بۇ تېما جەمئىي 117 قېتىم كۆرۈلدى.
يېڭى تېما يوللاش
بېسىپ چىقىرىش

باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى چوقۇم يۈكنى ئېغىر كۆتۈرىشى كىرەكمۇ؟

باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى چوقۇم يۈكنى ئېغىر كۆتۈرىشى كىرەكمۇ؟

ئالدىنقى كۈنى مەن قەشقەر كوناشەھەر ناھيىسىنىڭ ئاۋات يىزىسىدىكى بىر باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىدىغان بىر دوستۇم بىلەن كۆرۈشۈپ قالدىم.دوستۇمنىڭ دەپ
بىرىشىچە ئۇ ھازىر مەكتىۋىدىكى 1-يىللىق قوش تىللىق  سىنىپىنىڭ مۇدىرى بولۇپ سىنىپتىكى
خانزۇچە،ماتىماتىكا،ئېلىپبە.......قاتارلىق دەرىسلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۆزى ئۆتىدىكەن.
ئەتىگەندە سىنىپقا كىرىۋالسا كەچكىچە سەككىز سائەت دەرس ئۆتۈپ ھېرىپ ھالى قالمايدىكەن،تاپشۇرۇق تەكشۈرۈش،ھەر خىل ئۈگۈنىش خاتىرىلىرىنى تولۇقلىمىسا مەكتەپ
مۇدىرىدىن قۇتۇلالمايدىكەن.مەن ئۇنىڭغا مەكتەپ رەھبەرلىرىگە دەپ بىر قىسىم دەرسلەرنى
باشقا ئوقۇتقۇچىلار ئۆتۈشۈپ بەرسۇن دىسەڭ بولمامدۇ دىسەم ئۇ بۇ گەپنى دىگەن بىكار ،
مەكتەپ مۇدىرى بۇنىڭغا چىرايلىق بولمايدۇ دىسە ياخشى،كەيپىياتى ياخشى بولماي قالسا
تېخى تىللايدۇ،تەڭ تۇرساڭ مائارىپ ئىشخانا باشلىقلىرىغا چېقىپ تېخىمۇ قىيىن ۋەزىپىلەرنى
ئارتىدۇ، بۇنىڭغا ئامال يوق دەيدۇ.بۇنداق بولسا ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىلىم ئىگەللىشىگە تەسىر
يەتمەمدۇ دىسەم،ھازىر ئوقۇغۇچىلارغا بىلىم بىرىش نەچچىنچى ئورۇندىكى مەسىلە ئوخشايدۇ،
دەيدۇ.
ئەزىز تورداشلار ئويلاپ باقايلى،بىر قوش تىللىق سىنىپنىڭ مۇدىرى بولغان ئادەم شۇنچە ئېغىر
ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئالسا،ئۇ قانداقمۇ دەرسلەرنى ئەتراپلىق تەييارلاپ بىزنىڭ كىلەچىكىمىز بولغان سەبىيلىرىمىزنىڭ قەلبىگە بىلىمنىڭ ئۇرۇقلىرىنى چاچالىسۇن؟؟؟  بىزنىڭ كىلەچىكىمىز
بولغان سەبىيلەرنىڭ ئۆمۈرى بىكارغا ئۆتۈپ كەتمەمدۇ؟ياكى ھازىرقى ساپا مائارىپىدا بىر ئوقۇتقۇچى ئاشۇنداق كۆپخىل دەرىسلەرنىڭ ھۆددىسىدىن كىلىپ چىقىش بەلگىلەنگەنمۇ؟
ئوقۇتقۇچىلارنى بولۇپمۇ باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنى ئاراممۇ ئالدۇرماي ئىشلىتىش كىرەكمۇ؟سەبىيلىرىمىز ئوزىگە تىگىشلىك بىلىملەرنى ئىگەللىيەلمەي باشلانغۇچنىڭ بىرىنچى
يىللىقىدىلا بىلىمسىز داشقاللار قاتارىغا ئكتۈپ كەتسۇنمۇ؟
ھۆرمەتلىك ،مۆھتىرەم مەكتەپ مۇدىلىرى،سىلەرمۇ ئاشۇنداق دەرس ئۆتەمسىلەر؟ ئاشۇنداق جاپالىق ئىشلەمسىلەر؟ ئىسىڭلەردە بولسۇنكى سىلەرمۇ ئاشۇنداق ئوقۇتقۇچى.
مەزكۇر تېمىنىڭ ئىگىلىك (چۈشەندۈرۈش) ھوقۇقى ئەسلى مەنبەسىدىكى يوللىغۇچى ۋە شۇ توربېكەتكە مەنسۇپ. بۇ يەرگە كىرسىڭىز تېخىمۇ مول مەزمۇندىن بەھرىمەن بولىسىز.

مەرھەمەت

يېڭى تېما يوللاش