ئەسسالامۇئەلەيكۇم دوستلار،
تۆۋەندىكى ئۇچۇرلار بولسا مەن بايا ئىرىشكەن شىۋىتسىيىنىڭ لىنشۆپىڭ (Linköping) ئونۋىرسىتىنىڭ ئۈچ خىل كەسىپتە دوكتۇرلۇقتا ئۇقۇشقا ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش ئېلانى. كەسپى ماس كېلىدىغان دوستلارنىڭ ئىلتىماس قىلىپ بېقىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.
ئەسكەرتىش: ئەگەر سىز شىۋىتسىيىدە دوكتۇرلۇق ئۇقۇشقا قۇبۇل قىلىنىپ قالسىڭىز، سىز قۇبۇل قىلىنغان فاكۇلتىتنىڭ بىر خىزمەچى خادىمى سۈپىتىدە قارىلىپ ئايلىق مۇئاشقا ئىرىشىسىز. ئايلىق مۇئاشى 19،000- 24،000 شىۋىتسىيە كىروناسىغىچە (ھازىر شيىۋىتسىيە كىروناسى بىلەن خەلىق پۇلى ئوخشاشقۇ دەيمەن، بەلكىم خەلىق پۇلى سەل يوقىرى بۇلىشى مۇمكىن، كىرزىس تۈپەيلىدىن، يازنىڭ ئالدىدا خەلىق پۇلى تۆۋەن ئىدى.) تۇرمۇشىڭىزغا، يالغۇز بولسىڭىز، ئېيىغا 5000 كىرونا يېتىدۇ ئىختىساتچىل بولسىڭىز. ئۇقۇش مۇددىتى 4 يىل (پۈتۈن كۈن ئۇقىسىڭىز) ناۋادا ئۇقۇتۇش بىلەن (تۇلۇق كۇرۇس ئوقۇغۇچۇچىللىرىغا دەرىس بېرىسىز) شۇغۇللانسىڭىز ۋە ئىمتاھان تەكشۈرۈش دىگەندەكلەرنى قىلسىڭىز 5 يىل. ناۋادا بالىلىق بولسىڭىز (توي قىلغانلار ئەلۋەتتە) مۇئاشىڭىزنىڭ 80% نى ئېلىپ تۇرۇپ بىر يىل بالىڭىزنى بېقېشقا ئارام ئالالايسىز. مۇشۇنداق قىلىپ ئۈچ بالىلىق بولسىڭىز ياكى ئاغرىپ يېتىپ قالسىڭىز (يېتىپلا ئەمەس، دوختۇر ئارام ئېلىشىڭىزنى زۆرۈر دىسە) ئۇقۇشنى 8 يىل داۋام قىلالايسىز. بۇ 8 يىللىق (مۇئشلىق) خىزمەت دىگەن گەپ. سىز يەنە بىر ئەسلىھەلىرى تۇلۇق (كومپيوتېر، ئۈستەل كىتاب جاھازىسى دوسكا ۋەھا كازالار) بىر ئىشخانىغا ئىرىشىسىز. كىتاب، دەپتەر، قەلەم، يىللىق چېنىقىش ئورنىغا بېرىپ چېنېقىش پۇلى ھەممىسىنى فاكۇلتىت ئۈستىگە ئالىدۇ. يىلىغا بىر قېتىم خەلىقارالىق ئىلمى تەتقىقات دوكلات يىغىنلىرىغا بېرىپ كىلىش بارلىق چىقىمى دىگەندەكلەرنىمۇ فاكۇلتىت ئۈستىگە ئالىدۇ. سىزگە (كەسپى جەھەتتىن تەرەقى قىلىشىڭىزغا) لازىملىق ھەرقانداق ماددى بۇيۇملارنى تەييارلاپ بېرىدۇ.
1.
http://www.liu.se/en/job/show.html?2644
بۇ Biomolecular and Organic Electronics Biorgel دىكى دوكتۇرلۇقتا ئۇقۇشقا ئائىت. (تەرجىمە قىلماسلىقىمدىكى سەۋەپ، ئۇشبۇ ئۇرۇنغا قىزىقىدىغانلارنىڭ ئېنگىلىزچە بىلىشى تەلەپ قىلىنىدىغانلىغى سەۋەبىدىن. )
2.
http://www.liu.se/en/job/show.html?2647
ORGANIC SIGNAL PROCESSING SYSTEMS
3.
http://www.liu.se/en/job/show.html?2642
ORGANIC ELECTRONICS AIMED AT ORGANIC TRANSISTORS FOR E-PAPER
ھەر بىر ئۇرۇنغا (ئۇلۇنىشقا كىرسىڭىز) ئالاقىدار ئالاقىلاشقۇچىلارنىڭ ئېلخەت ئادىرسىدىن تارتىپ بار.
يەنە بىر ئەسكەرتىش: ئىلتىماس ماتىرياللىرى تۆۋەندىكىلەردىن تەشكىل تېپىشى زۆرۈر
1. تەلەپ قىلغان ساھەدىن ماگىستىرلق ئۇنۋانى،
2. شەخسى تەرجىمھال، (سەمىمى، راستچىل بۇلىشى كېرەك. بىر نوقتا شىۋىتسىيىلىكلەر ئارتۇق گەپنى ياختۇرمايدۇ)
3. تۇلۇق كۇرۇس، ماگىسترلق دەرىس نەتىجىللىرى، (مۇھىم)
4. ئىككىدىن ئۈچكىچە تۇنۇشتۇرۇش خىتى (پروففىسورنىڭ، ئېنگىلىزچە بۇلىشى كېرەك) (بەك مۇھىم)
5. ئۆزىنى تۇنۇشتۇرۇش خىتى (مۇھىم)
6. تەتقىقات پىلانى (تەلەپ قىلىنمايدۇ، لېكىن بولغىنى ياخشى)
7. ئېنگىلىزچە نەتىجە (بۇنىڭغا ئېنىق تەلەپ يوق لېكىن، ماگىستىر ئۇقۇشقا توفلدىن 550 دىن يوقىرى، ئايىلتىستىن 6 دىن يوقىرىنى تەلەپ قىلىدۇ، شۇڭلاشقا بۇ ئىككى ئىمتاھاندىن يوقارقى نۇمۇردىن يوقىرى ئېلىش كېرەك) (بەك مۇھىم)
8. ماگىسترىلىق ئىلمى ماقالە، ۋە باشقا ئېلان قىلغان ماقالىلەر (بولسا) (مۇھىم)
9. باشقا ئۆزىڭىز مۇھىم دەپ قارىغان نەرسىلەر، مەسىلەن، ئىرىشكەن ئۇنۋانلار دىگەندەك.
ئاخىرىدا سىلەرگە (ئىلتىماس قىلغۇچىلارغا) ئامەت تىلەيمەن.
http://www.bilik.cn/?dp-bbsthread-20046.html
http://www.meripet.com/Oqush/2008a6_Shwetsiye.htm