بۇ تېما جەمئىي 83 قېتىم كۆرۈلدى.
يېڭى تېما يوللاش
بېسىپ چىقىرىش

<بوجالار>مۇ ياكى <باجەلەر>مۇ؟

<بوجالار>مۇ ياكى <باجەلەر>مۇ؟

ئۆزبېكچە <باجەلەر>ئانسامبىلى -ياش ناخشىچىلاردىن جاھانگىر بىلەن مۆمىننىڭ باشقۇرۇشىدىكى داڭلىق ياشلار ئانسامبىلى بولۇپ،ئۇلارنىڭ مەزمۇنلۇق ناخشىلىرىنى ئۇيغۇر ياشلىرىمۇ ياقتۇرۇپ ئاڭلايدۇ.بىراق يېقىندىن بۇيان بۇ ئانسامبىلنىڭ نامى ئۇيغۇرچە خاتا ھالدا <بوجالار>دەپ ئاتالماقتا.
ئۆزبېك تىلىنىڭ فونىمىسى(ئاھاڭدارلىقى)ناھايىتى قويۇق بولغان تاجىك تىل ئاھاڭدارلىقىنىڭ تەسىرىنى قۇبۇل قىلغان بولۇپ،بۇ جەھەتتىن باشقا تۈركى تىللاردىن روشەن پەرقلىنىپ تۇرىدۇ.تاجىك(پارسى)تىلىدا سۆزلەردىكى<ئا>ھەرپى ئوموميۈزلۈك <ئو>غا يېقىن تەلەپپۇز قىلىنىدۇ،مەسىلەن:<ئاسمان>سۆزى<ئوسمون> دەپ تەلەپپۇز قىلىنىدۇ.جۇغراپىيىلىك جايلىشىشى تاجىكلار بىلەن گىرەلىشىپ كەتكەن ئۆزبېكلەر مانا مۇشۇ خىل تاجىكچە ئاھاڭنى شۇ پېتىچە ئىستىمال قىلغان بولۇپ،بۇنىڭ مىسالى،ئاتۇش ئۇيغۇرلىرىنىڭ تەلەپپۇزى باشقا يۇرت ئۇيغۇرلىرىنىڭكىدىن روشەب پەرقلىنىپ،قىرغىز ئاھاڭدارلىقىغا يېقىنلاشقانلىقى بىلەن ئوخشاشتۇر.
شۇڭا ئۆزبېك تىلىدا<لالە>دىگەن سۆز ئاڭلىماققا<لولە>دەك ،<تەمەننازى>دىگەن سۆز<تەمەننوزى>دەك،<ئىدارە>دىگەن سۆز<ئىدورە>دىگەندەك ئاڭلىنىدۇ،ئومومەن، ئۇيغۇر ۋە باشقا يىللاردا <ئا>بولۇپ ئېيتىلىدىغان سۆزلەرنىڭ ھەممىسى ئۆزبېكچىدە<ئو>بولۇپ ئېيتىلىدۇ.بۇ ئۆزبېك تىلىنىڭ ئۆزىگە خاس بولغان ئالاھىدىلىكىدۇر.
ئۆزبېكىستان مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن رۇسلار زورلاپ تاڭغان سىلاۋىيان يېزىقىدىن ھازىرقى لاتىن ھەرپىگە ئۆتتى،ئەينى ۋاقىتتا يېزىق ئىسلاھاتى جەريانىدا ئۆزبېك تىلىنىڭ بۇ خاسلىقى نەزەردە تۇتۇلۇپ،يېزىق ئېغىز تىلىغا ماسلاشتۇرۇلۇپ تۈزۈلدى،يەنى،يېڭى ئۆزبېك يېزىقىدادۆلەت نامى<ئۇزبېكىستون>دەپ ئېلىندى.بىراق باشقا تىللارغا تەرجىمە قىلىنغاندا ئەلۋەتتە <ئۆزبېكىستان>دەپ ئېلىنىشى كېرەك ھەم شۇنداق بولۇپ كەلگەن.ھازىرقى ئۇيغۇر <<تەرجىمان>>لار بۇ بىلىملەردىن خەۋەرسىز بولغاچ،ھىچبىر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلمايلا<باجەلەرياكى ئۇيغۇر فونىمىسىداباجىلار(يەنى ئاچىسى بىلەن سىڭلىسىنىڭ ئەرلىرى ئۆز-ئارا ئاتىشىدىغان ئاتالغۇ)>قارىغۇلارچە ئۆگىنىپ قالغان لاتىنچىنى پىنيىنگە باغلاپ ئوقۇيدىغان ئادىتى بويىچە<بوجالار>دەپ ئاتاپ بىزلەرنى كۈلكىگە قويماقتا.ئېسىڭىزدە بولسۇنكى،سىز ھازىرقى زامان ئۆزبېك لاتىن يېزىقىدىكى خەتلەرنى ئوقۇغىنىڭىزدا چوقۇم يۇقارىقى قائىدىگە چۈشۈرىشىڭىز كېرەك.
مەزكۇر تېمىنىڭ ئىگىلىك (چۈشەندۈرۈش) ھوقۇقى ئەسلى مەنبەسىدىكى يوللىغۇچى ۋە شۇ توربېكەتكە مەنسۇپ. بۇ يەرگە كىرسىڭىز تېخىمۇ مول مەزمۇندىن بەھرىمەن بولىسىز.

مەرھەمەت

TOP

نەزىرىڭىزدىكى قىممەتلىك يازمىلارنى يادىمدادا تەۋسىيە قىلىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز
يېڭى تېما يوللاش