بۇ تېما جەمئىي 144 قېتىم كۆرۈلدى.
يېڭى تېما يوللاش
بېسىپ چىقىرىش

Gmail يانفون نۇسخا 2.0 تارقىتىلدى {چۈشۈرۈڭ}

Gmail يانفون نۇسخا 2.0 تارقىتىلدى {چۈشۈرۈڭ}


Gmail نى يانفوندا ئاچىدىغان ياخشى قورال Gmail Mobile نىڭ يېڭى نەشىرى 2.0 تارقىتىلدى. بۇ نەشىرىنىڭ كودى يېڭىدىن يېزىلغان بولۇپ، سۈرئىتى تېخىمۇ تېز، ئىشەنچىلىك بولغان. يېڭى نەشىرىدە كۆپلىگەن ئورگىنال خەتلەرنى ساقلاش، توردىن ئۈزۈك ھالەتتە بىر قىسىم مەشغۇلاتلارنى قىلىش، بلاك بەرى (قارا بۆلجۈرگەن) تىپىدىكى يانفونلارنى قوللاش، ھىسابات ئۇچۇرىنى باشقۇرۇش قاتارلىق يېڭى ئىقتىدارلار قوشۇلدى. ھەمدە بۇ يېڭى نۇسخا 35 خىل تىلدا چىقىرىلدى.
چۈشۈرۈش ئۈچۈن GPRS ئىقتىدارى ئوچۇق بولغان يانفوندا m.google.com/mail كىرسىڭىز چۈشۈرەلەيسىز.
ئەگەر سىز جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتىنىڭ مۇلازىمىتىنى ئىشلەتكەن بولسىڭىز ئايلىقى 10 يۈەنلىك، 20 يۈەنلىك ۋە 50 يۈەنلىك GPRS ئايلىق كۆتۈرە ئېلىۋېلىش تۈرىنىڭ ئېھتىياجىڭىزغا ماس كەلگەن بىرەر تۈرىنى ئىشلىتىپ ئاندىن يانفون ئارقىلىق تورغا چىقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.
جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتىنىڭ يانفونىدا ئادەتتە تورغا چىققاندا سىز قوبۇل قىلغان ھەر كىلوبايت (تەخمىنەن مىڭ دانە لاتىنچە ھەرىپ) ئۈچۈن 3 فۇڭ ھەق تاپشۇرىسىز. ئەگەر 10 يۈەن ياكى 50 يۈەن بىلەن ئايلىق كۆتۈرە ئالسىڭىز ئۇلار مۇشۇ پۇلغا 20 مېگابايت ياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرى ئېقىم سوۋغا قىلىدۇ. 20 مېگابايتلىق GPRS ئېقىمى Gmail نى بىر ئايدا ھەر كۈنى ئېچىپ خەت يازسىمۇ تۈگەپ قالمايدىكەن.
ئەگەر سىز جۇڭگو بىرلەشمە خەۋەرلىشىشنىڭ GPRS كەسپىنى ئىشلەتسىڭىز بۇ ھەقتە بىرلەشمە خەۋەرلىشىش تىجارەت زالىدىن تەپسىلى ئەھۋالنى سۈرۈشتە قىلىڭ.
Gmail يانفون نۇسخا پەقەت Email نى سودا ئىشلىرىدا ۋە مۇھىم خىزمەت ئىشلىرىدا ئىشلىتىدىغان تورداشلارغا ماس كېلىدۇ. ئانچە مۇھىم خەت - ئالاقە ئىشلىرى يوق تورداشلارنىڭ ئارتۇقچە چىقىم تارتىپ يانفوندا تورغا چىقىپ ئېلخەت كۆرۈشىنىڭ زۆرۈريىتى يوق.

يانفوندا ئىشلىتىدىغان بىر نەچچە خىل Email ۋە IM قوراللىرى
جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىشنىڭ 50 يۈەنلىك ياكى 20 يۈەنلىك GPRS كەسپىنى بېجىرگەندە ئايدا يوللىغان ياكى تاپشۇرۋالغان خەتلەرنىڭ سىغىمى ئۇلارنىڭ بەرگەن چېكىدىن ئېشىپ كەتمەيدىكەن. ئېلخەت ياكى IM نى يانفوندا ئېچىش بەزىدە زۆرۈر بولۇپ قالىدۇ. سودىگەرلەرگە تېخىمۇ شۇنداق بولۇشى مۇمكىن. تۆۋەندىكى قوراللارنى مەن دائىم ئىشلىتىمەن. شۇنى ئەسكەرتىپ قويايكى يانفوندا تورغا چىقىش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان بۇ قوراللار قۇرۇق پاراڭ سېلىش ئۈچۈن قوللىنىلسا (گۇڭ كۆتەرمەيدۇ.) شۇڭلاشقا زۆرۈريىتى يوقلار قاچىلاپ ئاۋارە بولماڭ.
Mail by Googleبۇ يانفوندا ئىشىلىتىدىغان Gmail دۇر. چۈشۈرۈش ۋە قاچىلاش ئۇسۇلى:
يانفونىڭىز ئارقىلىق gmail.com/app قا كىرىڭ. ئاندىن Mail by Google نى چۈشۈرۈش ئورنى بار. بۇ ئورۇندىن يەنە Gmail For Mobile دىگەن قورالنىمۇ چۈشۈرگىلى بولىدۇ. Gmail For Mobile بىلەن مەن تەۋسىيە قىلىۋاتقان Mail By Google ئوخشاش. بىرسى كۆك رەڭلىك، بىرسى قىزىل رەڭلىك!
QQ يانفون نۇسخا
كىيۇكىيۇنىڭ ئەڭ يېڭى يانفون نۇسخىسىنى بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ. ياكى تۆۋەندىكى ئادرېستىن يانفون ماركىسى ۋە تىپىغا ئاساسەن چۈشۈرۈڭ.
http://mobile.qq.com/download_full.jsp
بۇ يەردىن بارلىق يانفون ئورتاق ئىشلىتىدىغان Java نۇسخىسىنى چۈشۈرەلەيسىز.
MSN يانفون نۇسخا
بۇ يەردىن MSN يانفون نۇسخىنى چۈشۈرۈڭ. ئۆزىڭىزنىڭ يانفون تىپىغا ئاساسەن تاللاپ چۈشۈرەلەيسىز.
Opera يانفون نۇسخا
مېنىڭچە ئوپېرا يانفوندا www تورىنى زىيارەت قىلىدىغان ئەڭ ياخشى تور كۆرگۈچ.
بۇ يەردىن ئۆزىڭىزنىڭ يانفونىغا ماس كېلىدىغان تىپىنى چۈشۈرۈپ قاچىلاڭ.
http://baliq.blogspot.com/2008/10/email-im.htm
يېڭى تېما يوللاش