ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز قېرىنداشلار......سىلەرگە كانادادىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار نامىدىن ئوتلۇق سالام..ھەممىڭلارغا سالامەتلىك يار بولسۇن....نەخ گەپكە كەلسەك...يېقىندىن بېرى ۋەتەندىكى بىلىمگە تەشنا ستۇدېنتلىرىمىز ئارسىدا چەتئەللەرگە چىقىپ ئوقۇش ئۈچۈن ئىزدىنىدىغان بىر ياخشى كەيپىيات بارلىققا كەپتۇ بۇ مېنىڭچە ئىنتايىن بىر ياخشى تاللاش...لېكىن ساۋاقداشلارغا قارغۇلارچە خاتا يوللارنى باسماسللىقىنى ،<مەيلى قايسى دۆلەت بولسا بولىۋېرىدۇ>دەيدىغان خاتا قارش تۇرغۇزۇلۇپ قالمىسۇن...چۇنكى سىزگە چەتئەل بولسىلا سىز بىلىم ئالالايسىز دىگىلى بولمايدۇ...ھەتتا خىلى چوڭ دۆلەتلەرنىڭ ئوقۇتىشىمۇ ۋەتەندىن پەرىقلىنىپ كەتمەيدۇ شۇڭلاشقا ئۆزىڭىزنىڭ كەسپىنى تېخىمۇ راۋاجلاندۇرالايدىغان ،ھەم شۇ كەسىپ بويىچە ئوقۇتۇشى ياخشى بولغان دۆلەتلەرنى تاللىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن....ئاڭلاشلارغا قارىغاندا ساۋاقداشلاردا < كاناداغا ئوقۇش ئۇچۇن چىقىش- بىر باسقىلى بولمايدىغان قىيىن يول>دەيدىغان خاتا قاراش پەيدا بوپ قاپتۇ....بۇ بەلكىم كانادا كونسولىنىڭ ۋىزا بېجىرىشتىكى قاتتىق تەلەپلىرىدىن بولغان بولىشى مۇمكىن...لېكىن ئۇنچىلىك ئويلىغاندەك قىيىنمۇ ئەمەس...بۇ توغۇرلۇق كانادادا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ۋەتەندىكى ساۋاقداشلارغا ئۆز تەجىربىمىز ئارقىلىق يول كۆرسىتىپ..يېڭى ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەش مەخسىتىدە ئۇيغۇر ستۇدېنتلار بلوگىنى قۇرۇپ چىقتۇق....چەتئەلگە چىقىۋالساقلا بولمايدۇ...باشقىلارغىمۇ نەپ يەتكۈزىشىمىز كېرەك ئەلۋەتتە.....بىر يولنى ھەممىمىزنىڭ خاتا بېسىپ بېقىشى زۆرۈر ئەمەس شۇڭلاشقا ئۆز تەجىربىمىزنى باشقىلار بىلەن ئورتاقلاشساق.....ساۋاقداشلارنىڭ بىزنى قوللاپ مۇشۇ يولدا ئىزدىنىۋاتقان دوستلارغا يەتكۈزۈپ قويىشىنى ئۇمۇد قىلىمىز ... ھەمدە بۇ تېمىنى باشقا مۇنبەرلەرگىمۇ يوللاپ قويساڭلار...ھەممە بالىلار ئورتاق پايدىلانسۇن...باشقا مۇنبەرلەرگىمۇ يوللاي دىگەن قەتتى كىرەلمىدىم........مەن بۇ پايچېكى مۇنبىرىگە تولىمۇ تەستە كىردىم......تور بىكەت بىلوگ قۇرغان دوستلار ئۇلىنىش قىلىپ قويساڭلار.....ئاللاھ سىلەرگە خاتىرجەملىك.ئشلىرىڭلارغا ئاسانلىق نىسىپ قىلغاي........
http://uyghurstudent.blogbus.comئادرىسى::
نامى:ئۇيغۇر ستۇدېنت بلوگى
http://bbs.diyarim.com/read.php?tid=25853