<sirdax621> - [چەتئەل تەسىراتلىرى]2008-10-22
ئالدىنىقى تىمامدا ئاساسەن سەپەردىكى تەسىراتىم بولغان بولسا تۆۋەندىكىسى ، مىنىڭ كاناداغا كەلگەندىن كېيىنكى ، مەكتەپ ، خىزمەت تېپىش ھەم بۇ يەردىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا دوستلار بىلەن تونۇشۇش ھەم شۇنداقلا ھىيت-بايراملىق كۆڭۈل ئىچىش پائالىيەتلىرىدىن ئالغان تەسىراتىم ...
گەپنى يەنىلا مەن كەلگەن كۈندىن باشلاي ؛
شۇنداق قىلىپ ، مەن كۈتكەن مىنۇتلار ئاخىرى يىتىپ كەلدى ، تورونتوغىمۇ كەلدىم . بىز كەلگەن چاغدا كىچە سائەت 2 بوپتىكەن ، ئەتراپ چىراق نۇرىدا شۇنچە گۈزەل بوپ كەتكەن ئىدى ، بىز دۆڭلۈكتن چۈشكەندە ھەقىقىي تورونتونىڭ كىچە مەنزىرىسىنى كۆرگىلى بولاتتى ، كەڭ كەتكەن ئاسفالىت يوللاردا ماشىنىلار تىز سۈرئەتتە ماڭىدىكەن . (ئەسلىدە ، ئۇ تېز سۈرئەتلىك يول ئىكەن )
يان تەرەپتىكى كىلىۋاتقان ماشىنىلارنىڭ سىرىق چىراقلىرى بىلەن ئالدىمىزدىكى كېتىپ بارغان ماشىنىلارنىڭ قىزىل چىرىقى كىچە مەنزىرىسىگە باشقىچە ھۆسىن قوشقان بولۇپ ، راسلا ئۆزەمنى باشقىچە ھىس قىلىپ قالغان ئىدىم .
ئۇلارنىڭ ئۆيىگىمۇ كەلدۇق ، يۈك-تاقىلارنى ئاران يۆتكەپ ئەكىرىپ بولدۇق ، مىھراي ھەدەم بىزگە ئۇخشىتىپ ھاردۇق ئىشى ئىتىپ بىزنى ساقلاپ تۇرۇپتىكەن ، ئۇلار بىلەن قىزغىن كۆرۈشۈپ ،تامىقىمىزنى يەپ ئۇخلاپ قالدۇق . ئەتىسى قۇپسام مەندىن كىچىكرەك قىزى بىلەن سىڭللىرىم بىلەن تەڭ دىمەتلىك ئوغلى مەكتەپكە بىرىشنىو تەييارلىقىنى قىلىپ تۇرۇپتىكەن ، قىزى بىلەن قۇچاقلىشىپ كۆرۈشتۇق ، مەن ئۇ قىزنى كىچىك ۋاقتىدا كۆرگەن ئىدىم ، ئۇلار مەكتەپكە كەتتى ، بىز ئۆيدە چاي ئىچىپ قالدۇق ، دادام بىلەن ئاغىنىسى بانكا ئىشلىرىنى بىجىرگىلى كەتتى . بىز ۋەتەندىن ئىلىپ كەلگەن نان ، تاتلىق -تۈرۈملەر بىلە ئەتتىگەنلىك چاينى مەززە قىلىپ ئىچىپ كەتتۇق .ئاپام بىلەن مىراي ھەدەم ئۆيدە پاراڭلىشىپ قالدى ، مەن سىڭىللىرىمنى ئىلىپ سرتىقا چىقتىم .
ئەتىيازنىڭ ساپ ھاۋاسى يۈزۈمگە ئۇرۇلدى .
نەگە بىرىشىمىزنى بىلمەي ، مەھەللە ئىچىدە ئۇ ياقتىن بۇ ياققا ماڭدۇق . تۇنجى قىتىم تىيىننى كۆردۈم ، ئۇلار بىزدىنمۇ قورقماي ئالدىمىزدا يۈگرەپ يۈرىدىكەن .
مەھەللە كەينىدە باللار ئوينايدىغان يەر باركەن ، سىڭىللىرىم ئىلەڭگۈچ ئوينىدى . مەن ئورۇندۇقتا ئۇلارنىڭ ئوينىشىغا قاراپ ئولتۇردۇم . خىيالىم ئاللابۇرۇن ۋەتەنگە پەرۋاز قىلىپ كەتكەن ئىدى . بىر ھەپتىگىچە ئۇيقۇمىزنى ئالماشتۇرۇپ ، بىجىرىدىغان ئىشلارنى بىجىرىپ دىگۈدەك ئۆتۈپ كەتتى .
ئاخىرى ئۆزىمىزگە لايىق ئۆي ئىجارىگەئ ىلىپ ، بىزگە ياردەم قۇلىنى بەرگەن مىھراي ھەدەملەرگە رەھمەت ئىيتىپ ، ئۆز ئۆيىمىزگە كىلىپ ئورۇنلاشتۇق .
تورونتوغا كەلگەندىن بىرى تۈزۈكرەك تالا تۈزگە چىقماي ئۆيدىلا ئولتۇرغان ئىدۇق ، چۈنكى ھەممە ئادەم خىزمەت ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش ئىدى . دەم ئالغان ۋاقىتلاردا ئاندا مۇندا دادامنىڭ ئاغنلىرى كىلىپ بىزنى mall غا ئاپىرىپ قۇياتتى ، ياكى بولمىسا باغچىلارغا بىرىپ ساياھەت قىلغۇزاتتى .
ئىشقىلىپ مەن مەكتەپكە بارغۇچە ئۆيدە ئۇنى -بۇنى قىلىپ كۈنۈم ئۆتتى .
ئۆيگە كىرگەندىن كىيىن ، بىز ئىلىپ كەلگەن گىلەمدىن باشقا ھىچقانداق ئۆي جاھازلىرى يوق ئىدى ، ھەممنى يىڭىدىن ئىلىشقا توغرا كىلەتتى .
بىر ھەپتىگىچە ، يەردە يوتقان كۆرپىنى قىلىن سىلىپ ياتتۇق . ئۇ كۈنلەردە مەن ھەم سىڭللىرىم كۈندە قاقشايتتۇق ، ۋەتەنگە كىتەيلى ، دەپ يىغلايتتۇق .
ھەپتە ئۆتۈپ داداملار بازاغا چىقىپ يىڭىدىن تلىۋىزۇر ، سافا ، كارۋات ، ئۈستەل ، كومپيوتېر دىگەندەك نەرسىلەرنى ئىلىپ كەپتۇ . بىز قەۋەتلا خۇش بولۇپ كەتكەن ئىدۇق . ئۆيمىزگە ئەمدىلەتىن ئىسكەت كىرگەن ئىدى . شۇنداق قىلىپ ئۆينىمۇ دادام -ئاپام ۋەتەندىكىدەك قىلىپ بەردى . ئائىلىدە ھەممە نەرسىمىز تەق بولدى .
مەكتەپكە كىرىش ئىشلىرىمىزمۇ تەق بولدى ، ھەممە ئىشلار ئالدىرماي ، بىر -بىرلەپ پۈتكىلى تۇردى . اللەغا مىڭ شۈكرى ، كۈن ئۆتكنسىرى بىزمۇ بۇ يەرگە كۆنىشكە باشلىدۇق ، داداممۇ ئۆز ئالدىغا ئىش باشلىۋالدى ، ئاپام تىلنىڭ مۇھىملىقىنى بىلىپ
تىل ئۆگىنىش مەكتىپىدە پۈتۈن كۈنلۈك كۇرۇستا ئۇقىدى . ئىشقىلىپ ھەممەيلەن تۇرمۇشىمىزنى يىڭىدىن باشلىغان ئىدۇق .
مەكتەپ !!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!
مەن كەلگەن چاغدا 17ياشتا ئىدىم ، ۋەتەندىكى چاغدا تولۇق 3-يىللىقنى پۇتتۈرۈش ئىمتىھانىغا تەييارلىق قىلىۋاتقان ۋاقىتلىرىم ئىدى .
بۇ ياققا كەلگەندىن كىيىن تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇشۇم ئىنىقلا ئىدى ، ئۆزەمدىمۇ شۇنىڭغا تەييارلىق بولغاچقا ئىككىلەنمەيلا ئوتتۇرا مەكتەپكە بىرىپ تىزىملاتتتىم . ئۇلار مىنى قىزغىن كۈتىۋالدى .
مەن بىلەن ئايرىم پاراڭلىشىپ مىنىڭ ئىنگىلىزتىلى سەۋىيەمنىڭ نەدىن نەگىچە ئىكىەنلىكىمنى بىلمەكچى بولدى ، بىشىدا سەل جىددىيلەشتىم . دۇدۇقلاپ تۇرۇپ سورىغان سۇئالىغا جاۋاپنى ئاران بىرەلىدىم .
ئۇلار ماڭا بىر پارچە خەت يىزىپ بەردى ھەم مىنىڭ ئىككىنچى قەۋەتتىكى ماتىماتىكا بۆلىمىگە كىرىشىمنى ئىيتتى . رەھمەت ئىيتىپ چىقىپ كەتتىم . ئىككىنچى قەۋەتكە دادام بىلەن بىللە چىقتىم ، شۇ بۆلىمگە كىرىپ قەغەزنى بىر مۇئەلىمگە بەردىم . ئۇمۇئەللىم شۇنداق سىپايە ئىدى . كۈلۈپ تۇرۇپ ، قۇلۇمدىن يىتەكلەپ بىر سىنىپقا ئەكىرىدى . سىنىپتا ھىچكىم يوق ئىدى ، مىنى ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلىپ ، ھازىر كىرىدىغانلىقىنى ئىيتىپ چىقىپ كەتتى . ھەم بىر ئازدىن كىيىن قۇلىدا لىق ماتىريال بىلەن كىردى .
<ۋاي خۇدايىمەي ، يەنە ئىمتىھان ئوخشىمامدۇ ؟؟؟؟>
مىنىڭ ئسمىنى، نەدىن كەلگەنلىكىمنى سوراپ بولغاندىن كىيىن مەندىن ماتىماتىكا سەۋىيەمنى سىناپ باقماقچى ئىكەنلىكىنى دىدى . مىنىڭ تەمتىرمەي جاۋاپ يىزىشىمنى تاپىلىدى . 1-ۋاراق قەغەز پۇتۈنلەي قارا ھىساپ بولۇپ ، مەن ئۇنى بىردەمدىلا ئىشلەپ بولدۇم ، مۇئەللىم سۈرئىتىمنىڭ تىزلىكىنى كۆرۈپ بەكلا ھەيران قالدى . 2-ۋارقنى ساقلا قىلىپ ماڭا 6- ۋارقنى بەردى ، ئۇ تەڭلىمىلەر ئىكەن ئۇنىمۇ كۆزۈمنى يۇمۇپلا ئىشلىۋەتتىم . مۇئەللىم ماڭا گەپمۇ قىلماي كۈلۈپ تۇرۇپ 11-ۋاراقنى بەر ، مەسىلىەركەن ھەم گىئومىتىريە قىسمى بولۇپ .... مەن گىئومىتىريە قىسىمىنى ئىشلىيەلىدىم . لىكىن مەسىلىلەرنى چۈشىنەلمىدىم . چاندىم ...شۇنىڭ بىلەن مۇئەللىم ماڭا
<سىنىڭ ماتىماتىكا ئاساسىڭ ياخشىكەن ، لىكىن كاناداغا يىڭى كەلگەندىن كىيىن ئىنىقلا تىلدىن قىينىلىسەن ، شۇڭا مەن سىنى 10 سىنىپقا ئەكىرىپ قۇياي . تىلىڭ ياخشى بولۇپ كەتسە سىنىپ ئاتلاپ 12سىنىپقا چىقساڭ بولىدۇ دىدى . > <ھە . > دىدىم ئارتۇق گەپمۇ قىلمىدىم . كۆڭلۈم يىرىم يىنىپ چىقتىم .ئۆز كۆڭلۈمدە ھىچبولمىسا 11 غا كىرەلەيمەن دەپ ئىشەنچ بىلەن مەكتەپكە كەلگەن ئىدىم . ئەمما ................
شۇنداق قىلىپ دۇشەنبىدىن باشلاپ مىنىڭ ئوقۇش ھاياتىم باشلاندى .
دەرىسلىك ۋەتەندىكى بىلەن پەرقلەنمەيدىكەن . ئەمما مەكتەپتە يالغۇز بولغاچقا يىگانە يۈرەتتىم . چۈشلۈك دەم ئىلىشتا كۈتۈپخانىدىلا ئىدىم . مەكتەپتىن 3 دە قايتىدىغان بولغاچقا ، مەكتەپتىن قايتىپ ئاندىن تامىقىمنى يەيتىم . راستىمنى دىسەم دەسلەپتە دەرسلەردە ھەقىقەتەن قىينالدىم . بەرگەن تاپشۇرۇقلىرىنى چۈشىنەلمەي ، ئاسان ئىشنى قىيىنلاشتۇرۇپ ، ھەممىنى جوڭگو پەدىسىدە ئويلاپ يۇرۈپتىكەنمەن . ئەمما بۇ يەرنىڭ ئوقۇش سىستىمىسى تۈپتىن بىزىڭكى بىلەن پەرقلىنىدكەن . مۇئەللىملىرى بىلەن ئەركىن ئازادە پاراڭلىشپ چاقچاقلىشىپ يۈرىدىكەن ، مۇئەللىمرەمۇ باللارغا بەك ئامراق ئىكەن . ئشىقىلىپ ماڭا بۇلارنىڭ ئىش قىلىشتا مەسئۇلىيەتچانلىقى بىلەن سىلىق -سىپايىلىقى بەك چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى .
تىل دەرىسىمدىلا باشقا ياقا يۇرتتىن كەلگەن باللا بىلەن بىللە ئوقۇيمەن ، باشقا دەرىسلىرىمدە يەرلىك باللا بىلەن بىللە ئوقۇيمەن . پەقەت تىل دەرىسىمدىلا ئۆزەمنى ئەركىن تۇتۇپ قانداق گىپىم بولسا دىيەلەيتتىم ، باشقا دەرىستە بولسا باشقىلارنى زاڭلىق قىلارمىكىن دەپ ئەيمىنىپ گەپ قىلغۇم كەلمەيتتى . ئەمما مۇئەللىملىرىم ماڭا بىر خىل ئامراقلىق قىلاتتى ، دەرىستىن چۈشكەندە مىنى ئىلىپ قىلىپ دەرسنى چۈشەنگەن چۈشەنمىگىنىمنى سورايتتى . تاپشۇرۇقلارنى قانداق ئىشلەش توغۇرلۇق مەسلىھەت بىرەتتى . ئىشقىلىپ ھەممە مۇئەللىمرىنى بەك ياخشى كۆرەتتىم .
ھازىر تولۇق ئوتتۇرىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى يىلى ، دەرىسلەردەئانچە قىينالمايمەن ، يەنىلا مۇئەللىرىمنىڭ ياردىمى بىلەن نەتىجەم 80دىن چۈشمەي ياخشى كىتىپ بارىدۇ .
خىزمەت تىپىش !!!!!!!!!!!!!!
مەن بۇرۇندىن ئاتا-ئانامدىن پۇل سوراپ خەجلىمەيتتىم ، ۋەتەندىكى چاغدىمۇ ، دادامغا ياردەملىشىپ ئاشخانىغا قارىشىپ بەرگەن بولغاچقا ئايدا چىقىپ تۇرىدىغان ئايلىقىم بار ئىدى . پۇلنىمۇ قۇرقماي چوڭ خەجلەپ يۈرىيتتىم .
ئەمما كانادا دا ئۇنداق بولماي قالدى ، قېشىمدا پەقەت خەجلەيدىغان پۇل قالمدى ، ئۆيدىكىلەردىن ئەسلا پۇل ئىلىپ خەجلىگۈممۇ كەلمىدى . قانداق قىلاي ؟؟؟؟
بۇ يەردىكى ھەممە باللا 16ياشتىن ئاشقان بولسىلا ئىشلەيدىكەن ، مەنمۇ ئىشلەپ باقاي دەپ ، مۇشۇ يەردىكى ئۇيغۇر باللادىن ئىشنىڭ خەۋىرىنى ئىلىپ سۈرۈشتۈرۈپ يۇرۇپ بىز شام زاۋۇتىنى تاپتىم . دۇشەنبىدىن -جۇمەگىچە ئوقۇيمەن ، پەقەت شەنبە يەكشەنبىدە بىكار بولغاچقا ، ھەپتە ئاخىرىدا 8 سائەتتىن ئىشلەپ باقتىم . دەسلەپتە ئۆيدىكىلەر ئىشلىشىمگە قاتتىق قارشى تۇردى ، بىز سىنى ئىشلىسۇن دەپ ئەكەلمىگەن ، ياخشى ئوقۇ ، پۇلدىن غەم قىلما ، خەجلەيدىغان پۇل دىسەڭ مەن بىرىمەن ، زاۋۇتتا ئىشلىمە دەپ قەتئىي ئۇنىمىدى .
مەنمۇ ئۇلاردىن ئۆتە جاھىل بولغاچقا ، ئىشلەيمەن دەپ تۇرىۋالدىم . ئۆيدىكىلەرمۇ بوپتۇ ئمىسە بىر كۈن ئىشلەپ باق دىدى . ئۇلارنىڭ رۇخسىتىنى ئىىلىپ ئىككى كۈن ئىشلەپ باقتىم ، ئىشىغۇ ئىغىر ئەمەستى بولمىسا ، شام زاۋۇتى بولغاچقا ھەرخىل پۇراق بىلەن باش ئاغرىقى تىپىۋالدىم .
شۇنداق قىلىپ 2 كۈنلۈك مۇئاشىمنى ئىلىپ ، ئىشلىمىدىم .
ئىشلەشنىمۇ ئويلاپ باقمىغان ئىدىم . يازلىق تەتىل كىلىشى بىلەن يەنە ئىشلىگۈم كىلىپ قالدى ، يەنە ئۇنىڭ -بۇنىڭدىن سۈرۈشتۇرۇپ يۇرۇپ ئەمدى مىۋە -چىۋە يۆتكەش ئورنىدا ئىش تاپتىم . ئۇ ياردە قىلىدىغان ئىشىم سىسىق مىۋىلەر نى ئايرىپ يەشىككە قاچىلاش بولدى . ئۇ يەردە چىداپ 2 ھەپتە ئىشلىدىم . ئاخىرى ئۇ يەردىمۇ ئىشلىگۈم كەلمىدى .
چۈنكى ،مىنىڭ مىجەزىمدە ، خەق ماڭا ئىش بۇيرىسا قەتئىي قىلغۇم كەلمەيتتى ، زاۋۇت دىگەندە قەدەمدە بىر باشلىق ، بىر قەدەم نىرى بولسىڭىز بىرسى پەيدا بوپ ئۇنى بۇنى بۇيرىتتى .
ئۆيدە دەم ئىلىپ قالغان تەتىلىمنى ئۆيدە ئۆتكۈزدۇم . ئاپام خىزمەت ئىشى بىلەن ۋەتەنگە قايتىپ كەتتى ، پۇتۇن ئۆينىڭ ئىغىر -ينىك ھەممە ئىشى ماڭا قالدى . سىڭللىرمدىن خەۋەر ئىلىش ، تاماق ئىتىش ، كىر يۇيۇش ، ھەممە ھەممە ئىشلار ماڭىلا قاراشلىق ئىدى . ئوقۇپ ھەم ئۆينىڭ ھۆددىسىدىن چىقىپ ئۆيدىلا ئىشلىدىم .
ئۇ چاغلارنى پەقەتلا ئويلىغۇم يوق ، راستىمنى دىسەم شۇ چاغدا بەك قىينالغان ئىدىم . ئاپام قىشىمدا يوق ، دىلىم سۇنۇق ، پاراڭلىشىدىغان ئادىمىم يوق بەك قىينالغان ....... ھىىــــــــــــــــــــــــيـــــــــــــــــــي . ئۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كەتتى.
يەنە بىر قىتىملىق يازلىق تەتىلدە ياخشىراق ئىش تىپىش ئۈچۈن ، مەكتەپتە ئۆگەنگەن ئىش تىپىش يولى بىلەن ئىش ئىزدەپ بازارغا چىقىپ باقتىم ، مەن بارمىغان ، كىيىم سىتىش دۇكىنى ، قەھۋاخانا ، تاماقخانا قالمىدى . ھىچ يەردىن خەۋەر يوق ، ئۈمىدسىزلىنىپ ئولتۇرغان كۈنلەرنىڭ بىرىدە بىر تىزتاماقخاندىن كۆرۈشىشكە تىلفۇن كەلدى .
مەن ئۇ يەرگە باردىم ، ئۆزۈمنى تۇتىۋىلىپ ، ھەر بىر سورىغان سوئالىغا ئۇلار رازى بولغىدەك جاۋاپ بەردىم . مىنى قۇبۇل قىلغان ئايال پاكىستانلىق مۇسۇلمان ئايال ئىدى . مەنمۇ ئۆزەمنىڭ مۇسۇلمان ئىكەنلىكىمنى دىگەندە بەك ئۇ ئايال بەك خۇش بولۇپ كەتتى . شۇنداق قىلىپ ئۇ ئايال مىنى خىزمەتكە قۇبۇل قىلدى، مەن ئۆۇيگە شۇنچىلىك خۇشال ھالدا قايىتپ كەلدىم،
6-ئاينىڭ 27 -كۈنىدن باشلاپ مەن ئۇ تىز تاماقخانىدا پۇل يىغىش ئورنىدا ئىشلىدىم ، ئىشداشلىرىم بىلەن تىزلا چىقىشىپ كەتتىم .
تا ھازىرغىچە يەنە شۇ دۇكاندا ئىشلەپ كىلىۋاتىمەن .
مەزكۇر تېمىنىڭ ئىگىلىك (چۈشەندۈرۈش) ھوقۇقى ئەسلى مەنبەسىدىكى يوللىغۇچى ۋە شۇ توربېكەتكە مەنسۇپ. بۇ يەرگە كىرسىڭىز تېخىمۇ مول مەزمۇندىن بەھرىمەن بولىسىز.مەرھەمەت