇق ، خېلى ئۇزاق ئۆچىرەت ساقلاپ بىزمۇ ئىشىمنى ھەل قىلىپ ، تورونتوغا قاراپ ماڭدۇق . تورونتوغا ماڭىدىغان ئايرۇپىلاندىكى بىرپەرق ، سىرىق چاچ ، ئاق تەنلىكلەر كۆپ ئىدى ، ئاندا مۇندا قارا تەنلىق ، ئاندىن ئاسىيالىقتىن بىزنى قۇشۇپ 10 ى بار ئىدى ، ئۇلارنى كۆرۈپ ئۆزەمنىڭ چەتئەلگە كەلگەنلىكىمگە ئىشەندىم .
تورونتوغا قانچە سائەتتە بارغانلىقىم ئىسىمدە يوق ، بەك چارچاپ كەتكەچكىمۇ ئۇخلاپ قاپتىمەن ، كۆزۈمنى ئاچسام تورونتۇغا كەپتۇق ، يۈك -تاقىنىڭ جىقلىقى ، يولنىڭ ئۇزاقلىقنى بىزنى بەكلا چارچىتىپ قۇيغان ئىدى ،
ئالدىمىزغا دادامنىڭ ئاغىنىسى بىلەن بىر بالا چىقىپتۇ ، ھە- ھو دىيىشىپ يۇرۇپ يۈك -تاقىلارنى ماشىنىغا بىسىپ ئۆيگە قاراپ يول ئالدۇق
مەزكۇر تېمىنىڭ ئىگىلىك (چۈشەندۈرۈش) ھوقۇقى ئەسلى مەنبەسىدىكى يوللىغۇچى ۋە شۇ توربېكەتكە مەنسۇپ. بۇ يەرگە كىرسىڭىز تېخىمۇ مول مەزمۇندىن بەھرىمەن بولىسىز.مەرھەمەت