( ھىكايە )
بالام ، ئۇزۇن بولدى سەن بىلەن پاراڭلاشمىغىلى . يېشىڭمۇ بىر يەرگە بىرىپ قالدى. بىزمۇ سېنىڭ تۇرمۇش غىمىڭنى
ئويلىشىپ، باش قاتۇرۇپ يۇردۇق. سېنىڭ لايىقىڭمۇ ئوقۇش پۇتۇرۇپ قالدى. بۇ ھەقتە خەۋىرىڭ بار ... كېلەر يىلى تويىڭنى قىلايلى
دەپ، ئىچكى جەھەتتىن تەييارلىق قىلىۋاتىمىز. بۇنىڭغا قانداق قارايسەن ؟ باشقىچە پىكىر، كۆز قاراشلىرىڭ بارمۇ ؟
_ دادا، مېنىڭ مۇھەببىتىم بار .
_ بىز ئويلىشىۋاتقان مەدىنەمۇ بالام ؟
_ ياق !
_ كىم ئۇ بىز بىلمەيدىغان ؟ نەچچە يىل بولدى، ساڭا گەپنىڭ ئوچۇقىنى قىلىپ يۇرگىلى . گەپ قۇلاقتا تۇرماپتۇ-دە ! ؟ ئاڭلاپ باقاي
دىگىنە ؟
_ مېنىڭ باشلانغۇچ مەكتەپتە بىللە ئوقۇغان ساۋاقدىشىم.
_ ئۇنى قانداق تاپتىڭ ؟
_ بىر كۇنى مېنى ئىز دەپ كەپتىكەن .
دادا -بالا ئۇتتۇرىسىدا پەدىشاپ بولسىمۇ ، يۇزۇمنى قىلىن قىلىپ، گەپلەرنى دەۋىرىشكە مەجبۇر بولدۇم.
_ بالام، قىز بىلەن كۆرۈشكەندە سەن تەلەپ قويدۇڭمۇ ياكى ئۇمۇ ؟
_ شۇ قىز تەلەپ قويغان ئىدى. مەن قوشۇلدۇم .
_ ئالە شەنى بالام . . . نەدىمۇ قىز تەلەپ قويىدىغان ئىش بولسۇن ؟ خوتۇن ئالامسەن ياكى ئەرگە تېگەمسەن ؟
_ خوتۇن ئالىمەن .
_ بىزنىڭ ئائىلىنى كۆزلەپتۇ-دە ! ھەي شەيتان قىزلار ... بالام، بىز تونۇش-بىلىشنىڭ ، ئەل جامائەت ئارىسىدا يۇز ئابرۇيى بار
كىشىنىڭ قىزىنى ئېلىپ بىرىمىز . ئاتام كۆرمىگەن ، دادام كۆرمىگەن نەدىكى قىزنى ئېلىپ بەرمەيمىز. بۇنى ئۇقتۇڭمۇ ؟ يەنە
ئويلىشىپ باق، پۇرسەت بار ؟
_ مەن شۇ قىزنى ئالىمەن .
_ ئايرىلىپ كەتكىلى بولمامدۇ ؟ خوتۇن ئالغانلارمۇ ئاجرىشىپ كېتىدۇ. سەن تېخى توي قىلمىغان تۇرساڭ. بۇ ئىشلىرىڭنى . . .
دەل شۇ چاغدا بالامنىڭ يانفۇنىغا ئۇچۇر كېلىپ قالدى. بۇ ئۇچۇردىن بالام سەل جىددىلەشكەن بولدى. << شۇ قىزدىن ئۇچۇر
كەلگەن بولمىسۇن ! بولغۇلۇق بولدى. مەن بۇ ئىشنى ۋاختىدا تىنجىقتۇرمىسام، بېشىمغا بالا، جېنىمغا جازا بولمىسۇن ؟ . . . >>
دىگەنلەرنى خىيال قىلىپ ، بالامنىڭ يانفۇنىنى ئېلىپ، ئۇچۇرىنى كۆرۈپ باقتىم. ئۇچۇردا << تاتلىقىم، جېنىم ، مەن سېنى بەكمۇ
سىغىندىم. سېنىڭ يازلىق تەتىلدە قىلغان ھەر بىر سۆزۈڭنى ئەسلىسەم، ئوقۇشتىن يىنىپ كېلىپ، سىز بىلەن بىللە تۇرغۇم بار.
ھازىر سىزنى ئەسلەپ ، ياتاقتا ياتتىم ... >> بۇ ئۇچۇر مېنى بالام بىلەن پاراڭلىشىشتىن توختاتتى.
قانداق قىلىشىم كىرەك ؟ خىياللىرىم بىردە كۆكتە پەرۋاز قىلسا، يەنە بىردە غاۋغاس بولۇپ دىڭىزدا شۇڭغۇماقتا . <<
خوتۇن ئال بالام ، ھەرگىز ئەرگە تەگمە ! >> بۇ مېنىڭ يۈرەك سۆزۇم ئىدى .
ئاپتۇرى: يۇسۇپجان سابىر ئوتياق
http://bbs.diyarim.com/read.php?tid=25263