ئېنگلىزچە - ئۇيغۇرچە ئەقىليە سۆز ۋە ماقال-تەمسىللەر
بۇلار مەن نەچچە ئايدىن بېرى يىغىپ قويغان ئەقىليە سۆز ۋە ماقال - تەمسىللەر ئىدى . ئەزىز تورداشلارنىڭمۇ كۆرۈپ بېقىشى ئۈچۈن ھوزۇرۇڭلارغا سۇندۇم .
1.Life a horse , and either you ride it or it rides you .
ھايات بىر ئات ، يا سىز ئۇنى مېنىسىز ، يا ئۇ سىزنى مېنىدۇ.
2. he supreme heppiness of life is the conviction that we are loved .
كىشلىك ھاياتتىكى ئەڭ چوڭ بەخت - ئۆزىڭىزنىڭ سۆيۈلدىغانلىقىغا ئىشىنىش.
3. The important thing in life is to have a great aim , and the determination to attainit .
كىشلىك ھاياتتا مۇھىمى ئۇلۇغۋار نىشان بولۇش ھەمدە ئۇنى ئەمەلگە ئاشۇردىغان ئىرادە بولۇش .
4. Make yourself necessary to someone .
ئۆزىڭىزنى باشقىلارغا كېرىكى بار ئادەم قىلىپ چىقىڭ .
5. Only dead fish swim with current .
پەقەت ئۆلۈك بېلىقلا ئېقىمغا ئەگىشىپ ئۈزىدۇ .
6. While there is life there is hope .
ئۆلمىگەن جاندا ئۈمۈد بار.
7. You have to believe in yourself . That is the secret of success.
سىز ئۆزىڭىزگە ئىشىنىشىڭىز كېرەك ، بۇ غەلبە قازىنىشنىڭ سىرى.
8. If you doubt yourself , then indeed you stand on shaky ground .
ئىككىلىنىۋاتقان بولسىڭىز ، ئەمەلىيەتتە خەتەرلىك ئورۇندا تۇرغان بولىسىز .
9. Life means struggle .
ھايات - كۆرەش دېمەكتۇر .
10. Life is daring edventure or nothing .
تەۋەككۈل قىلىش بولمىغان ھايات ، مەنىسىز ھايات بولدۇ.
11. Actions speak louder than words .
پاكىت مۇنازىردىن ئۈستۈن تۇرىدۇ ؛ قۇرۇق گەپتىن ئەمەلىي ھەركەت ياخشى؛
12. No pain , no gain. = No pleasure without pain .
جاپا تارتماي ھالاۋەت يوق .
13. You are not beaten until you give up .
سىز ۋاز كەچمىگەچكىلا يېڭەلمەيسىز.
14. Constant dropping wears away a stone .
توختىماي ئاققان تامچە تاشنى تېشەر .
15. Strike the iron while it is hot .
تۆمۈرنى قىزىقىدا سوق .
16. Do in Rome as the Romans do .
قارغۇنىڭ شەھرىگە بارساڭ بىر كۆزۈڭنى قىس .
17. Lies have short legs .
يالغانچىنىڭ قۇيرۇقى بىر تۇتام .
18. No way is impossible to courage = Nothing is impossible to willing heart .
قيىن ئىش يوق ئالەمدە ، كۆڭۈل قويغان ئادەمگە.
19. A willful man will have his way .
ھەر كىمنىڭ ئۆزىگە خاس يۇل بولىدۇ .
20. Misfortunes tell us what for tune is .
بەختسىزلىك بەختنىڭ نېمىلىكىنى ئېيتىپ بېرىدۇ.
21. What is learned in cradle is carried to the grave .
بۆشۈكىدە ئۆگەنگەن نەرسە قەبرىگىچە قېرىمايدۇ ؛ كىچىكىدە ئۆگەنگەن بىلىم تاشقا مۆھۈر باسقاندەك بولىدۇ ؛
22. It is lawful to learn from an enemy .
دۈشمەندىن ئۆگۈنىشمۇ قانۇنلۇق .
23. Score twice before you cut once . Look before you leap .
يەتتە ئۆلچەپ بىر كەس . ( ئويلاپ ئىش قىلىڭ )
24. The shortest way to do many things is to do only one thing at a time .
كۆپ ئىش قىلىشنىڭ ئاددىي يولى بىر قېتىمدا بىرلا ئىشنى قىلىش.
25. From words to deeds is a good space.
ئەمەلىيەت نەزىريەدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ .
26. A friend in nedd a friend indeed .
قىيىنچىلىقتا ئەس قاتقان دوست ھەقىقىي دوستتۇر.
27. A ture friend is one soul in two badies .
ھەقىقىي دوستلۇق ئىككى تەندىكى بىر روھتىن ئىبارەت .
28. The most precious of all possessions is a wise and loyal friend .
ئەڭ قىممەتلىك بايلىق - زېرەك ۋە سەمىمىي دوستتىن ئىبارەت.
29. Men are know by their friend .
ئادەم دوستى بىلەن تونىلىدۇ .
30. A friend’s frown is better than a fool’s smile .
دوستۇڭنىڭ غەزەپلىنىشى دۈشمىنىڭنىڭ كۈلكىسىدىن ياخشىراق.
31. Where there is unity, there is victory .
ئىتتىپاقلىق نەدە بولسا غەلبە شۇ يەردە.
32. United we stand , divided we fall .
بىرلەشسەك تۇرارمىز ، بۆلۈنسەك توزارمىز .
33. If two parties fight , a third party will benefit = To dogs strive for a bone , and a third runs away whit it = When shepherds quarrel , the wolf has a winning game.
ئىككى قاغا پوق تالاشسا ئوۋچىغا پايدا .
34. Love never grows old .
مۇھەببەت مەڭگۈ قېرىمايدۇ .
35. Love makes the world beatiful .
دۇنيا مۇھەببەت بىلەن گۈزەل ؛ مۇھەببەت دۇنيانى گۈەل قىلىدۇ.
36. A good wife and health is a man’s best wealth.
ساغلاملىق بىلەن ياخشى ئايال ئەرنىڭ ئەڭ زور بايلىقى
مەزكۇر تېمىنىڭ ئىگىلىك (چۈشەندۈرۈش) ھوقۇقى ئەسلى مەنبەسىدىكى يوللىغۇچى ۋە شۇ توربېكەتكە مەنسۇپ. بۇ يەرگە كىرسىڭىز تېخىمۇ مول مەزمۇندىن بەھرىمەن بولىسىز.مەرھەمەت
ئىلىم - پەن بىلوگىنىمۇ ئۇنتۇلۇپ قالماڭ .
[url=\
http://ilim-pen.blogbus.com]\
http://ilim-pen.blogbus.com[/url]