بۇ تېما جەمئىي 83 قېتىم كۆرۈلدى.
يېڭى تېما يوللاش
بېسىپ چىقىرىش

سىنىپ مۇدىرىلىق خىزمىتى

سىنىپ مۇدىرىلىق خىزمىتى

(مۆمىن زۇنۇن)


    سىنىپ مۇدىرى بىر سىنىپنىڭ تەشكىللىگۈچىسى، تەربىيىچىسى ھەم مەكتەپ تەلىم – تەربىيە خىزمىتىنىڭ ياخشى ئىشلىنىش – ئىشلەنمەسلىكىنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچىسى، مەكتەپ ئومۇمىي خىزمىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى.
  سىنىپ مۇدىرلىق قىلىش جەريانىدا يەكۈنلىگەن تەجرىبە – ساۋاقلىرىمنى كەسىپداشلىرىم بىلەن ئورتاقلاشماقچىمەن:
    1. سىنىپ مۇدىرى سىنىپ ھەيئەتلىرىنى تەشكىللەشكە ماھىر بولۇشى كېرەك. بىر ياخشى سىنىپ كوللېكتىپىنى شەكىللەندۈرۈشتە، سىنىپ كادىرلىرىنىڭ تىرىشچانلىقىدىن ئايرىلغىلى بولمايدۇ. شۇڭا، ئەقلىي، ئەخلاقىي ۋە جىسمانىي جەھەتلەردىن باشقىلارغا ئۈلگە بولالايدىغان ئوقۇغۇچىلارنى سىنىپ ھەيئەتلىكىگە تاللاش كېرەك.
  2. سىنىپ مۇدىرى ئوقۇغۇچىلارغا باراۋەر مۇئامىلە قىلىشى زۆرۈر. سىنىپ مۇدىرى دەرستە ياخشى ئوقۇغۇچىلارغا ياخشى مۇئامىلە قىلىپلا قالماي، ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلارغىمۇ ئوخشاش مۇئامىلە قىلىشى كېرەك.
  3. سىنىپ مۇدىرلىرى سۆھبەتلىشىشكە سەل قارىماسلىقى زۆرۈر. ئوقۇغۇچىلار سۆھبىتىگە ئەھمىيەت بېرىپ، ئوقۇغۇچىلاردا كۆرۈلگەن ھەر خىل نۇقسانلارنى ۋاقتىدا ئوقۇغۇچىغا تۈزىتىش توغرىسىدا تەربىيە بېرىشى، سىنىپ ئىچىدە يالغانچىلىقىتن ساقلىنىش توغرىسىدىكى تەربىيىنى كۈچەيتىشى، سىنىپ كوللېكتىپىنىڭ ئىچىدە ئوقۇغۇچىلارغا تەنقىد – تەربىيە بېرىشتىن ساقلىنىشى كېرەك. ئائىلە سۆھبىتىگە ئەھمىيەت بېرىپ، ئوقۇغۇچىلاردا كۆرۈلگەن فىزىئولوگىيىلىك، پسىخىكىلىق ئۆزگىرىشلەرنى ئائىلە باشلىقلىرىغا ۋاقتىدا يەتكۈزۈپ، تەربىيە ئۇسۇلى ئۈستىدە ئۆز ئارا كېڭىشىشى، ئاتا – ئانىلار سۆھبەت يىغىنىغا سەل قارىماسلىقى كېرەك.
    4. سىنىپ مۇدىرى ئەمەلىي پائالىيەت ئارقىلىق يېتەكلەشكە ئەھمىيەت بېرىشى زۆرۈر. ئامېرىكىلىق داڭلىق مائارىپشۇناس جاز – رۇمىس: ‹‹تۇرمۇشنى، ئىنسانىيەتنى، ھەقىقەتنى، سەمىمىيەتنى قىزغىن سۆيىدىغان ئوقۇغۇچى 100 نومۇرلۇق ئوقۇغۇچىغا قارىغاندا جەمئىيەتكە تېخىمۇ پايدىلىق››، دېگەن. سىنىپ مۇدىرى مەكتەپ ئىچى ۋە سىرتىدىكى پائالىيەتلەرگە ئوقۇغۇچىلارنى ئاكتىپ قاتناشتۇرۇش بىلەن بىللە، سىنىپ كوللېكتىپى ئىچىدە ھەر خىل پائالىيەتلەرنى تەشكىللىشى كېرەك.
    5. سىنىپ مۇدىرى ئۆزى ئۈلگە بولۇشى زۆرۈر. تۈرلۈك ئىجتىمائىي پائالىيەتتە سىنىپ مۇدىرى بۇيرۇق چۈشۈرىدىغان قوماندان بولۇشتىن ئۆزى قول سېلىپ ئىشلەيدىغان باشلامچى بولۇشى كېرەك.
  6. سىنىپ مۇدىرى باشقا پەن ئوقۇتقۇچىلىرى بىلەنمۇ چۈشىنىش ۋە ھېسسىيات ئالماشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىشى زۆرۈر. دەرس ئوقۇتقۇچىلىرىدىن ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرس ئۆزلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى ئىگىلەپ تۇرۇشى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرس ئوقۇتقۇچىلىرىغا بولغان تەكلىپ – پىكىرلىرىنى سەمىمىي قوبۇل قىلىشى، ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى ئوقۇشماسلىقلارنى ۋاقتىدا تۈگىتىپ، ئېنىق چۈشەنچە ھاسىل قىلىشى كېرەك.
  7. سىنىپ مۇدىرىنىڭ ھەر بىر سۆز – ھەرىكىتى، يۈرۈش – تۇرۇشى تەبىئىي ھالدا ئوقۇغۇچىلارغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇڭا، سىنىپ مۇدىرلىرى ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ئۈلگە بولۇشى، ئوقۇغۇچىلارغا بولغان ئەخلاق تەربىيىسى، ئىتتىپاقلىق، ۋەزىيەت تەربىيىسى بېرىشكىمۇ ھەر ۋاقىت ئەھمىيەت بېرىشى زۆرۈر.
    8.سىنىپ مۇدىرى سىنىپتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۇراقلىقىغا، ئۇلارنىڭ مەكتەپكە كېلىپ، دەرسلەرگە قاتنىشىش ئەھۋالىغا يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈپ، سەزگۈرلۈك بىلەن كۆزىتىپ تۇرۇشى، مەسىلە ساقلانغان ھامان تەدبىر قوللىنىپ ھەل قىلىشى زۆرۈر.
  
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتىمەزكۇر تېمىنىڭ ئىگىلىك (چۈشەندۈرۈش) ھوقۇقى ئەسلى مەنبەسىدىكى يوللىغۇچى ۋە شۇ توربېكەتكە مەنسۇپ. بۇ يەرگە كىرسىڭىز تېخىمۇ مول مەزمۇندىن بەھرىمەن بولىسىز.

مەرھەمەت

يادىمدا ھەر ۋاقىت يادىمدا

TOP

نەزىرىڭىزدىكى قىممەتلىك يازمىلارنى يادىمدادا تەۋسىيە قىلىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز
يېڭى تېما يوللاش